تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

176 بالىنىڭ «دادا»سى 38 يىلدا مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن بالىلار ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىپ بەردى

   □ ئىختىيارىي مۇخبىرلار\خۇ شياۋشەن، جاۋ چيەن

   «تۆپىلىكنى يورۇتتى قىپقىزىل قۇياش، قاماشتۇرار كۆزلەرنى ياپيېشىل ئوتلاق. قىزىل بايراق قىلار جەۋلان ھەممىلا يەردە، پورەكلىگەن بەخت گۈلى كۈلەر بەك ئوماق...» تېكەس ناھىيەسىدىكى «شېن جيەنجيا خىزمەت ئىشخانىسى»غا كىرگىنىمىزدە، قاۋۇل كەلگەن، تېرىسى قارامتۇلراق غەربىي شىماللىق بىرەيلەننى تۆت بالا ئوتتۇرىغا ئېلىپ چۆرىدەپ ئولتۇرغانىدى، بالىلار دومبۇرا چېلىپ، گارمون تارتىپ، خۇشال ھالدا قىرغىز مىللىتىنىڭ «پورەكلىگەن بەخت گۈلى كۈلەر بەك ئوماق» دېگەن خەلق ناخشىسىنى ئېيتىۋاتاتتى.

  بالىلار «دادا» دەپ قىزغىنلىق بىلەن چاقىرىۋاتقان بۇ كىشىنىڭ ئىسمى شېن جيەنجيا بولۇپ، بۇ يىل 68 ياش، تېكەس ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ پېنسىيەگە چىققان كادىرى. 1986-يىلىدىن ھازىرغىچە، ئۇ خەنزۇ، قازاق، قىرغىز، ئۇيغۇر، موڭغۇل قاتارلىق 13 مىللەتتىن بولغان 176 بالىنى بېقىپ، ئۇلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىپ، مىللەت ھالقىغان، قېرىنداشلىق مېھرىدىن ھالقىغان بىر چوڭ ئائىلە قۇردى، بالىلارنىڭ «دادا» دەپ چاقىرىشلىرى ئىچىدە، ئۇ ئۆز يەلكىسى بىلەن بالىلارغا كۈچلۈك تىرەك بولدى.

  شېن جيەنجيا ئارمىيەدىن چېكىنگەن پېشقەدەم ئەسكەر، گەرچە ھەربىي فورمىنى سېلىۋەتكىلى ئۇزاق يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا ئۇ يەنىلا ھەربىيلەرگە خاس جاسارەت ۋە ئوچۇق-يورۇق مىجەزنى ساقلاپ كەلدى. ئۇ مۇخبىرغا ئۆزى كىچىك ۋاقتىدا ئائىلىسىدە ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىرىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، تۇرمۇشىنىڭ قىيىنچىلىقتا ئۆتكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى، «ئۆيىمىزنىڭ ئەھۋالىنى كۆرگەن قوشنىلار بىزگە تولىمۇ قىزغىن مۇئامىلىدە بولاتتى، ھەمىشە ئۇ قوشنىمىز بىر قاچا تاماق، بۇ قوشنىمىز بىر پارچە نان دېگەندەك ئۆيىمىزگە نەرسە-كېرەكلەرنى يەتكۈزۈپ بېرەتتى». دەل شۇ قوشنىلىرىنىڭ ياردىمى گۆدەك شېن جيەنجيانىڭ قەلبىگە باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىشنىڭ ئۇرۇقىنى چاچقانىدى. چوڭ بولغاندىن كېيىن، بۇ مېھىر-مۇھەببەتنى يەتكۈزۈش ئۇنىڭ ئىرادىسىگە ئايلاندى، ئۇ ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، تېخىمۇ كۆپ بالىغا ئىلگىرى ئۇ ئۆزى ھېس قىلغان ئىللىقلىقنى ھېس قىلدۇرماقچى بولدى.

  شېن جيەنجيانىڭ ئۆيى ئاددىي ھەم ئىللىق بولۇپ، نۇرغۇن بالىنىڭ بالىلىق ئەسلىمىسى ۋە «شېن دادا» بىلەن بىللە ئۆتكەن خۇشال دەملەر مۇجەسسەملەنگەنىدى. «بۇلارنىڭ ھەممىسى بالىلارنىڭ سۈرىتى، قاراڭلار، بۇ بالا كىچىك ۋاقتىدا ئەڭ يىغلاڭغۇ ئىدى، بۇ بالا ھازىر داشۆدە ئوقۇۋاتىدۇ، يەنە بۇ بالا ...» شېن جيەنجيانىڭ ياتاق ئۆيىدە بىر كىتاب جازىسى بار بولۇپ، ئىچى ئالبوم بىلەن لىق تولغانىدى، قايسىلا بىر ئالبۇمنى قولىڭىزغا ئېلىپ كۆرۈڭ، شېن جيەنجيا خۇددى جاھاندىكى بارلىق دادىلارغا ئوخشاش ھەر بىر بالىنىڭ ئۆزى بىلەن بولغان ھېكايىسىنى ئېيتىپ بېرەلەيتتى.

  كىتاب جازىسىنىڭ يېنىدا، بىر كىيىم تىكىش ماشىنىسى بۇلۇڭغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا يىللار قالدۇرغان چوڭقۇر ئىزلار بار ئىدى. بۇ كىيىم تىكىش ماشىنىسىنى شېن جيەنجيانىڭ ياردەمچىسى دېيىشكە بولىدىغان بولۇپ، ئۇ، بۇ چوڭ ئائىلە ئۈچۈن زور «تۆھپە قوشقانىدى»، شۇنداقلا بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە «گۇۋاھچى بولغانىدى». ھەر كۈنى كەچتە بالىلار ئارام ئالغاندا، يېقىشلىق چىراغ نۇرىدا شېن جيەنجيانىڭ سىيماسى كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ رىتىملىق «تات ـ تات» قىلغان ئاۋازى بىلەن ئاستا قوشۇلۇپ كېتەتتى، ئۇنىڭ ئىككى قولى بالىلارنىڭ يىرتىلىپ كەتكەن كىيىملىرى بىلەن ماشىنا يىڭنىسى ئارىسىدا موكىدەك ئۆتۈشەتتى. كىيىملەرنى ياماپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ كىيىملەرنى رەتلىك قاتلاپ، قىزىل گالىستۇك بىلەن بىللە بالىلارنىڭ ياستۇقىنىڭ يېنىغا قويۇپ قوياتتى.

  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-، 90-يىللىرىدا، قاتناش قولايسىز بولغاچقا، چارۋىچىلىق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق بالىلارنىڭ ناھىيە بازىرىغا بېرىپ ئوقۇشى ئىنتايىن قىيىن ئىدى، بەزى بالىلار ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قالاتتى، بەزى بالىلار يول يىراق بولغاچقا ئوقۇش يولىدا كۈتۈلمىگەن ھادىسىگە ئۇچراپمۇ قالاتتى، بۇنى كۆرگەن شېن جيەنجيانىڭ ئىچى تىتىلدايتتى. ئۇ كۆپ قېتىم زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئالتە بالىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش ئىشىنىڭ بىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى بايقىدى.

  «شۇ چاغدا ئۆيۈم ناھىيە بازىرىدا بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنى ئۆيگە ئېلىپ كەتسەم، ئۇلارنىڭ ئوقۇش پۇلى ۋە تۇرمۇش پۇلىغا مەن مەسئۇل بولسام، ئۇلار ئوقۇشتىن توختاپ قالمايدۇ، دەپ ئويلىدىم.» شېن جيەنجيا بۇ ئويىنى خوتۇنىغا ئېيتقاندىن كېيىن، خوتۇنى «بىزنىڭ ئائىلىمىزمۇ باياشات ئەمەس تۇرسا» دەپ ئويلاپ گەپ قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن شېن جيەنجيا ھەر كۈنى خوتۇنىغا ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلىدى. بالىلارنىڭ ئىلاجسىز قالغان كۆزلىرىگە قاراپ، خوتۇنى يەنىلا ماقۇل بولدى. نەتىجىدە بالىلارنى شۇ قېتىملىق ئەكىلىۋېلىش بىلەن بۇ ئىش 38 يىل داۋاملاشتى.

