شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رەن خۇ خەۋەر قىلىدۇ: پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا، رەنىگە قويۇلغان تىرىك چارۋىلارنى قانداق دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ تىرىك چارۋىلارنى رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىشىنى ئىزچىل قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقان ئاچقۇچلۇق مەسىلە بولۇپ كەلگەنىدى. تىرىك چارۋا «رەقەملىك كىملىك»ىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، بۇ قىيىن مەسىلە ھەل بولدى.
«مال - دۇنيا قانچە كۆپ بولسىمۇ، چارۋا مال - دۇنيا ھېسابلانمايدۇ.» قەشقەر شەھىرى ئاققاش يېزىسى 4 - كەنتىدىكى قوي باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى نۇرمەمەت تۈۋەكنىڭ بۇ سۆزگە نىسبەتەن چوڭقۇر تەسىراتى بار، «ئىلگىرى، قوي - كالىلار قوتاندا لىق تۇرسىمۇ، رەنىگە قويۇپ بانكىدىن قەرز ئېلىشقا ئامالسىز ئىدۇق.» لېكىن ھازىر نۇرمەمەتنىڭ قارىشى ئۆزگەردى. يېقىندا، قەشقەر يېزا سودا بانكىسى ئۇنىڭ قوي پادىلىرىغا «رەقەملىك كىملىك» بېجىرىپ بەردى، شۇڭا ئۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا تىرىك چارۋىلىرىنى رەنىگە قويۇپ 850 مىڭ يۈەن قەرز پۇلىغا ئېرىشتى.
«رەقەملىك كىملىك» قەشقەر يېزا سودا بانكىسى 3 - تەرەپ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش شىركىتىنى تەكلىپ قىلىپ تىرىك چارۋىلارغا تاقىغان ئېلېكتىرونلۇق ئەقلىي ئىقتىدارلىق قۇلاق بەلگىسى ھەم تۇرغۇزغان رەقەملىك ئارخىپ. قۇلاق بەلگىسى بىردىنبىر رەقەملىك ID بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ، بانكا يان تېلېفوندىكى ئاقىل نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشAPPسى ئارقىلىق رەنىگە قويۇلغان تىرىك چارۋىلارنى كۆرۈنمە شەكىلدە نازارەت قىلالايدۇ، باشقۇرالايدۇ.
شىنجاڭنىڭ چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق سۇبيېكتلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل، شىنجاڭ يېزا - ئامانەت قەرز كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئاپتونوم رايونلۇق بىرلەشمە كوپىراتىپ» دېيىلىدۇ) جۇڭگو خەلق بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ تەلىپى بويىچە، شىنجاڭ يېزا - ئامانەت قەرز كوپىراتىپىنىڭ چارۋىچىلىق قەرز پۇلىنى باشقۇرۇش چارىسىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقاردى، قارىمىقىدىكى ھەرقايسى يېزا سودا بانكىسى، يېزا - ئامانەت قەرز كوپىراتىپى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بانكا - كوپىراتىپ» دېيىلىدۇ)نىڭ جۇڭگو خەلق بانكىسى ئىناۋەت گۇۋاھلىقى مەركىزىنىڭ كۆچمە مۈلۈك مەبلىغىنى يۈرۈشتۈرۈشنى بىرتۇتاش تىزىملاش، ئېلان قىلىش سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، تىرىك چارۋا رەنىلىك قەرز پۇل كەسپىگە قارىتا تىزىملاش، ئېلان قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، رەنىگە قويۇلغان تىرىك چارۋىلارنى قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بېرىش ياكى تەكرار رەنىگە قويۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
مۇشۇ ئاساستا، شىنجاڭ يېزا - ئامانەت قەرز كوپىراتىپى ھەرقايسى بانكا، كوپىراتىپنى پەن - تېخنىكا ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ تىرىك چارۋا رەنىلىك قەرز پۇل مەھسۇلاتلىرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى. قەشقەر يېزا سودا بانكىسى تىرىك چارۋىلارغا بېجىرىپ بەرگەن «رەقەملىك كىملىك» دەل ئىزدىنىش نەتىجىلىرىنىڭ بىرى.
ئاپتونوم رايونلۇق بىرلەشمە كوپىراتىپ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بۆلۈمى (ئومۇمىي مەنپەئەتدار پۇل مۇئامىلە بۆلۈمى)نىڭ باش دىرېكتورى ياڭ دۇڭمېي مۇنداق تونۇشتۇردى: «رەقەملىك كىملىك»نىڭ كېڭەيتىلىشىگە ئەگىشىپ، 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ يېزا - ئامانەت قەرز كوپىراتىپىدىكى 52 بانكا - كوپىراتىپ ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «تىرىك چارۋىلارنى رەنىگە قويۇش + پەن - تېخنىكا» «تىرىك چارۋىلارنى رەنىگە قويۇش + 3 - تەرەپ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش» «تىرىك چارۋا + يادرولۇق كارخانا» «كاپالەت + تىرىك چارۋىلارنى رەنىگە قويۇش» قاتارلىق كۆپ خىل قەرز پۇل ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، تىرىك چارۋا رەنىلىك قەرز پۇل كەسپىنى يولغا قويدى، قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 836 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.38 ئاشتى.
ياڭ دۇڭمېي مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق بىرلەشمە كوپىراتىپ «گۆش كالىسى، گۆش قويى ھەم سۈتچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر توققۇز تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىر»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى بانكا، كوپىراتىپنى «چارۋىلارنى پەرقلەندۈرۈش» «ئەقلىي ئىقتىدارلىق ساناش» قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنى سىناق قىلىشقا پائال يېتەكلەيدۇ، تەننەرخى تۆۋەن، خەۋپ - خەتىرىنى تىزگىنلىگىلى بولىدىغان، كۆپەيتكىلى، كېڭەيتكىلى بولىدىغان، چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىدۇ.