تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

جايلاردا جۇڭچيۇلۇق پائالىيەتلەر قىزىپ كەتتى

  تىيانشان تورى - شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ لىخۇا فوتوسى، خەۋىرى) 8-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچتە، كورلا شەھىرى چيەنچېڭ جىنشياڭ سودا كوچىسى ئادەملەر بىلەن لىق تولدى، كورلا شەھىرىنىڭ «جۇڭچيۇ بايرىمى مەدەنىيەت بازىرى» بۇ يەردە قاينام-تاشقىنلىق ئىچىدە ئېچىلدى. ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى، مىللىي چالغۇلاردا ئورۇنلانغان مۇزىكىلار، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىقلار شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرگە جۇڭچيۇ بايرىمى مەدەنىيەت كاتتا زىياپىتى ئېلىپ كەلدى.

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى رۇي فوتوسى ۋە خەۋىرى) 9-ئاينىڭ 5-كۈنى، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەززىلىك تائاملىرىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، قوشنىلار ئارا مەدەنىيەت كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى خېيجياسەن كوچا باشقارمىسى يۆجىنگەي كوچىسى جەنۇبىي مەھەللىسىدە «قۇۋۋەتلىك ۋە تەملىك خاس قورۇما» تېمىسىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك مەھەللە ئاشپەزلىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقە مەيدانىدا ھەر مىللەت ئامما ئۆزلىرى تەييارلىغان مەززىلىك تائاملارنى ئېلىپ مۇسابىقىگە قاتناشتى، باھالىغۇچىلار تەييارلانغان تائاملارنىڭ نامى، رەڭگى، پۇرىقى، تەمى، شەكلىگە قاراپ نومۇر قويدى، ئومۇمىي نومۇرى يۇقىرىلار غەلىبە قىلدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاھالىلىرى ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش كۈچەيتىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشى بېيىتىلىپ، ئاھالىلەر ئۆيلىرىدىكى «مەززىلىك تاماق ھىدى» قوشنىلار ئارىسىدىكى «ئادەمگەرچىلىك»كە ئايلاندۇرۇلدى.

   9-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) شىمالىي رايون سانائەت باغچىسىغا جايلاشقان شىنجاڭ جىنپەيلىئېر چوڭ بازار يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىدە، ئىشچىلار لاۋۋۇرېن يۆبىڭى، قېتىق يۆبىڭ قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىۋاتقان بولۇپ، تەييار بولغان يۆبىڭلار مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا توشۇلىدۇ.

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چىن پېڭ خەۋەر قىلىدۇ) 9-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى شىسەن كوچا باشقارمىسىدىكى 300 مۇھىت تازىلىقى ئىشچىسى جۇڭچيۇ يېتىپ كېلىش ئالدىدا، بېيجىڭدىكى بىر مېھىر-شەپقەت كارخانىسىنىڭ ھەر بىرەيلەنگە ئېلىپ كەلگەن تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.

    9-ئاينىڭ 10-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە يۆبىڭ ياسىماقتا. شۇ كۈنى، ئارشاڭ ناھىيەسى ئاڭگىلىگ بازىرى كىر ياخادا كەنتى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭچيۇ كاتتا بايرىمىنى خۇشال كۈتۈۋالدى. نەن شياۋتىڭ فوتوسى

   ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) شىمالىي رايون سانائەت باغچىسىدىكى ئۈرۈمچى ئەنجۈر يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ يۆبىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار زاكاز قىلىنغان مەھسۇلاتلارنى جىددىي ئىشلەپچىقىرىۋاتاتتى. بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان قولدا ئىشلەنگەن قايماق-قۇرۇق مېۋە تۈرىدىكى يۆبىڭلارنىڭ بازىرى ناھايىتى ئىتتىك بولۇپ، بۇ يىل يەنە قايماقلىق، يۇمشاق، ئاي يۈرۈشلۈك يېڭى پاسوندىكى يۆبىڭلار بازارغا سېلىندى.

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات فوتوسى) 9-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى داۋان كوچا باشقارمىسى يەنخۇا مەھەللىسى جۇڭچيۇ بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، كىچىك دوستلار پانۇس ۋە يۆبىڭ ياساشنى ئۆگىنىپ، جۇڭچيۇ بايرىمىنىڭ مەدەنىيەت ئۆرپ - ئادىتىنى چۈشەندى. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.