تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

«جاڭزاگۇ» خوشۇت ناھىيەسىنىڭ «ئالتۇن رەڭلىك» كەسپىگە ئايلاندى

    9-ئاينىڭ 1-كۈنى، خوشۇت ناھىيەسىنىڭ ئۇششاقتال بازىرىدا تېرىلغان چۈجگۈن قوناقلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى. خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە يېزا ئىگىلىك تۈرى ─ جاڭجياكوۋ «جاڭزاگۇ» خوشۇت ناھىيەسىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىدىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شۇ جاينىڭ سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق شارائىتىغا بىرلەشتۈرۈپ، پەن ـ تېخنىكا سېلىنمىسىنى ئاشۇردى، تېرىلغان چۈجگۈن قوناقنىڭ سۈپىتى ئەلا بولۇپ، مو بېشى ھوسۇلى 450 كىلوگىرامغا يېتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ لىخۇا)

 خوشۇت ناھىيەسىدىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكى چۈجگۈن قوناقنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

پىشىش ئالدىدا تۇرغان چۈجگۈن قوناق خۇددى بىر پارچە ماي بوياق رەسىمگە ئوخشاش نۇرغۇن ساياھەتچىنى كېلىپ سۈرەتكە تارتىپ خاتىرە قالدۇرۇشقا جەلپ قىلدى.

چۈجگۈن قوناقنىڭ دانىسى توق، ئۆسۈش ئەھۋالى ياخشى بولدى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.