ئوقۇش باشلىنىشتىن ئىلگىرى دەككە-دۈككە بولۇش ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا چوقۇم بېسىپ ئۆتىدىغان يول؛ ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىنكى خۇشاللىق بولسا كەلگۈسىنىڭ گۈزەل باشلىنىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر پاكىتقا يۈزلىنىمىز: كۈز، قىش پەسلى نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان پەسىل.
مەكتەپ ئادەم زىچ توپلانغان جاي، تېمپېراتۇرىنىڭ تەدرىجىي تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر ئۆي ئىچىدە جەم بولۇشقا مايىل بولىدۇ، بۇ، تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىق نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ تارقىلىشىغا قولاي شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.
بالىلارنى ھاۋالىلىك باقىدىغان يەسلى ئاپپاراتلىرى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر تارقىلىشچان زۇكام بويىچە توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇم يۈز بېرىدىغان نۇقتىلىق جاي. دۆلىتىمىزدە ھەر يىلى دوكلات قىلىنىدىغان تارقىلىشچان زۇكام بويىچە توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇم يۈز بېرىش ئەھۋالىنىڭ %90تىن كۆپرەكى مەكتەپ ۋە بالىلارنى ھاۋالىلىك باقىدىغان يەسلى ئاپپاراتلىرىدا يۈزبېرىدۇ. تارقىلىشچان زۇكامغا گىرىپتار بولغاندا، بالىلار دەرسكە قاتناشمايدۇ، ئاتا-ئانىلىرى ئىشقا بارالمايدۇ، بۇ، مائارىپقىمۇ، ئائىلىگىمۇ بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
1. تارقىلىشچان زۇكام دېگەن نېمە؟
تارقىلىشچان زۇكام تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسىلى. تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى ئاسان ئۆزگىرىدۇ، يۇقۇمچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ، كىشىلەر توپى تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىدا ئومۇميۈزلۈك ئاسان يۇقۇملىنىدۇ، يۇقۇملانغاندىن كېيىن پۈتۈن بەدەندىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى بىر قەدەر روشەن بولىدۇ، ئاساسلىق ئىپادىلىرى جىددىي خاراكتېرلىك كېسەل قوزغىلىش، يۇقىرى قىزىتما، باش ئاغرىش، پۈتۈن بەدەندىكى مۇسكۇللار تېلىپ ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىقلار.
بالىلار، ياشانغانلار، ھامىلىدار ئاياللار ياكى زىققا كېسىلى، دىئابېت كېسىلى، يۈرەك كېسىلى قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر توپى يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى بولۇپ، ئۆپكە ياللۇغى، جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس قىينىلىشىش يىغىندى ئالامىتى(ARDS)، كۆپ ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىق قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟
«تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەش» تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ تېجەشلىك، ئۈنۈملۈك ۋاسىتە. تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىدا ئاسانلا ئۆزگىرىش يۈزبېرىدۇ، ھەر يىلى تارقىلىشچان زۇكامنىڭ تارقىلىش تۈپىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىشى مۇمكىن، شۇڭا ھەر يىلى تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەش زۆرۈر.
3. قانداق ۋاقىتتا ۋاكسىنا ئەملەش كېرەك؟
ئادەتتە تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىپ ئىككى ھەپتىدىن تۆت ھەپتىگىچە ۋاقىتتىن كېيىن، قوغداش سەۋىيەسىگە ئىگە ئانتىتېلا ھاسىل بولىدۇ، شۇڭا تارقىلىشچان زۇكام تارقىلىش پەسلى يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى، تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئىممۇنىتېتلىق ئەملەشنى تاماملاش كېرەك. ئەگەر تارقىلىشچان زۇكام پەسلىدىن ئىلگىرى ۋاكسىنا ئەملەتمىگەن بولسا، تارقىلىشچان زۇكام پەسلىدە ھەرقانداق ۋاقىتتا ۋاكسىنا ئەملەتسىمۇ بولىۋېرىدۇ، شۇ جاينىڭ سەھىيە مۇلازىمەت ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈپ، ۋاكسىنا ئەملەشنى ئالدىن كېلىشسە بولىدۇ. ئوخشاش بىر تارقىلىشچان زۇكام تارقىلىدىغان پەسىلدە، تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەشنى تاماملىغان كىشىلەرگە تەكرار ئەملەش ھاجەتسىز.
ياخشى تازىلىق ئادىتىنى ساقلاش، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈش يۇقۇملىنىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق.
ئوقۇش باشلاش پەسلىدە، بالدۇر تەييارلىق قىلىپ، تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى بۇ نۇقتىلارنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ:
پات-پات دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرايلى، ماسكا تاقاپ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالايلى.
قولىمىزدا ئېغىز-بۇرنىمىزنى تۇتمايلى، ئادەم كۆپ جايلارغا كۆپ بارمايلى.
بەدەن چېنىقتۇرۇپ ئىممۇنىتېت كۈچىنمىزنى ئاشۇرايلى، ۋاكسىنا ئەملىتىشنى ئۇنتۇپ قالمايلى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى