تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

شېنجېن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە قەشقەردىكى بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۈچ قوشتى

  8-ئاينىڭ 31-كۈنى، جۇڭخۇا خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى . شوۋسەي مېھىر-شەپقەت فوندى، شېنجېن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى داۋالاش ئەترىتى، شېنجېن شەھىرىنىڭ شىنجاڭ (قەشقەر)غا نىشانلىق ياردەم بېرىش جەمئىيىتى خىزمەت پونكىتى، قەشقەر شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى بىرلىكتە تۇغما كېسەللىكلەرنى ھەقسىز تاللاپ تەكشۈرۈش ۋە ھەقسىز كېسەل كۆرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىملىق تاللاپ تەكشۈرۈشتە ئون بالىنىڭ يۈرەككە مۇناسىۋەتلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقى بايقالدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسى ئوپېراتسىيە قىلىش شەرتىگە ماس كەلگەن بولۇپ، قەشقەر شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى شېنجېن شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ ۋاقتىدا ئوپېراتسىيە قىلىنىپ داۋالىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى ھەمدە كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش ئۆلچىمىگە توشىدىغان ئائىلىلەرنى مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بەردى. (ئىختىيارىي مۇخبىر قەدرىيە، چىن چىچى)

پائالىيەت نەق مەيدانىدا، خىزمەتچى خادىملار كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە تاللاپ تەكشۈرۈش رەسمىيىتى بېجىرىپ بەرمەكتە.

  بۇ پائالىيەت قانات يايدۇرۇلغان يەتتە يىلدىن بۇيان، شېنجېن شەھىرىنىڭ شىنجاڭ (قەشقەر)غا نىشانلىق ياردەم بېرىش جەمئىيىتى خىزمەت پونكىتى جۇڭخۇا خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى . شوۋسەي مېھىر-شەپقەت فوندى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، 133 ئاغرىق بالىنىڭ ھەقسىز داۋالىنىشىغا ياردەم بەردى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

  ​

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.