   شېن جيەنجيا بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى پىسخىك ئېھتىياجىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى. ئۇ بىر قىسىم بالىلارنىڭ دائىم قوش دەم ئېلىش ۋە ھېيت - بايرام كۈنلىرى تورخانىغا كىرىدىغانلىقىنى بايقىغاندا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە «فېيخۇ ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنى پىدائىيلار ئەترىتى» ۋە «فېيخۇ پۇتبول كوماندىسى» تەشكىللەپ، تېكەس ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكى، ياش-ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، گارمون، دومبىرا، ئۇسسۇل، پۇتبول قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىلىملەرنى قەرەللىك ئۆگىتىپ، بالىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، قىزىقىشىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھاياتىدىكى «بىرىنچى تۈگمە»سىنى ياخشى ئېتىشىگە ياردەم بەردى. بۇ بالىلارنىڭ ئۆگىنىشى ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەپلا قالماي، يەنە ئالغا ئىنتىلىدىغان خاراكتېرنى يېتىلدۈردى، چۈنكى شېن جيەنجيا بالىلارنى بىر ئائىلىگە ئىگە قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بالىلارغا كۈچلۈك مەنىۋى دۇنيا بېغىشلىغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ھەر قېتىملىق بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى بالىلار كېلىشىۋالغاندەكلا ھەرقايسى جايلاردىن «شېن دادا»سى بىلەن جەم بولۇش ئۈچۈن كېلىدۇ، ھەر قېتىم «دادا» دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىغاندا، شېن جيەنجيانىڭ چېھرىدە خۇشاللىق كۈلكىسى جىلۋىلىنىدۇ.

  شېن جيەنجيانىڭ ئۇزاق يىل قىيىنچىلىقى بارلارغا يار-يۆلەك بولغانلىقى، ئوقۇشقا ياردەم بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايە تېكەس ناھىيەسىدە ناھايىتى تېزلا تارقالدى، ئۇنىڭ نامىنى ئاڭلاپ بۇ چوڭ ئائىلىگە ئەزا بولۇشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن مېھرىبان كىشىلەرمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. شېن جيەنجيا سەپداشلىرى، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە مېھرىبان زاتلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن «مېھرىبان دادىلار ئەترىتى» «مېھرىبان پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى» «ئارمىيەدىن چېكىنگەن پېشقەدەم ئەسكەر پىدائىيلار» قاتارلىق سەككىز مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق قوشۇنىنى تەشكىللىدى. «شېن دادا»نىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن نۇردانىيا ئېرئىن باشلامچىلىق بىلەن «مېھرىبان ئاكىلار ئەترىتى» قۇردى، 30دىن ئارتۇق ئەزانىڭ ھەممىسى «شېن دادا»نىڭ بالىلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۇزاق مۇددەت ئىگە-چاقىسىز قالغان ياشانغانلارغا ياردەم بېرىپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىپ، 150 ياشنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى.

  ھازىر، تېكەس ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى مەبلەغ ئاجرىتىپ، شېن جيەنجيا ئائىلىسىگە ئىككى ئېغىز يېڭى ئۆي سېلىپ بېرىپ، بالىلارنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلىدى، يەنە «شېن جيەنجيا خىزمەت ئىشخانىسى» ۋە «شېن جيەنجيا قىزىل قەلب پارتىيەگە تەلپۈنۈش تەربىيە سارىيى»نى قۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش كۈچىنى مۇجەسسەملەش ئۈچۈن كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىدى. بۇ، شېن جيەنجيانىڭ پۈتۈن ھاياتىنى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئىشلىرىغا بېغىشلاش ئېتىقادىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى.

  «شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.