ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سو روڭجى خەۋەر قىلىدۇ) جۇڭچيۇ بايرىمى يېقىنلىشىپ قالدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ بايرامنى خاتىرجەم، بىخەتەر، ساغلام ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى تاللاپ سېتىۋېلىش، يېمەكلىك يۆبىڭ، شۇنداقلا بايراملىق ئوپچە غىزالىنىش ۋە ھوقۇقىنى قوغداش ئېڭىدىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىكى بىخەتەر ئىستېمال ئەسكەرتمىسىنى ئېلان قىلدى.
يۆبىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىق يېمەكلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈرى كۆپ، مەسىلەن، گۇاڭدۇڭچە يۆبىڭ، بېيجىڭچە يۆبىڭ، سۇجوۋچە يۆبىڭ، يۈننەنچە يۆبىڭ، چاۋشەنچە يۆبىڭ قاتارلىقلار، ئىستېمالچىلار ئۆزىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئاساسەن مۇۋاپىق يۆبىڭ تۈرىنى تاللىسا بولىدۇ، سېتىۋالغاندا مۇنتىزىم سودا سارىيى، تاللا بازىرى ياكى ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلغان تور سۇپىسىنى تاللىشى، كىنىشكىسىز يايمىچىلار ياكى ئېتىراپ قىلىنمىغان تور دۇكانلىرىدىن سېتىۋېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك؛ سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن يېمەكلىكنىڭ بەلگە ئۇچۇرىنى، جۈملىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى، سۈپەت كاپالەت مۇددىتى، تەركىب جەدۋىلى، ئوزۇقلۇق بەلگىسى، ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنىڭ نومۇرى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش كېرەك. بەلگە ئۇچۇرى تولۇق بولمىغان ياكى ئۆزگەرتىلگەن ئىز بار مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالماسلىق كېرەك.
يۆبىڭ سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئىستېمالچىلار مەھسۇلات ماركىسىدىكى ساقلاش شارائىتى بويىچە ساقلىشى، ئىمكانقەدەر تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق، قۇرغاق، شامال ئۆتۈشىدىغان جايغا قويۇشى ھەمدە ساقلاش مۇددىتى ئىچىدە ئىستېمال قىلىپ بولۇشى كېرەك.
يۆبىڭ يۇقىرى قەنتلىك، يۇقىرى ياغلىق يېمەكلىك بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىستېمالچىلارنىڭ مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىشىنى، زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بولۇپمۇ ياشانغانلار، بالىلار ۋە دىيابېت كېسىلى قاتارلىق سوزۇلما كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان ئىستېمالچىلار ئىستېمال مىقدارىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. تەركىبىدە زىيادە سەزگۈرلۈك مەنبەسى بولغان يېمەكلىكلەر (مەسىلەن، خاسىڭ، قاتتىق پوستلۇق مېۋە قاتارلىقلار)نى سېتىۋېلىش ۋە ئىستېمال قىلىشتىن ئىلگىرى، ئىستېمالچىلار تەركىب جەدۋىلىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، زىيادە سەزگۈرلۈك ئەكس تەسىرى پەيدا قىلماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
بايراملىق ئوپچە غىزالىنىش جەھەتتە، ئىستېمالچىلار ئائىلە بويىچە جەم بولۇپ تاماق يېگەندە، يېڭى يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى تاللىشى، تاماق ئەتكەندە خام بىلەن پىششىقنى ئايرىۋېتىشكە دىققەت قىلىپ، گىرەلەشمە بۇلغىنىشتىن ساقلىنىشى، تاماقنى تولۇق پىشۇرۇشى، مەركىزىي تېمپېراتۇرا 70 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولۇشى، ئېشىپ قالغان تاماقلارنى مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ساقلىشى، سۈپىتى ئۆزگەرمەسلىك ئالدىنقى شەرتىدە، تولۇق قىزىتىپ ئاندىن ئىستېمال قىلىشى كېرەك؛ سىرتقا چىقىپ غىزالانغاندا، ئىستېمالچىلار مۇنتىزىم، پاكىز، ئىجازەتنامىسى بار ھەم ئىناۋەت دەرىجىسى بىر قەدەر ياخشى بولغان ۋە «ئوچۇق-ئاشكارا ئاشخانا»نى يولغا قويغان يېمەك-ئىچمەك ئورۇنلىرىنى تاللاپ غىزالىنىشى كېرەك؛ يېمەكلىكنىڭ يېڭى بولۇشىغا ۋە تازىلىق ئەھۋالىغا دىققەت قىلىشى ھەمدە ئىمكانقەدەر ئاممىۋى چوكا، قوشۇق ئىشلىتىپ، ئايرىم غىزالىنىشنى يولغا قويۇپ، «كېسەلنىڭ ئېغىزدىن كىرىش» نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، گىرەلەشمە بۇلغىنىش خەۋپىنى ئازايتىشى كېرەك.
توردا تاماق زاكاز قىلغاندا، مۇنتىزىم كەسپىي تاماق بۇيرۇتۇش سۇپىسى ياكى داڭلىق ماركىلىق يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ APP سىدىن تاماق زاكاز قىلىشنى تاللاش كېرەك، تاماق زاكاز قىلغاندا ئارىلىقى يېقىن بولغان يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنى تاللاش كېرەك. توردىن سوغۇق سەي، خام يېمەكلىك تۈرى، سوغۇق پىششىقلانغان پېچىنە-پىرەنىك قاتارلىق خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر سېتىۋالماسلىق كېرەك. يېمەكلىكنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، يېمەكلىك ئورالمىسىنىڭ مۇكەممەل ياكى ئەمەسلىكى، بۇلغىنىش ۋە سۈپىتى ئۆزگىرىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش ھەمدە ۋاقتىدا ئىستېمال قىلىش كېرەك.
ئەگەر ئىستېمالچىلار يۆبىڭ سېتىۋېلىش ياكى ئىستېمال قىلىش جەريانىدا يېمەكلىكتە سۈپەت مەسىلىسى بارلىقىنى بايقىسا، ئالاقىدار ئىسپاتلارنى ۋاقتىدا ياخشى ساقلىشى (مەسىلەن، مال سېتىۋېلىش تالونى، مەھسۇلات ئورالمىسى قاتارلىقلار) ھەمدە 12315 ئىستېمالچىلار ئەرز قىلىش قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفون بېرىپ ئىنكاس قىلىشى ۋە ئەرز قىلىشى كېرەك.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى