ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گەن شىڭخۇا
شىنجاڭنىڭ قىزغىن ناخشا-ئۇسسۇللىرىدىن ھوزۇرلىنىش، شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي مەززىلىك تائاملىرىنى تېتىش، نەپىس مىللىي كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىپ سىناپ بېقىش، شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلىش... «ئونمىڭلىغان كىشى شىنجاڭ توغرىسىدا سۆزلەش» گۇاڭدۇڭ ھەمبەھرىلەش پائالىيىتىدىكى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت باش تېمىسى «چوڭ بازار» 9-ئاينىڭ 2-كۈنى گۇاڭجوۋ شەھىرى يۆشيۇ رايونى 289 سەنئەت ئىجادىيەت باغچە رايونىنىڭ شىمالىي مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، نەق مەيدان نۇرغۇن كىشىنى داكا قىلىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈشكە جەلپ قىلدى.
9-ئاينىڭ 2-كۈنى، «ئونمىڭلىغان كىشى شىنجاڭ توغرىسىدا سۆزلەش» گۇاڭدۇڭ ھەمبەھرىلەش پائالىيىتىدىكى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت باش تېمىسى «چوڭ بازار» گۇاڭجوۋ شەھىرى يۆشيۇ رايونى 289 سەنئەت ئىجادىيەت باغچە رايونىنىڭ شىمالىي مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. گۇاڭجوۋ شەھىرى ئاھالىسى چېن جيې(ئوتتۇرىدا) شىنجاڭنىڭ مىللىي كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىپ، ئۇسسۇلچىلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گەن شىڭخۇا فوتوسى
جانلىق شىنجاڭ ئۇسسۇلىغا ئەگىشىپ، «ئونمىڭلىغان كىشى شىنجاڭ توغرىسىدا سۆزلەش» گۇاڭدۇڭ شۆبە مەيدان پائالىيىتى باشلاندى. شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى، شىنجاڭ مەززىلىك تائاملار كۆرگەزمىسى، شىنجاڭ كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى قاتارلىق بەش كۆرگەزمە رايونى داكا قىلغىلى كەلگەن كىشىلەر بىلەن لىق تولدى.
«مېنىڭ ئەتراپىمدا شىنجاڭدىن كەلگەن ساۋاقداشلىرىم بار، دائىم ئۇلارنىڭ شىنجاڭ بەك گۈزەل دېگىنىنى ئاڭلايمەن، مېنىڭ ئۆزۈمگە بېرىدىغان ئوقۇش پۈتكۈزۈش سوۋغىتىم شىنجاڭغا بېرىپ ساياھەت قىلىش، شىنجاڭدىكى <چوڭ بازار> نىڭ گۇاڭدۇڭغا كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، بۈگۈن تاقەتسىزلىك بىلەن كېلىپ ئايلاندىم، مەن شىنجاڭ ئۇسسۇلى ئوينىدىم، مىللىي كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىپ سىناپ باقتىم، شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن مەززىلىك تائاملىرىنى تېتىپ باقتىم، ھەقىقەتەن بەك خۇشال بولدۇم.» ئالىي مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاڭ مېڭمېڭ مۇنداق دېدى: «چوڭ بازار»نى ئايلىنىپ، قەلبىم شىنجاڭغا ئۇچۇپ كەتتى.
«مەن ئەزەلدىن شىنجاڭغا بېرىپ باقمىغان بولساممۇ، شىنجاڭنىڭ مۇزىكا ۋە ئۇسسۇلىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن شىنجاڭ دېپى چېلىشنى ئۆگەندىم، بۈگۈن ئارتىسلار بىلەن بىللە شىنجاڭ ئۇسسۇلى ئوينىدىم، شىنجاڭغا تېخىمۇ تەلپۈندۈم.» گۇاڭجوۋ شەھىرى ئاھالىسى لو يەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ نۇرغۇن كىيىم-كېچەكلىرىنى سېتىۋالدىم، 10-ئايدا شىنجاڭغا ساياھەتكە بارغاندا ھەممىسىنى ئېلىپ بېرىپ، تازا پۇخادىن چىقىمەن.
