تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئالتاي شەھىرىدە 500 مىڭ تۇياققا يېقىن چارۋا كۈزلۈك يايلاقلارغا كۆچۈرۈلدى

   9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، شىنجاڭ ئالتاي شەھىرىدە چارۋىلارنى كۈزلۈك يايلاق كۆچۈرۈش ئارقا - ئارقىدىن باشلاندى، 500 مىڭ تۇياققا يېقىن چارۋا يازلىق يايلاقتىن كۈزلۈك يايلاققا كۆچۈرۈلدى. چارۋىچىلار توپ -  قوي - كالىلارنى ھەيدەپ، چارۋا يولىنى بويلاپ ھەيۋەت بىلەن كۈزلۈك يايلاقلارغا قاراپ ماڭدى، شەپەق نۇرى ئاستىدا چارۋىلار كۆچۈۋاتقان ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈش شۇ جاينىڭ ئۆزگىچە بىر مەنزىرىسىگە ئايلاندى.

9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئالتاي شەھىرىدىكى تولغات يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانىدا چارۋىچىلار پادىلىرىنى ھەيدەپ كۈزلۈك يايلاقلارغا قاراپ ماڭماقتا.

9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئالتاي شەھىرىدىكى خاشيۇڭگۇ جىلغىسىدا ھەيۋەتلىك چارۋا كۆچۈرۈش قوشۇنى ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئالتاي شەھىرىدىكى تولغات يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانىدا چارۋىچىلار كۈز پەسلىنىڭ مەيىن شامىلىدا كۆچۈش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى.

9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئالتاي شەھىرىدىكى خاشيۇڭگۇ جىلغىسىدا چارۋىچىلار يىلقىلارنى ھەيدەپ كۈزلۈك يايلاقلارغا كۆچمەكتە.

9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئالتاي شەھىرىدىكى خاشيۇڭگۇ جىلغىسىدا، چارۋىچىلار قوي پادىلىرىنى ھەيدەپ كۈزلۈك يايلاقلارغا قاراپ ماڭماقتا. كۆچۈش قوشۇنى بىر قانچە كىلومېتىرغا سوزۇلغان بولۇپ، ئىنتايىن ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى.

9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئالتاي شەھىرىنىڭ چوئات چارۋىچىلىق مەيدانىدا چارۋىچىلار قوي باقماقتا. كۆچۈش چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلى بولۇپلا قالماي، يەنە ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنىڭ ئىپادىسى.

ئالتاي شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرلىرى ئۇلان خادىكېن، كۇفېن نىغمەت، زاڭغار جېڭىسبېك، تۇنۇق نۇرزاخ، زاڭغار جېڭىسبېك، ئارس كاكىن

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.