8-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2-شى تيېمېنگۇەن شەھىرى 22-تۇەن 5-ليەنىدىكى بىر پارچە ئېتىزلىقتا، ئىشچىلار قىيام شوخلىسى ئۈزمەكتە.
شيې جياڭلىن فوتوسى
8-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6-شى فاڭساۋخۇ دېھقانچىلىق مەيدانى 8-ليەنىدە شوخلا يىغىش ماشىنىسى يىغىۋېلىنغان شوخلىلارنى ئاپتوموبىلغا قاچىلىماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).
تيەن گوجيەن فوتوسى
8-ئاينىڭ 13-كۈنى، جىڭ ناھىيەسى داخىيەنزى بازىرى بېيىس كەنتىدىكى شوخلا ئېتىزىدا يىغىۋېلىش ماشىنىسى بىلەن توشۇش ماشىنىسى موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. قىپقىزىل شوخلىلار ئاپتوموبىلغا قاچىلانغاندىن كېيىن، ئېتىز بېشىدىن دەل ۋاقتىدا شوخلا قىيامى زاۋۇتىغا ئاپىرىپ سېتىلىدۇ.
مۇرادىل ماناس فوتوسى
8-ئاينىڭ 2-كۈنى، سانجى شەھىرى داشىچۈ بازىرى سىيۈەن كەنتىدە، شوخلا يىغىش ماشىنىسى پىششىقلىنىدىغان شوخلىلارنى يىغماقتا.
خې لۇڭ فوتوسى
8-ئاينىڭ 27-كۈنى، باغراش ناھىيەسى بۇمبۇت بازىرىدىكى بىر دېھقان لازا قۇرۇتماقتا.
چۆ. خۇرە فوتوسى
8-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شى 9-تۇەن 15-ليەنىدىكى بىر خىزمەتچى نەشپۈتزارلىقتا ئۈزۈۋېلىنغان نەشپۈتلەرنى ئاپتوموبىلغا قاچىلىماقتا.
سۈن گوچۈەن فوتوسى
8-ئاينىڭ 27-كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى مۇيۈەن يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ سىلوس قونىقى تېرىش بازىسىدا بىر خىزمەتچى سىلوس قونىقىنىڭ دان تۇتۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.
خۇا يەنمىڭ فوتوسى
8-ئاينىڭ 27-كۈنى، دېھقان-چارۋىچىلار كۈنەس ناھىيەسىنىڭ نارات يايلىقىدا باغلام-باغلام ئوت-چۆپلەرنى توشۇماقتا.
جاڭ ۋېنتىڭ فوتوسى
8-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۈچتۇرپان ناھىيەسى ئۈچتۇرپان بازىرى توققۇز بۇلاق كەنتىدىكى باغۋەنلەر شاپتۇل ئۈزمەكتە.
ۋەلى قېيۇم فوتوسى
8-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭ جىنفېڭيۈەن ئۇرۇقچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ شال تېرىقچىلىقى تېخنىك خادىملىرى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسىغا جايلاشقان شال تېرىقچىلىق بازىسىدا شال ئۇرۇقىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.
يەن شوۋلىن فوتوسى
مەنبە: شىنجاڭ سۈرەتلەر توپلىمى
«كۆرۈش سەزگۈسىدىكى شىنجاڭ»دىن تەرجىمە قىلىپ ئېلىندى