داليەندىن گۇاڭجوۋغا كاماندىروپكىغا كەلگەن ۋاڭ ئەپەندى «ئونمىڭلىغان كىشى شىنجاڭ توغرىسىدا سۆزلەش» پائالىيىتى نەق مەيدانىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ قەدەملىرىنى توختاتتى. «شىنجاڭنىڭ بۇ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى تۇنجى قېتىم يېقىن ئارىلىقتىن چۈشىنىشىم، تۇنجى قېتىم شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي مەززىلىك تائاملىرىنى تېتىشىم، مەن بەك ياقتۇردۇم، <ئونمىڭلىغان كىشى شىنجاڭ توغرىسىدا سۆزلەش> پائالىيىتىنىڭ يۇرتۇم داليەنگە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» ۋاڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: دائىم شىنجاڭنى ناھايىتى يىراق ھېس قىلاتتىم، بۇ قېتىم شىنجاڭنىڭ ئادىمىيەت ۋە گۈزەل مەنزىرىسى بىلەن قىسقىغىنە ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئارزۇدىكىدەك جاينىڭ سېھرىي كۈچىنىڭ چەكسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، ھەر قانچە يىراق بولسىمۇ بىر بېرىشقا ئەرزىيدىكەن.
«شىنجاڭ بىر بارغاندىن كېيىن يەنە بارغۇسى كېلىدىغان جاي، نەچچە قېتىملىق شىنجاڭ سەپىرىدە، مەن ئۇ يەرنى ياقتۇرۇپ قالدىم، مەن سىچۇەنلىك، شاڭخەيدە خىزمەت قىلىمەن، مەن <ئونمىڭلىغان كىشى شىنجاڭ توغرىسىدا سۆزلەش> پائالىيىتىنىڭ يۇرتۇم سىچۇەن، مەن خىزمەت قىلىدىغان جاي شاڭخەي قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە شىنجاڭنى ھەقىقىي چۈشەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن، پەقەت ھەقىقىي ھېس قىلغاندىلا ئاندىن شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.» ئۆز تاراتقۇ «داۋيۆشى شىيۈجى»نىڭ ئەزاسى ليۇ جياخاۋنىڭ دېيىشىچە، ئۇلارنىڭ كوللېكتىپى سۈرەتكە ئالغان «شىنجاڭ دېھقانلىرى قانچىلىك قالتىس؟ باياۋاننى كۆرگەن دەقىقىدە ھاڭ-تاڭ قالدىم» ناملىق ھېكايە 3-نۆۋەتلىك «ئونمىڭلىغان كىشى شىنجاڭ توغرىسىدا سۆزلەش» قىسقا سىن ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشىپتۇ، ئۇلار تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلەرنى سۈرەتكە ئېلىپ، ھەقىقىي شىنجاڭ ھېكايىسىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە سۆزلەپ بېرىدىكەن.
گۇاڭجوۋدا گۇگۇم چۈشكەندە، گۇاڭجوۋ مۇنارىدىكى چاقناپ تۇرغان چىراغ نۇرى «ئونمىڭلىغان كىشى شىنجاڭ توغرىسىدا سۆزلەش» پائالىيىتى گۇاڭدۇڭغا كىردى، دېگەن سۆزنى يۇرۇتقاندا، ئەتراپتا سەيلە-ساياھەت قىلىۋاتقان ساياھەتچىلەرنىڭ «<ئونمىڭلىغان كىشى شىنجاڭ توغرىسىدا سۆزلەش> پائالىيىتىنىڭ گۇاڭدۇڭغا كىرگەنلىكىنى قارشى ئالىمىز» دېگەن ئاۋازلىرى جۇجياڭ دەرياسى بويىدا ياڭراپ، پائالىيەت بىلەن تەڭ ئاياغلاشتى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى