تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«تېرىشقا ماس كېلىدىغان يەر» بىلەن «يەرگە ماس كېلىدىغان تېرىقچىلىق»قا قوش يۆنىلىشلىك كۈچەش

− شىنجاڭ شورلۇق يەرنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تۈزەش يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدەندى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن

«شىنجاڭنىڭ شورلۇق يەرنى ئېچىش ۋەزىپىسى ئېغىر بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور» «<تېرىشقا ماس كېلىدىغان يەر> بىلەن <يەرگە ماس كېلىدىغان تېرىقچىلىق>نى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش» «شورغا چىداملىق ئۆسۈملۈكلەردىن پايدىلىنىش ياكى ياخشىلاش دورىسى ئارقىلىق بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى ياكى شورنى ئېقىتىۋېتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ»... يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو تۇپراق ئىلمىي جەمئىيىتى شور تۇپراق كەسپىي كومىتېتىنىڭ 2024 - يىللىق ئىلىم يىغىنى ۋە «شورلۇق يەرنى سۇ تېجەپ ياخشىلاش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى نەق مەيدانىدا ئاكادېمىك مۇتەخەسسىسلەر كەڭ - كۇشادە پىكىر بايان قىلىپ، بەس - بەستە شىنجاڭنىڭ شورلۇق يەرنى تۈزىشى ئۈچۈن چارە - تەدبىر كۆرسەتتى.

شىنجاڭدا، ئۈچتىن بىر قىسىمدىن ئارتۇق تېرىلغۇ يەردە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە شورلىشىش مەۋجۇت، شورلىشىپ كەتكەن قاقاس يەر كۆلىمى تەخمىنەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭ قۇرغاق، يېرىم قۇرغاق رايونغا تەۋە بولۇپ، سۇ بايلىقى قىس بولۇش مەسىلىسى گەۋدىلىك. شورلۇق يەرنى ياخشىلاشتا سۇ ئاچقۇچ، سۇ تېجەش بىلەن شورلۇق يەرنى ياخشىلاشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھالدا شورلۇق يەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش شىنجاڭ شورلۇق يەرنى تۈزەشتە دۇچ كەلگەن مۇھىم تېما.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ شورلۇق يەرنى تۈزەشتە شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تېرىشقا ماس كېلىدىغان يەر» بىلەن «يەرگە ماس كېلىدىغان تېرىقچىلىق»نى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ تۆۋەن تەننەرخ بىلەن شورلۇق يەرنى تۈزەشنىڭ ئۈنۈمىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولىنى تەدرىجىي ئىزدىنىپ تېپىپ چىقتى.

شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىش

8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، باغراش ناھىيەسى تاۋۇن جۆگۈن يېزىسى لىڭفېڭ ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ تۇرۇبا ئارقىلىق زەي چىقىرىش بويىچە ئۇنىۋېرسال ياخشىلىغان 1000 مولۇق ئېغىر دەرىجىدىكى شورلۇق يەر ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىدىكى قىپقىزىل لازىلارنى شېخى كۆتۈرەلمەي قالغانىدى. ئانچە يىراق بولمىغان جايدا، باراقسان ئۆسكەن قوناقلار مول ھوسۇلدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى.

«ئىككى يىل ئىلگىرى بۇ يەردە ئالقات، ياغلىق ئاپتاپپەرەسنى سىناق قىلىپ تېرىغاندا، يەر ئاستى سۇ ئورنى يۇقىرى، شورلىشىش ئېغىر، تېرىش مەزگىلى كېيىن بولغاچقا، ھوسۇلى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغانىدى» لىڭفېڭ ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ مەسئۇلى جاۋ جيې ماڭغاچ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىلدىن باشلاپ ئاخىر ئۈنۈمىنى كۆردۇق.

جاۋ جيې مۇنداق تونۇشتۇردى: 2023 - يىلىدىن باشلاپ، بۇ يەردە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تۇرۇبا ئارقىلىق زەي چىقىرىش تېخنىكىسىغا توسالغۇلارنى تۈگىتىش، تۇپراقنى ياخشىلاش دورىسى بېرىش، سۇ، ئوغۇت، شورنى تەڭشەش - تىزگىنلەش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال تېخنىكىلار قوشۇپ قوللىنىلغاچقا، تېرىلغۇ قەۋىتىنىڭ تۇپراق تەركىبىدىكى شور مىقدارى تۆۋەنلەپلا قالماي، يەنە ياخشى بولغان سۇ چىقىرىش سىستېمىسى زىرائەتلەرنى تېرىش مەزگىلىنى بىر ئايدىن كۆپرەك ئالدىغا سۈردى. بۇ يىل تېرىلغان لازا، قوناقنىڭ شورغا چىدامچانلىقى تۆۋەن بولسىمۇ، لېكىن ناھايىتى ياخشى ئۆستى.

لىڭفېڭ ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ شورلىشىپ كەتكەن يەرلەرنى ياخشىلاش ئۈنۈمى «14 - بەش يىل»دىكى دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ ئېچىش پىلانى بولغان «شىنجاڭدىكى بوستانلىقلاردا سۇ تېجەش، شورنى تىزگىنلەش، سۇغىرىش، زەي چىقىرىشنى ماسلاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش تېخنىكا ئەندىزىسى ۋە ئۇنى قوللىنىش» تۈرىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن باسقۇچلۇق نەتىجە.

بۇ تۈر 2022 - يىلى باشلانغان بولۇپ، 2025 - يىلى تاماملىنىدۇ، جەمئىي 80 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىدۇ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلامچىلىقىدا، شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى ئون نەچچە ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورنى، كارخانا قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ، ئاساسلىقى شىنجاڭدىكى بوستانلىقلاردا سۇ بايلىقى كەمچىل بولۇش ۋە تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە شورلىشىشى ئېغىر دەرىجىدە چەكلەپ قويۇۋاتقان يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ.

شىنجاڭدىكى شورلۇق يەرلەرنىڭ كۆلىمى چوڭ، تۈرى كۆپ، شەكىللىنىش سەۋەبى مۇرەككەپ، تۈزەشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى. بۇنىڭغا قارىتا، تۈر گۇرۇپپىسى جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدا ئېغىر دەرىجىدە شورلىشىپ كەتكەن تۆت تېرىلغۇ يەرنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش يادرولۇق ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى بېكىتتى، لىڭفېڭ ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى جايلاشقان يەنجى ئويمانلىقى دەل شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى.

تۈر گۇرۇپپىسىنىڭ باش ئالىمى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى تۇپراق، ئوغۇت ۋە يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى شۈ ۋەنلى مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يەردىكى شورلۇق يەر باغراش كۆلى ئەتراپىغا جايلاشقان، يەر ئاستى سۇ ئورنى يۇقىرى، پارغا ئايلىنىش مىقدارى زور بولۇپ، تىپىك بولغان كۆل ئەتراپى، تۈزلەڭلىك سۇ ئامبىرى ئەتراپىدىكى شورلۇق يەر تىپىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ خىل تىپقا قارىتا، ياخشى بولغان سۇغىرىش - زەي چىقىرىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئاچقۇچ.

شۇڭا، تۈر گۇرۇپپىسى بۇ يەردە سۈڭگۈچ ئارقىلىق زەي چىقىرىش تېخنىكىسىنى قوللىنىش بويىچە ئۈلگە كۆرسەتتى. بۇ تېخنىكا «تۇز سۇغا ئەگىشىپ كېلىدۇ، تۇز سۇغا ئەگىشىپ ماڭىدۇ» دېگەن سۇ - تۇزنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، تۇرۇبىنى يەر ئاستىغا بىر - ئىككى مېتىر چوڭقۇرلۇقتا كۆمۈپ، سۈزۈلدۈرۈپ سۇغىرىشقا بىرلەشتۈرۈپ، شورلۇق يەرلەرنىڭ تۇپراق سىرتقى قەۋىتىدىكى شورنى سۈزۈلدۈرۈپ، تۇرۇبا ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە چىقىرىۋېتىپ، تېز ياخشىلاش ئۈنۈمىگە يەتتى.

پەيزاۋات ناھىيەسى، قاراماي شەھىرى، بىڭتۇەن 1 - شى 2 - تۇەنىدىن ئىبارەت ئېغىر دەرىجىدە شورلىشىپ كەتكەن تېرىلغۇ يەرلەرنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش بويىچە ئۈچ يادرولۇق ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا، تۈر گۇرۇپپىسى شۇ جايدىكى شورلۇق يەرنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۇرۇبا ئارقىلىق زەي چىقىرىش تېخنىكىسى ئاساسىدا، ئايرىم - ئايرىم ھالدا «قۇرۇق تېرىپ، ئاز - ئازدىن تېمىتىپ سۇغىرىش + خىمىيەلىك دورىلار بىلەن ياخشىلاش» «سۇ، ئوغۇت، شورنى تەڭشەش - تىزگىنلەش + ياخشىلاش دورىلىرىنى قوللىنىش» «شال بىلەن كېۋەزنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش» قاتارلىق ئاساسلىق تۈزەش ئەندىزىسىنى قوللاندى.

«شورلۇق يەر يېنىك دەرىجە، ئوتتۇرا دەرىجە، ئېغىر دەرىجە دەپ ئايرىلىدۇ. ئوخشاش بولمىغان رايونلاردىكى شورلۇق يەرلەرنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى، تىپى ئوخشاش بولمايدۇ، شورلۇق يەرلەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئەمەلىيەتتە شۇ جايغا ماس كېلىدىغان تېخنىكا ئەندىزىسىنى تېپىپ چىقىپ، ئىمكانقەدەر ئەڭ ئاز سۇ بىلەن شورنى چىقىرىۋېتىپ، ئەڭ تۆۋەن تەننەرخ بىلەن يەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈشنى كۆرسىتىدۇ» دېدى شۈ ۋەنلى.

جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، شەنشى يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى شۈ مىڭگاڭ مۇنداق قارىدى: شورلۇق يەرلەرنى تۈزەشتە تۈرگە ئايرىپ ئۇنىۋېرسال تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، سۈپەتنى پەلەمپەيسىمان ئۆستۈرۈش كېرەك؛ يەنە قۇرۇلۇش، دېھقانچىلىق تېخنىكىسى، خىمىيەلىك تەدبىر، بىيولوگىيەلىك تەدبىر قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، شورلىشىپ كەتكەن تېرىلغۇ يەرلەرنى تۈزەش، ياخشىلاش ۋە سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى رايونغا ئايرىپ قانات يايدۇرۇش كېرەك، مەسىلەن، غەربىي شىمالدىكى بوستانلىق رايونلاردا، سۇ تېجەپ سۇغىرىپ شور تازىلاش، سولياۋ يوپۇق يېپىپ تېمىتىپ سۇغىرىپ شورنى تىزگىنلەش، شورلىشىشنى خىمىيەلىك تىزگىنلەش، شورنى سۈزۈلدۈرۈشنى خىمىيەلىك تىزگىنلەش، قۇدۇق ئارقىلىق سۇغىرىش، قۇدۇق ئارقىلىق چىقىرىۋېتىش، يەم - خەشەك تېرىپ ياخشىلاش، ئاشلىق بىلەن يەم - خەشەكنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش قاتارلىق ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

ئۆزگەرتىش - يېتىشتۈرۈش، ماس ئالغا سىلجىتىش

«شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات تارىخى شورلۇق يەرگە قارشى كۈرەش قىلغان بىر بۆلەك تارىختۇر.» ئىلگىرى بۇ كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ تونۇشى ئىدى.

شىنجاڭنىڭ «ئۈچ تاغ ئارىسىدا ئىككى ئويمانلىق بولۇش» يەر شەكلى ئاسانلا تۇپراقنىڭ شورلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چۈنكى شىنجاڭدىكى دەريا - ئېقىنلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىچكى قۇرۇقلۇق دەريالىرى بولۇپ، تاغلىق رايونلاردىن ئېرىگەن شورنى ئويمانلىققا ئۈزلۈكسىز ئېقىتىپ كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارلىنىشى كۈچلۈك ھەم ھۆل - يېغىن ئاز بولۇپ، شور يەر ئاستى سۈيى ئارقىلىق يۇقىرى ئۆرلەپ يەر يۈزىگە يىغىلىپ، شورلۇق تۇپراقنى شەكىللەندۈرىدۇ.

«بىز كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىپ، شورلۇق يەرلەر بىلەن <تىنچ بىللە تۇرۇشىمىز> كېرەك. ئىلگىرى ھەمىشە شورلۇق يەرلەرنى قانداق ئۆزگەرتىش، شور تەركىبىنى تۆۋەنلىتىپ زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىگە ماس كەلتۈرۈشنى ئويلايتتۇق، لېكىن ھازىرقى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى، يېڭى ئىشلەپچىقىرىش شەكلى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك چارىگە ئېھتىياجلىق بولۇۋاتىدۇ.» شورلۇق يەرنى تۈزەش بىلەن شۇغۇللانغان 20 نەچچە يىلدا، شۈ ۋەنلى چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى.

شۈ ۋەنلى مۇنداق تونۇشتۇردى: ئىلگىرى، شىنجاڭ شورلۇق يەرلەرنى تۈزەشتە ئاساسلىقى شورلۇق يەرگە ماس كېلىدىغان زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈشنى يېتەكچى قىلىپ، سۇغىرىش قاتارلىق قۇرۇلۇش تەدبىرلىرى ئارقىلىق تۇپراقنىڭ شور تەركىبىنى تۆۋەنلىتەتتى. لېكىن تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشى، تېرىقچىلىق ئەندىزىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، سۇ بايلىقىنىڭ قىس بولۇشى تۇپراق بىلەن سۇنىڭ زىددىيىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى، توڭ ياتقۇزۇش، ئەتىيازلىق سۇغىرىش ئارقىلىق شورلۇق يەرلەرنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى ئۇسۇلىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويغىلى بولمىدى، بۇنىڭ ئۈچۈن پىكىر يولىنى ئۆزگەرتىپ، شورلۇق يەرلەرنى تۈزەپ، زىرائەت تېرىشقا ماسلاشتۇرۇشنى شورغا چىداملىق زىرائەتلەرنى تاللاپ يېتىشتۈرۈپ شورلۇق يەرلەرگە ماس كېلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلدى.

2023 - يىللىق مەركەزنىڭ 1 - نومۇرلۇق ھۆججىتىدە مۇنداق تەكىتلەندى: قۇرغاق، يېرىم قۇرغاق تېرىلغۇ يەر، قىزىل، سېرىق تۇپراقتا تېرىقچىلىق قىلىدىغان يەرنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاساسلىقى شورلۇق يەرلەرنى تۈزەپ، زىرائەت تېرىشقا ماسلاشتۇرۇشنى شورغا چىداملىق تېخىمۇ كۆپ زىرائەتلەرنى تاللاپ يېتىشتۈرۈپ شورلۇق يەرلەرگە ماس كېلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، شورلۇق يەر قاتارلىق تېرىلغۇ يەر زاپاس بايلىقىنى ئۇنىۋېرسال ئېچىپ پايدىلىنىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

شۈ مىڭگاڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: يېنىك، ئوتتۇرا دەرىجىدىكى شورلۇق يەرلەرگە قارىتا، بۇغداي، قوناق، قىچا، دادۇر، بېدە قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ شورغا چىداملىق ئۇرۇق پىلازمىسىنى تاللاشنى نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇپ، شورغا چىداملىق، يۇقىرى ھوسۇللۇق، ئەلا سۈپەتلىك يېڭى سورتلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئېغىر دەرىجىدىكى شورلۇق يەرلەرگە قارىتا، يەرلىك ئىپتىدائىي مۇھىتتىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شورغا چىداملىق بولۇش ئىقتىدارى، ئىقتىسادىي قىممىتىنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، شورغا چىدامچانلىقى ياخشى، ئىقتىسادىي قىممىتى يۇقىرى بولغان شورغا چىداملىق بىر تۈركۈم خاس ئۆسۈملۈكلەرنى تاللاپ، ئوت - چۆپ ئۆستۈرۈشكە ماس كەلسە ئوت - چۆپ ئۆستۈرۈش، مېۋىلىك دەرەخ تىكىشكە ماس كەلسە مېۋىلىك دەرەخ تىكىش، ئورمان بىنا قىلىشقا ماس كەلسە ئورمان بىنا قىلىش كېرەك.

شورغا چىداملىق سورتلارنى تاللاپ يېتىشتۈرۈپ شورلۇق يەرگە ماسلاشتۇرۇشتا، شىنجاڭ ئالاقىدار تەجرىبىلەرنى ئىزدىنىپ تېپىپ چىقتى.

يېقىندا، گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ جېبكى بازىرىدا، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىسادىي زىرائەت تەتقىقات ئورنىنىڭ ياغلىق دان يېتىشتۈرۈش كوللېكىتپى تاللاپ يېتىشتۈرگەن ئوتتۇرا، ئېغىر دەرىجىدىكى شورغا چىداملىق ئەلا سورت خۇايۇۋزا 158Rنىڭ پايدىسىدا، كۈزگى قىچىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 157.9 كىلوگىرامغا يەتتى، بۇ، شىنجاڭدا شورلۇق يەردە كۈزلۈك قىچا تېرىش ئەندىزىسى بويىچە تۇنجى قېتىملىق سىناقنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىمۇ بۇ ھەقتە ئىزچىل ئىزدەندى، بۇ تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى تيەن چاڭيەن كوللېكتىپى قاراماي شەھىرى قاتارلىق ئېغىر دەرىجىدىكى شورلۇق رايونلاردا شوردا ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك − شورلۇق يەر سۇۋانىنى تېرىدى. ئۆلچەپ ھېسابلاش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈچ يىلدىن كېيىن، بۇ شورلۇق يەرلەر ئوتتۇرا، يېنىك دەرىجىدىكى شور تۇپراققا ئايلىنىدىكەن، كېۋەز قاتارلىق شورغا چىداملىق زىرائەتلەر بۇ تۇپراقتا ئۆسەلەيدىكەن، كېۋەزنىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلىنى 350 كىلوگىرامغا يەتكۈزگىلى بولىدىكەن.

بەزى كارخانىلارمۇ شورلۇق يەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. مەسىلەن، شىنجاڭ قارا ئالقات بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى شورلۇق يەردە قارا ئالقات ئۆستۈرۈپ، ئىشلەپچىقارغان سۇيۇق دورا، يۈز چاپلىقى، ئاچچىقسۇ قاتارلىق كۆپ خىل مەھسۇلاتلارنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىرسىيەت ۋە يېتىلىش بىيولوگىيەسى تەتقىقات ئورنى يېزا ئىگىلىك بايلىقى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ليۇ شياۋجىڭ مۇنداق دېدى: شورغا چىداملىق زىرائەت سورتى يېتىشمەسلىك، ئەلا سورت، ياخشى ئۇسۇللارنى يۈرۈشلەشتۈرۈش يېڭى تېخنىكىسى كەمچىل بولۇش نۆۋەتتە «تېرىشقا ماس كېلىدىغان يەر» دۇچ كېلىۋاتقان ئاساسلىق قىيىن مەسىلە. مولېكۇلا لايىھەلەپ سورت يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، شورغا چىداملىق زىرائەت سورتلىرىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، شورغا چىداملىق خاس ئۆسۈملۈكلەر ۋە شوردا ئۆسىدىغان ئىقتىسادىي ئۆسۈملۈكلەرنى ئېچىپ پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، شورلۇق يەر خاس ئۆسۈملۈكلىرىنى شورغا ماسلاشتۇرۇپ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ۋە يۈرۈشلەشتۈرۈپ، ئەلا سورت، ياخشى ئۇسۇللارنى يۈرۈشلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەكلىپىنى بېرىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە شورلۇق يەرلەرگە ماس كېلىدىغان زىرائەتلەرنى تېرىشقا تولۇقلىما بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، شورلۇق رايونلارنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز - ئېرىق قۇرۇلۇشى تۈر مەبلىغى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق تەكلىپلەرنى بېرىمەن.

تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ماس تۈزەش

شىنجاڭنىڭ گېئولوگىيە قۇرۇلمىسى ئۆزگىچە بولۇپ، تاغلىق رايون بىلەن ئويمانلىق ئارىلاش كەلگەن، ئويمانلىق ئاساسلىقى دېڭىز چۆكمىسى، كۆل چۆكمىسىدىن تەركىب تاپقان، تەبىئىي تۇپراق ئانىلىق ماددىسىنىڭ تۇز مىقدارى يۇقىرى، يەر ئاستى سۈيىنىڭ مىنېراللىشىش دەرىجىسى يۇقىرى.

ئادەتتە مىنېراللىشىش دەرىجىسى 1g/L (بىر لىتىر سۇ ئىچىدىكى تۇز مىقدارى 1 گىرام)دىن يۇقىرى بولغان، بىۋاسىتە پايدىلانغىلى بولمايدىغان ناچار سۈپەتلىك سۇ شور سۇ دەپ ئاتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە مىنېراللىشىش دەرىجىسى 3g/L - 1 بولغان سۇ شورراق سۇ، 10g/L - 3 بولغان سۇ تۇزلۇقراق سۇ، 50g/L - 10 بولغان سۇ تۇزلۇق سۇ، 50g/Lدىن يۇقىرى بولغان سۇ شورلۇق سۇ دەپ ئايرىلىدۇ.

جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو سۇچىلىق - سۇ ئېلېكتىر پەن تەتقىقات ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ خاۋ مۇنداق قارىدى: شىنجاڭنىڭ شورلۇق سۇ بايلىقى ئومۇمىي مىقدارى سۇ بايلىقى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، لېكىن شورلۇق سۇدىن پايدىلىنىش نىسبىتى %8كىمۇ يەتمەيدۇ. شۇڭا، شورلۇق سۇنى ئېچىش، پايدىلىنىش سۇ بايلىقى كەمچىل بولۇش ۋە شورلىشىشنى ھەمكارلىشىپ ھەل قىلىشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل.

ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، مارالبېشى ناھىيەسى، پەيزاۋات ناھىيەسى، يوپۇغا ناھىيەسى قاتارلىق تىپىك شورلىشىش بىرقەدەر ئېغىر بولغان ناھىيەلەردە %50تىن ئارتۇق (قۇدۇق سانى بويىچە ئىستاتىستىكا قىلىنغان) يەر ئاستى سۈيىنىڭ مىنېراللىشىش دەرىجىسى 2g/Lدىن، قىسمەن رايونلاردا 3g/Lدىن ئېشىپ كەتكەن. ھەر مو يەرنىڭ سۇغىرىش نورمىسىنى 400 كۇب مېتىر بويىچە ھېسابلىغاندا، ھەر يىلى ھەر مو يەرگە 800 كىلوگىرامدىن ئارتۇق تۇز ئېقىپ كىرىدىكەن.

«ئىلگىرى بار شورلۇق يەر مەسىلىسىنى تۈزەشكە توغرا كېلىدۇ، لېكىن سۇغىرىش يەنە يېڭى شورلىشىش مەسىلىسىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇنىڭغا ئوخشاشلا دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.» شۈ ۋەنلى مۇنداق دېدى: شورلۇق سۇنى تۇزسىزلاشتۇرۇش ۋە بىخەتەر پايدىلىنىش كوللېكتىپنىڭ كېيىنكى قەدەملىك تەتقىقاتىدىكى مۇھىم تەرەپ.

جېجياڭ داشۆ بىناكارلىق قۇرۇلۇش شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ جيەنجياڭ ئىلغار ئۈسكۈنىلەر ئاساس قىلىنغان تۇزلۇق سۇنى كۆپ گىرادىئېنتلىق تۇزسىزلاشتۇرۇش ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى ۋە ئۇنى كۆلەملەشتۈرۈپ قوللىنىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ تېخنىكىدا گىدرودىنامىكا ھەم پەردە ئۇسۇلى ئارقىلىق توپلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىپ تۇزسىزلاشتۇرۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، شورلۇق يەردىكى تۇز، ئىشقار، كىسلاتانى تۇپراقتىن ئۈزۈل - كېسىل ئايرىۋېتىدۇ ھەم داشقاللارنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىدۇ، نۆۋەتتە بۇ تېخنىكا شىنجاڭدا تەدرىجىي سىناق قىلىنىۋاتىدۇ.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بىر تەرەپتىن، شىنجاڭدا ھازىر شورلۇق سۇدىن پايدىلىنىشتا ئاساسلىقى تۇزلۇق بىلەن تۇزسىز سۇنى ئارىلاشتۇرۇپ سۇغىرىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدىكەن، تۇز يەنىلا سۇغىرىش ئارقىلىق ئېتىزغا قايتۇرۇلىدىكەن. تۇز تەركىبى مەسىلىسىنى قانداق قىلىپ تەلتۆكۈس ھەل قىلىش شورلۇق سۇنى تۇزسىزلاشتۇرۇش تېخنىكىسى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يۆنىلىشى. يەنە بىر تەرەپتىن، ھازىر شورلۇق سۇنى تۇزسىزلاشتۇرۇش تەننەرخى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى بولۇپ، كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىشتە خىرىس مەۋجۇت ئىكەن.

8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى شىنجاڭنىڭ زور پەن - تېخنىكا مەخسۇس تۈرى ۋە نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋەزىپىسى مەخسۇس تۈرىنى ئېلان قىلدى، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ساھەسى شىنجاڭنىڭ شورلۇق سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ۋە شورلۇق تېرىلغۇ يەرلەرنى ماسلاشتۇرۇپ تۈزەش ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە قوللىنىش جەھەتتىكى زور پەن - تېخنىكا مەخسۇس تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

شۈ ۋەنلى مۇنداق دېدى: شورلۇق سۇدىن بىخەتەر پايدىلىنىش شارائىتىدىكى شورلۇق يەردە تۇز تەركىبىنىڭ جۇغلىنىش، سۇ بىلەن تۇزنىڭ يۆتكىلىش قانۇنىيىتىنى ئېنىقلاپ، شورلۇق سۇنى تۇزسىزلاشتۇرۇشنىڭ ھالقىلىق تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، شورلۇق سۇنى تۇزسىزلاشتۇرۇش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، شورلۇق سۇنى دەرىجىگە ئايرىپ بىخەتەر پايدىلىنىش ئۇنىۋېرسال تېخنىكىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.