□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى رېن جياڭ، ياۋ گاڭ، ۋاڭ جىڭجىڭ
8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنى كەسىپلەر توپى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەسلىدىكى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى «توققۇز چوڭ كەسىپ توپى»غا كېڭەيتىش كېرەك.
«مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنى <توققۇز چوڭ كەسىپ توپى> قاتارىغا كىرگۈزۈش پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى يەنە بىر تەدبىر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ناھايىتى تېز بولدى، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، بۇلارنىڭ ھەممىسى مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنى <توققۇز چوڭ كەسىپ توپى> قاتارىغا كىرگۈزۈشتىكى مۇھىم ئامىل» دېدى 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۈ رۇيجۈن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپى ئارتۇقچىلىقىنى تەدرىجىي جارى قىلدۇرۇپ، كۈچ - قۇۋۋەتنى مۇجەسسەملەپ، ئىستىقبالى پارلاق بولغان مۇھىم ئالتۇن مەزگىلنى كۈتۈۋالدى، گۈزەل شىنجاڭ بارغانسېرى كۆپ كىشى تەلپۈنىدىغان «ئارزۇدىكىدەك جاي»غا ئايلانماقتا. ئۇچقاندەك تېز ئىلگىرىلەۋاتقان شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپى يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسىپكە ۋە روشەن دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە خەلق تۇرمۇشى كەسپىگە، بەخت كەسپىگە كۈنسېرى ئايلانماقتا.
ئاساسى پۇختا، بوشلۇقى زور، كەلگۈسى پارلاق
«شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ كەسىپلەر توپى قاتارىغا كىرگۈزۈلۈشى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى، شۇنداقلا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسى قۇرۇلۇشى داۋامىدا ساياھەت كۈچلۈك رايونى قۇرۇشنىڭ كونكرېت تەدبىرى، تېخىمۇ مۇھىمى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلغان مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇپ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى» دېدى شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى ساياھەت شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېڭ يىفېڭ.
كەسىپلەر توپى دەپ ئاتالغان ئىكەن، مۇقەررەر ھالدا ئۆزئارا باغلىنىشلىق بولغان، ئۆزئارا تايىنىدىغان نۇرغۇن كارخانا ۋە ئاپپاراتلار توپلانغان بولىدۇ، نۇرغۇن كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى، شۇنداقلا كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرگىلى ۋە رايون ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. شىنجاڭنىڭ «توققۇز چوڭ كەسىپ توپى» زىممىسىگە ئالغىنى دەل شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنىڭ تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش بولۇپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپى بۇ ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالالامدۇ؟
«شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكى، شىنجاڭنىڭ چوڭلۇقى، شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، شىنجاڭنىڭ قويۇق تۈسى، شىنجاڭنىڭ تەمى، شىنجاڭنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسىپ توپىنىڭ يادرولۇق جەلپ قىلىش كۈچىنى شەكىللەندۈردى» دېدى شۈ رۇيجۈن تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.
شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكى شىنجاڭنىڭ مەملىكەت بويىچە تەبىئىي بايلىقى، يەر شەكلى قاتارلىقلار ئەڭ مول، تەبىئىي مەنزىرىسى ئەڭ گۈزەل ئۆلكىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، 68 خىل ساياھەت بايلىقى ئاساسىي تۈرى ئىچىدىكى 56 خىلى بار بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ساياھەت بايلىقى تۈرىنىڭ %83ىنى ئىگىلەپ، مەملىكەت بويىچە باش ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؛ شىنجاڭنىڭ چوڭلۇقى شىنجاڭنىڭ كۆلىمىنىڭ قۇرۇقلۇق دۆلەت زېمىنى كۆلىمىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغانلىقى، «ئۈچ تاغ ئارىسىدا ئىككى ئويمانلىق بولۇش»تەك ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئورنىنىڭ يەنە ئەۋزەل ساياھەت بايلىقىنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ؛ شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ تۇپراقتا، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، پارلاق مەدەنىيەت ياراتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شىنجاڭنىڭ قويۇق تۈسى شىنجاڭنىڭ قويۇق تۈسكە ئىگە تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسىنى، دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى ئورنىدىن ئالتىسى، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنىدىن 133ى، يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن 9000دىن ئارتۇقى بارلىقى، يەنە نۇرغۇن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بايلىقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ؛ شىنجاڭنىڭ تەمى شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇلغانلىقى، پۈتۈن دۇنياغا تونۇلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؛ شىنجاڭنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەرنىڭ ھەممىسىدە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۆتۈرەڭگۈ، تولۇپ تاشقان روھىي ھالەت بىلەن يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «بۇ ئامىللار يىغىلىپ، شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ يادرولۇق جەلپ قىلىش كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى شەكىللەندۈردى، شۇنداقلا مەدەنىيەت - ساياھەت كەسىپ توپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى» دېدى شۈ رۇيجۈن.
پايدىلىق پۇرسەتنى تۇتۇپ، دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئارتۇقچىلىقنى تەدرىجىي جارى قىلدۇرۇش
8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، تۇڭچېڭ ساياھەتچىلىكى «2024 - يىللىق جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ساياھەت يۈزلىنىشى دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى، يازلىق تەتىلدە قىزىپ كەتكەن ئالتاينىڭ كۈز پەسلىدىكى ساياھەت قىزغىنلىق دەرىجىسى سىجىل ئۆرلەپ، جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە كىشىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن ساياھەت مەنزىلگاھلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالتاينىڭ قىزغىنلىق دەرىجىسىنىڭ داۋاملىشىشى شىمالىي شىنجاڭدىكى لىنىيە بويىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ ساياھەت قىزغىنلىق دەرىجىسىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان.
8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى شيېچېڭ سۇپىسى ئېلان قىلغان «2024 - يىللىق يازلىق تەتىل مەزگىلىدىكى ساياھەت بازىرى توغرىسىدىكى دوكلات»تا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل يازلىق تەتىل مەزگىلىدە شىنجاڭغا چېگرادىن كىرىپ ساياھەت قىلىش زاكازى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %146 ئاشقان، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت قىزغىنلىق دەرىجىسى سىجىل ئاشقان، ئۈرۈمچى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆلكە مەركىزىي شەھەرلىرى ئىچىدە مېھمانسارايلارنى زاكاز قىلىشتا ئېشىش سۈرئىتى بويىچە ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرگەن، قەشقەر شەھىرى، غۇلجا شەھىرى يازلىق تەتىل مەزگىلىدىكى قىزىق نۇقتىلىق ناھىيە رايونى ساياھىتى شەھىرى تىزىملىكىگە كىرگەن. شىنجاڭ يەنە بىر قېتىم ئەلا بولغان «يازلىق تەتىل مەزگىلىدىكى ساياھەت نەتىجە قەغىزى»نى قولغا كەلتۈردى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپى ئارقا - ئارقىدىن دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ تىپتىكى ساياھەت سۇپىلىرىدىكى ھەر خىل تىزىملىككە كىرىپ، شىنجاڭ قىزغىنلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى جايلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
قىزغىنلىق دەرىجىسىنىڭ ئارقىسىدىكىسى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىدە زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى، مەدەنىيەت - ساياھەت بازىرىنى تېز زورايتقانلىقىدەك ئەمەلىيەت. 2023 - يىلى، شىنجاڭ كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 265 مىليون 440 مىڭ 300 ئادەم قېتىم، ئىشقا ئاشۇرغان ساياھەت ئومۇمىي كىرىمى 296 مىليارد 715 مىليون يۈەن بولۇپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. بۇ يىل 1 - ئايدىن 7 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە كۈتۈۋېلىنغان دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى جەمئىي 165 مىليون ئادەم قېتىم، ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەت كىرىمى 186 مىليارد 851 مىليون يۈەن بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.16 ۋە %28.53 ئاشتى.
بۈگۈنكى كۈندە، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى جەھەتتە، شىنجاڭدا تەڭ ئىلگىرىلەش، كۆپ ساھەدە يېتىشىۋېلىش، ئېشىپ كېتىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى − قار - مۇز ساياھىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ سانى ۋە كۆلىمى مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى؛ ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى مەملىكەت بويىچە «بىرىنچى سەپ» قاتارىغا كىرىپ، جۇڭگو ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتىنىڭ يۆنىلىش بەلگىسى بولۇپ قالدى؛ مايتاغ - كۇچا تاشيولى، S101 لىنىيەسى، G219 لىنىيەسى قاتارلىقلار دۆلەت ئىچىدىكى ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتىدىكى سەرخىل لىنىيەگە ئايلاندى؛ ئالاھىدە ساياھەت جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى... ساياھەت كەسىپ ھالىتى كۈنسېرى بېيىدى.
مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ بىرىكتۈرۈش ئۈنۈمى بارغانسېرى گەۋدىلەندى، «ساياھەت ساھەسىدىكى <يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ، سەپەرگە چىقىش، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش>تىن ئىبارەت ئالتە مۇھىم ئامىلنى چۆرىدىگەن سېلىنما كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، شىنجاڭ مېھمانساراي كەسپىنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدىكى تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئىلگىرىكى نەچچە ئون يىللىق تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بۇزۇپ تاشلىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسىپ توپىنىڭ زور تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېدى شۈ رۇيجۈن.
2023 - يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭىدىن قۇرۇلغان، داۋاملاشتۇرۇلۇپ قۇرۇلغان مېھمانساراي تۈرى 146 بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنمىسى تەخمىنەن 44 مىليارد 41 مىليون يۈەن بولدى. بۇ يىل بەش يۇلتۇزلۇق ئۆلچەم ۋە كۆلەم بويىچە سېلىنغان مېھمانساراي 31گە يېتىپ، مۆلچەرلەنگەن ئومۇمىي سېلىنما 31 مىليارد 680 مىليون يۈەن. بۇنىڭ ئىچىدە، بۇ يىل 14 تۈرنى تاماملاش پىلانلانغان بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنما 5 مىليارد 746 مىليون يۈەن.
نۆۋەتتە، شىنجاڭ جۇڭگو ساياھەت گۇرۇھى، جۇڭگو يېشىل تەرەققىيات سېلىنما گۇرۇھى، خۇاچياۋچېڭ گۇرۇھى، جىڭدۇڭ گۇرۇھى، تۇڭچېڭ گۇرۇھى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى كۆپلىگەن چوڭ تىپتىكى كارخانىلار بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. دۆلەت ئىچىدىكى مەدەنىيەت - ساياھەت باش كارخانىلىرى بەس - بەستە شىنجاڭغا كېلىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى جانلاندۇردى، ئاپتونوم رايون ھەم ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت سېلىنما گۇرۇھ شىركەتلىرى ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلۇپ، دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلار بىلەن پۇقراۋى كارخانىلار تەڭ ئاتلىنىدىغان تەرەققىيات ۋەزىيىتى شەكىللەندى.
يېتەكلەشچانلىقى ۋە باغلىنىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى كەسىپلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ «بىر كەسىپ گۈللەنسە، ھەممە كەسىپ روناق تېپىش» خۇسۇسىيىتى كۈنسېرى نامايان بولدى. ئالاقىدار ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ساياھەتچىلىك كەسپى تۈرتكە بولىدىغان ئالاقىدار كەسىپلەر 110دىن ئاشىدىكەن. ساياھەت كىرىمى ھەر بىر يۈەن ئاشسا، ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ كىرىمىنى 4.5 يۈەن ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىكەن؛ ساياھەت سېلىنمىسى ھەر بىر يۈەن ئاشسا، باشقا ساھەلەرنىڭ بەش يۈەن مەبلەغ سېلىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن. بۇلتۇر پۈتۈن شىنجاڭدا ساياھەتچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تىجارەت سۇبيېكتلىرى 370 مىڭدىن ئېشىپ، كۈچلۈك «كۆپەيتكۈچى تەسىر»نىڭ تۈرتكىسىدە، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىنىغا چېتىلىدىغان نۇرغۇن ساھەلەر بۇنىڭدىن نەپ ئالدى، ئۇنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، خەلقنى بېيىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئالاھىدىلىكى دەرىجىمۇدەرىجە زورىيىپ، ئىسمى - جىسمىغا لايىق خەلق تۇرمۇشى كەسپى، بەخت كەسپى بولۇپ قالدى.
«شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، گۈزەل تۇرمۇشقا مۇلازىمەت قىلىش، مەنىۋى ماكان بەرپا قىلىش، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار غايەت زور رولىنى نامايان قىلماقتا، بۇ نىشانلارنىڭ ھەممىسىنى مەدەنىيەت - ساياھەت يۇغۇرما تەرەققىياتىدا ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئورتاق بېيىش قاتارلىق جەھەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىنتايىن كۈچلۈك تۇتقا ھېسابلىنىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) ئىقتىسادشۇناسلىق ئوقۇتۇش - تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ دوتسېنتى تەن يۇڭشيەن.
پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پەيتنى قولدىن بەرمەي، قەدەمنى تېز، پۇختا ئېلىش
تايىنىشقا تېگىشلىكى ۋەزىيەت، قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدىغىنى پۇرسەت.
مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپى كەسىپلەر توپى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، مەدەنىيەت - ساياھەت ساھەسىدىكى زاتلار شاد - خۇراملىققا چۆمۈش بىلەن بىللە، غايەت زور مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ھېس قىلدى.
«مەدەنىيەت - ساياھەت كەسىپ توپىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدا، ئالدى بىلەن يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، قۇرۇلۇش يىرىك پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ، پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، كەسىپلەر توپىدىن ئىبارەت تەرەققىيات تەپەككۇرى ئارقىلىق ئومۇمىي كەسىپ تەرەققىياتى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.» شۈ رۇيجۈن مۇنداق قارىدى: «دۆلەت تۈزگەن <شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش يىرىك پىلانى (2021 - يىلىدىن 2030 - يىلىغىچە)>، ئاپتونوم رايون تۈزگەن <جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ساياھەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى (2023 - يىلىدىن 2030 - يىلىغىچە)> <ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى (2024 - يىلىدىن 2026 - يىلىغىچە)> قاتارلىق مەخسۇس يىرىك پىلان ۋە بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپى بويىچە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇقىرى سەۋىيەلىك يىرىك پىلان تۈزۈپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسىپ توپىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك».
شۈ رۇيجۈن مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ ناھايىتى ياخشى مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقى ئەۋزەللىكىنى ھازىرلىغان، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق مەدەنىيەت - ساياھەت كەسىپ توپىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشى كەم بولسا بولمايدۇ. مەدەنىيەت - ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى جەھەتتە ئىختىساسلىقلارنى يېتەكچى قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىپ، ئىختىساسلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق مەدەنىيەت - ساياھەت كەسىپ توپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەسىپلەر توپىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەمدە سەرخىل لىنىيە، سەرخىل مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىش كېرەك، «بۇنىڭدىن باشقا، يەنە مەدەنىيەت - ساياھەت كەسىپ توپىنىڭ كەسىپ زەنجىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېچىش، لايىھەلەش، مۇلازىمەت قىلىش، سېتىش، تەشۋىق قىلىش قاتارلىق كۆپ ھالقىلارنى چېتىلدۇرۇپ، دىققەتنى مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپى تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كەسىپلەر توپىنى يېتىشتۈرۈش، زورايتىشنى تېزلىتىش كېرەك».
چېڭ يىفېڭ مۇنداق قارىدى: مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىدىكى ساھە باشقۇرغۇچىلار، كارخانا باشقۇرغۇچىلار، كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى دىققەتنى كەسىپلەر توپىنىڭ تەرەققىياتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ زور تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك، «تەرەققىيات پۇرسىتىنى مەھكەم تۇتۇپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئەۋزەللىكى، يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قويۇپ بېرىش كېرەك. مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان <شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەخسۇس ھەرىكەت پىلانى خىزمەت لايىھەسى> ۋە ئاپتونوم رايون ئېلان قىلغان <ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى (2024 - يىلىدىن 2026 - يىلىغىچە)>دىن ھەقىقىي ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئومۇمىي سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ مەملىكەت بويىچە ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى خاس ئۆرنەك ۋە دۇنيادىكى مۇھىم ساياھەت مەنزىلگاھى بەرپا قىلىش كېرەك».
چېڭ يىفېڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ساياھەت كەسىپ ھالىتىنى سىجىل بېيىتىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكىسىنى جۇلالاندۇرۇش كېرەك. «يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ، سەپەرگە چىقىش، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش» كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ قار - مۇز ساياھىتى، ئېكولوگىيە ساياھىتى، تارىخ، ئادىمىيەت ساياھىتى، چېگرا ساياھىتى قاتارلىق بىر تۈركۈم دۆلەت دەرىجىلىك، دۇنيا دەرىجىلىك داڭلىق ساياھەت ماركىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى شىنجاڭنى تاللاش، شىنجاڭنى ياخشى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك؛ مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى پائال چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر ئىنتىلىدىغان «ئارزۇدىكىدەك جاي»غا ئايلاندۇرۇش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقىدىن ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى تېزلىتىش كېرەك. بولۇپمۇ، جەنۇبىي شىنجاڭنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنى ئايلىنىدىغان ساياھەت ئايلانما لىنىيەسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يىپەك يولى مەدەنىيىتى ۋە خەلق ئۆرپ - ئادەت ساياھەت مەنزىلگاھى بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
«ساياھەت مۇھىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەلالاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ھېس قىلىش تۇيغۇسى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. <ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش يىلى ھەرىكىتى>نى تۇتقا قىلىپ، ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، ساياھەت بازىرى مۇھىتىنى تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك.» چېڭ يىفېڭ مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلىك ئارقىلىق بېيىتىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ساياھەتچىلىكنى خەلقنى بېيىتىدىغان، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان خەلق تۇرمۇشى كەسپى، بەخت كەسپىگە ئايلاندۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تۈرتكىلىك تەسىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تولۇق بەھرىلەندۈرۈش كېرەك.
«كەلگۈسىدە، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپى چوقۇم سىجىل تەرەققىي قىلىپ زورىيىدۇ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى چوقۇم سىجىل چوڭقۇرلىشىدۇ، پۇختىلىنىدۇ، <شىنجاڭ ياخشى جاي> داڭلىق ماركىسى كىشىلەر قەلبىدىن يەنىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالىدۇ، <ئارزۇدىكىدەك جاي>نىڭ ھېكايىسى شىنجاڭدا تېخىمۇ قالتىس بولىدۇ» دېدى تەن يۇڭشيەن كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ.