يېقىندا، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ جاغىستاي بازىرى تۆۋەنكى جاغىستاي كەنتىدىكى باغۋەنچىلىك بازىسىدا، تۇتاش ئۆستۈرۈلگەن نەچچە مىڭ مو يەردىكى شىنمېي پىشىپ ئۈزۈش مەزگىلىگە كىردى، باغۋەنلەر شىنمېينى ئۈزۈش، ئايرىش، توشۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، مول ھوسۇل ئالدىراشلىقىغا چۆمدى.
8-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىخو شەھىرى خاتۇبۇخ بازىرىنىڭ سەيكېتېڭخۇسۇمۇ كەنتىدىكى توقاچ شاپتۇل ئۈزۈش باغچىسىدا، تۇتاش كەتكەن بۈك-باراقسان شاپتۇل دەرەخلىرىدە قىپقىزىل شاپتۇللار شاخلىرىغا پاتماي قالدى. پۈتۈن شەھەرنىڭ باغ-ئورمانچىلىق ئومۇمىي كۆلىمى 21 مىڭ موغا، باغ-ئورمانچىلىق ھوسۇلى 1700 توننىغا، مەھسۇلات قىممىتى 20 مىليون 554 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، باغ-ئورمانچىلىق شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى يېڭى يولغا ئايلاندى. (ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاڭ جۈن، شۈ جيامىڭ)
8-ئاينىڭ 31-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسى يۈلياڭساڭ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى تېرىش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كوپىراتىپ ئەزالىرى كۆممىقوناقنى ئاپتاپقا سالماقتا. ھازىر، قۇتۇبى ناھىيەسىدە تېرىلغان 260 مىڭ مو كۆممىقوناق ئارقا-ئارقىدىن پىشتى، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى ھاۋا ئوچۇق ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ جىددىي يىغىپ ئاپتاپقا سالدى. شۇ جاي يەنە ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىلىرىنى دېھقان ئائىلىلىرىنى قۇرۇتۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە پائال تەشكىللىدى. تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى
8-ئاينىڭ 13-كۈنى، جىڭ ناھىيەسى داخىيەنزى بازىرى بېيىس كەنتىدىكى شوخلا ئېتىزىدا يىغىۋېلىش ماشىنىسى بىلەن توشۇش ماشىنىسى موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. قىپقىزىل شوخلىلار ئاپتوموبىلغا قاچىلانغاندىن كېيىن، ئېتىز بېشىدىن دەل ۋاقتىدا شوخلا قىيامى زاۋۇتىغا ئاپىرىپ سېتىلىدۇ. مۇرادىل ماناس فوتوسى
8-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شى 9-تۇەن 15-ليەنىدىكى بىر خىزمەتچى نەشپۈتزارلىقتا ئۈزۈۋېلىنغان نەشپۈتلەرنى ئاپتوموبىلغا قاچىلىماقتا. سۈن گوچۈەن فوتوسى
8-ئاينىڭ 27-كۈنى، باغراش ناھىيەسى بۇمبۇت بازىرىدىكى بىر دېھقان لازا قۇرۇتماقتا. چۆ. خۇرە فوتوسى
8-ئاينىڭ 27-كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى مۇيۈەن يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ سىلوس قونىقى تېرىش بازىسىدا بىر خىزمەتچى سىلوس قونىقىنىڭ دان تۇتۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. خۇا يەنمىڭ فوتوسى
8-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۈچتۇرپان ناھىيەسى ئۈچتۇرپان بازىرى توققۇز بۇلاق كەنتىدىكى باغۋەنلەر شاپتۇل ئۈزمەكتە. ۋەلى قېيۇم فوتوسى
8-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭ جىنفېڭيۈەن ئۇرۇقچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ شال تېرىقچىلىقى تېخنىك خادىملىرى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسىغا جايلاشقان شال تېرىقچىلىق بازىسىدا شال ئۇرۇقىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. يەن شوۋلىن فوتوسى
8-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2-شى 22-تۇەنىدىكى باغۋەنلەر قىشلىق چىلان ئۈزمەكتە. ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، 22-تۇەن ئۆستۈرگەن 253 ئەسلىھەلىك پارنىكتىكى كۈزلۈك چىلانلار ئارقا-ئارقىدىن پىشىپ ئۈزۈش مەزگىلىگە كىردى، تېرىقچىلار خادىملارنى ئۈزۈش، ئوراپ قاچىلاش، سېتىشقا پائال تەشكىللىدى. شيې جياڭلىن فوتوسى
8-ئاينىڭ 25-كۈنى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىگە جايلاشقان شىنجاڭ تيەنسەي ھاراقچىلىق قورۇقى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ھاراق ئېچىتىلىدىغان ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسىدا، ئۈزۈم ئۈزۈش ئىشچىلىرى ئۈزۈۋېلىنغان ھاراق ئېچىتىلىدىغان ئۈزۈملەرنى تىراكتورغا توشۇماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ھاراق ئېچىتىلىدىغان ئۈزۈم ئۆستۈرۈش، پىششىقلاشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، نۆۋەتتە ئوبلاست بويىچە ئۈزۈم ھارىقى كارخانىسى 40قا يېتىپ، يىللىق ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 100 مىڭ توننىغا يېقىنلاشتى. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ لىخۇا فوتوسى
8-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۇلۇغچات ناھىيەسى كانسۇ بازىرى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەر باغچىسىدا، ئالتۇندەك ساپسېرىق يۇمىلاق قوغۇنلار پېلەكلەر ئارىسىغا لىققىدە تولغان بولۇپ، قويۇق شېرىن ھىد ئەتراپقا تارالغانىدى، تۇنجى تۈركۈمدىكى «خۇاڭجىن 7-نومۇر» قوغۇنىدىن خۇشاللىنارلىق مول ھوسۇل ئېلىنغان بولۇپ، قوغۇنچى دېھقانلار پىشقان قوغۇنلارنى ئۈزۈۋاتاتتى. كانسۇ بازىرى بىلەن شىنجاڭ گولېدا يېزا ئىگىلىك پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتى كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، زاكاز ئەندىزىسى ئارقىلىق 130 پارنىكقا «خۇاڭجىن 7-نومۇر» قوغۇنى تېرىدى، شىركەت ئۇرۇق ۋە تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، قوغۇن پىشقاندىن كېيىن شىركەت بىرتۇتاش سېتىۋالدى، بۇ، قوغۇنچى دېھقانلارغا مۇقىم كىرىم ئېلىپ كەلدى. (ئىختىيارىي مۇخبىر ئۇچقۇن مەمەتقۇربان، ۋاڭ جياخۇي)
9-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاقتوقاي بازىرىدىكى 2800 مولۇق جىغانلىق بازىسىدا، كەنت ئاھالىلىرى شاخ چاتاش، مېۋە ئۈزۈش، سېۋەتكە قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولدى. ۋەلى قېيۇم فوتوسى
8-ئاينىڭ 18-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 12-شى 221-تۇەندىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر پات ئارىدا مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سېتىش ئۈچۈن جىددىي ئۈزۈم ئۈزمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇرپانغا جايلاشقان 221-تۇەن شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، «ئۈزۈم +» خاس كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، توردا، تور سىرتىدا سېتىش ئارقىلىق سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتتى، بۇ جايدىكى ئۈزۈمنىڭ ئۆزگىچە تاشقى كۆرۈنۈشى ۋە تەمى بازارنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلاردىكى سودىگەرلەرنى بەس-بەستە كېلىپ زاكاز قىلىشقا جەلپ قىلدى. ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ جىچىڭ
8-ئاينىڭ 23-كۈنى، توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ ئاغارسىن بازىرى سار ئۆزەك كەنتىدىكى مېۋىلىك باغدا، ئالما دەرىخىدە قىپقىزىل شياڭفېي تاشئالمىسى شاخلىرىغا پاتماي قالدى.
نۆۋەتتە، يەكەن ناھىيەسىدە سەبدەگۈل ئۈزۈش مەزگىلى يېتىپ كەلدى. يېقىندا دۆڭباغ يېزىسىنىڭ دۆڭباغ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى گۈل دېڭىزىدا سەبدەگۈل ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. دۆڭباغ كەنتى «كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسى ئارقىلىق سەبدەگۈلنى كۆلەملەشتۈرۈپ تېرىش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈپ پەرۋىش قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ يىل بۇ كەنتنىڭ سەبدەگۈل تېرىلغۇ كۆلىمى 350 موغا كېڭىيىپ، ھوسۇل مىقدارى بۇلتۇرقىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشتى، سەبدە گۈل كەسپى كەنت ئاھالىلىرىگە كۆرۈنەرلىك پايدا ئېلىپ كەلدى. ئىختىيارىي مۇخبىرلار يەن شۆچىن، قەلبىنۇر ئەخەت