ئاپتوموبىلنى بىراك قىلىشنى قانداق ئىلتىماس قىلىش كېرەك؟ يىغىۋالىدىغان كارخانا ئىشىك ئالدىغا بېرىپ يىغىۋالامدۇ ياكى ماشىنا ئىگىسى ماشىنىنى ئۆزى ئاپىرىپ بېرەمدۇ؟ 9-ئاينىڭ 1-كۈنى، مۇخبىر بىراك قىلىنىدىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى يىغىۋېلىش، چۇۋۇش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا ئىككى يىل بولغان شىنجاڭ رۈييۈ تيەنخۇا ھاسىلىي بايلىقنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ شىركىتىنى مىسال قىلىپ ئاپتوموبىللارنى بىراك قىلىش تەرتىپىنى چۈشەندۈردى.
«ئاپتوموبىلنى بىراك قىلىشتا جەزمەن ئاپتوموبىلنى بىراك قىلىش سالاھىيىتى بار مۇنتىزىم كارخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ بىراك قىلىش ھەم <بىراك قىلىنغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى يىغىۋېلىش ئىسپاتى> ۋە <ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈش ئىسپاتى> ئېلىشى كېرەك. شىنجاڭ رۈييۈ تيەنخۇا ھاسىلىي بايلىقنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش چەكلىك شىركىتى سېتىۋېلىش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى يىن جۈنيا مۇنداق دېدى: ئەگەر ئاپتوموبىل ئىگىسى ئاپتوموبىلىنى بىراك قىلماقچى بولسا، سالاھىيىتى بار شىركەتنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بىراك قىلماقچى بولغان ئاپتوموبىلنى يىغىۋېلىشىنى ئالدىن كېلىشسە بولىدۇ، شىركەت تېزدىن سۆرەش ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىغا زاكاز چۈشۈرىدۇ، پۈتۈشكەن ۋاقىت بويىچە ئۆيىگە بېرىپ ئېلىپ كېتىدۇ ۋە ھەقسىز ئاپتوموبىل سۆرەش مۇلازىمىتى قىلىدۇ.
سۆرەش ئاپتوموبىلى شوپۇرى ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ يىغىۋالغاندا، ئاپتوموبىل ئىگىسى ئۇنى يول يۈرۈش كىنىشكىسى، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاش كىنىشكىسى (يېشىل چوڭ دەپتەر)، ئاپتوموبىل ئىگىسىنىڭ كىملىكىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى (ئەگەر شىركەت ياكى ئورۇن بولسا، تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىغا تامغا بېسىشى كېرەك)دىن ئىبارەت ئۈچ خىل ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. سۆرەش ئاپتوموبىلى شوپۇرى كېرەكسىز پولاتنى يىغىۋېلىش باھاسىنى پايدىلىنىش باھاسى قىلغان ئاساستا، بىراك قىلىنغان ئاپتوموبىلنىڭ ئېغىرلىقى بويىچە ئاپتوموبىل ئىگىسىگە 3000 يۈەن ئەتراپىدا يىغىۋېلىش پۇلى قايتۇرىدۇ.
بىراك قىلىنغان ئاپتوموبىل شىركەتنىڭ براك قىلىنغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى يىغىۋېلىپ تەكشۈرۈش رايونىغا ئېلىپ كېلىنگەندە، خىزمەتچى خادىملار بىراك قىلىنغان ئاپتوموبىلنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىنى شىركەتنىڭ بىراك قىلىنغان ئاپتوموبىللارنى باشقۇرۇش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئاپتوموبىل ۋە زاپچاسلار ئۈچۈن ئىككى ئۆلچەملىك كود ھاسىل قىلىدۇ. نازارەت قىلىپ تىزىمدىن ئۆچۈرگۈچى كودنى سكاننېرلاپ بىراك قىلىنغان بۇ ئاپتوموبىلنىڭ بەش چوڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى (موتورى، يۆنىلىش كونتروللىغۇچ، سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقى، ئالدى-كەينى كۆتۈرمىسى ۋە ئاپتوموبىل رامكىسى)نى سېلىشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، تىزىمدىن ئۆچۈرۈشنى نازارەت قىلىدۇ ھەمدە بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ماتېرىيالىنى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئاپتوموبىل باشقۇرۇش سۇپىسىغا يوللاپ، ئاپتوموبىلنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ.
بىر ھەپتە ئىچىدە، قەغەز نۇسخىدىكى تىزىمدىن ئۆچۈرۈش ئىسپاتى بىراك قىلىنغان ئاپتوموبىل ئىگىسىنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىلىدۇ. رويخەتتىن ئۆچۈرۈش تاماملانغاندىن كېيىن، ئاپتوموبىل ئىگىسى ئاپتوموبىلنى بىراك قىلىشنى تاماملايدۇ.
بىراك قىلىنغان ئاپتوموبىللارنىڭ ھەممە يېرى گۆھەر بولۇپ، پۈتۈن ئاپتوموبىلنىڭ %95نى يىغىۋېلىپ پايدىلانغىلى بولىدۇ، تىزىمدىن ئۆچۈرگەندىن كېيىن ئاپتوموبىللارنى چۇۋۇپ قايتا ياساپ، تەكرار پايدىلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ھەرىكەت لايىھەسى»گە ئاساسەن، پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ۋە ئائىلە بېزەكچىلىكى، ئاشخانا، ھاجەتخانىلارنى «يېڭىلاش» مەخسۇس ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، 2025-يىلىغا بارغاندا، دۆلەتنىڭ 3-دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىدىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنى تېز شاللىۋېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، بىراك قىلىنغان ئاپتوموبىللارنى يىغىۋېلىش مىقدارىنى 2023-يىلىدىكىدىن %50 ئاشۇرۇپ، 150 مىڭغا يەتكۈزۈش؛ 2027-يىلىغا بارغاندا، بىراك قىلىنغان ئاپتوموبىللارنى يىغىۋېلىش مىقدارىنى 2023-يىلىدىكىدىن بىر ھەسسە ئاشۇرۇپ، 200 مىڭ ئەتراپىغا يەتكۈزۈش، نىمكەش ئاپتوموبىللارنىڭ يىللىق سودا مىقدارىنى 2023-يىلىدىكىدىن %45 ئاشۇرۇپ، 1 مىليون 300 مىڭغا يەتكۈزۈش تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈلىدۇ.
نۆۋەتتە، شىنجاڭدا بىراك قىلىنغان ئاپتوموبىللارنى يىغىۋېلىش، چۇۋۇش كارخانىسىدىن 47سى (بىڭتۇەندىكى 13 كارخانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بار بولۇپ، ئۈرۈمچىدە بەشى بار.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى نىڭيەن
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى