تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

9-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە، مورى ناھىيەسىدىكى بۇ مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئىشىك بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ

  

  يېقىندا، «مورى نۆل ئارىلىق»تا مۇنداق ئۇچۇر ئېلان قىلىندى، مورى ناھىيەسى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، 9-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە، 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدا ئىشىك بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا، تىيانشان مورى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك باغچىسى (AAAA)، شىمىگۇ دەرياسى ئىستىراھەت ساياھەت مەنزىرە رايونى (AAAA)، يېلسېن قۇملۇق باغچىسى (AAA)، مىڭشاشەن تېغى . توغراقلىق مەنزىرە رايونى (AAA)، يايلاق كارىز (AAA).

  شىنجاڭدىكى تۇنجى «جۇڭگو يېزا ئىگىلىك باغچىسى» تىيانشان مورى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك باغچىسى نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ يېزا ئىگىلىك باغچىسى بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 568 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بىنەم يەر تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى، پېشايۋانلىق ئۆي تۇرالغۇ ئىمارەتلىرى، كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى قاتارلىق ئادىمىيەت مەنزىرىلىرى بار، يەنە قارلىق چوققىدىكى يېشىل قارىغاي، ئېگىز تاغ يايلىقى، ئەتىۋارلىق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر قاتارلىق تەبىئىي ئېكولوگىيەگە ئىگە، ئائىلىۋى مېھمانخانا ساياھىتى، ئىستىراھەت ساياھىتى، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى ھېس قىلىش بىر گەۋدە قىلغان ئۇنىۋېرسال مەنزىرە رايونىدۇر.

  شىمىگۇ دەرياسى سالقىنداش ئىستىراھەت رايونى شىنجاڭ مورى ناھىيەسىنىڭ غەربىدىكى شىجىر بازىرىغا جايلاشقان بولۇپ، تىيانشاننىڭ شەرقىي ئېتىكىدىكى ئېدىرلىق تاغلىق رايونغا تەۋە، مورى ناھىيە بازىرىغا 28 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئىستىراھەت-دەم ئېلىش، ئورمانلىقتا سالقىنداش، ساقلىقنى ساقلاش، كۈتۈنۈش، ئېكولوگىيە ساياھىتى، ئۆرپ-ئادەتنى ھېس قىلىش، ئەشيا ئوبوروت مۇلازىمىتى قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال ساياھەت ئارامگاھى ھېسابلىنىدۇ.

  يېلسېن قۇملۇق باغچىسىدا ياۋايى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرى مول، قۇملۇقلار ئېگىزلەپ پەسىيىپ ئۇزاققا سوزۇلغان بولۇپ، شىمالدا مىڭشاشەن توغراقلىقى، جەنۇبتا يايلاق كارىزغا تۇتىشىدۇ، غەربتە مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ئۆزبېك مىللىتى يېزىسى بار، بۇ جاينى قۇملۇق مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىش، ئېكسپېدىتسىيە قىلىش، ساياھەت قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى جاي دېيىشكە بولىدۇ.

  مورى مىڭشاشەن دۆلەت قۇملۇق باغچىسى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا تەخمىنەن 130 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان بولۇپ، 2017-يىلى 9-ئايدا رەسمىي نام بېرىلگەن، ئەسلىدىكى مورى مىڭشاشەن . توغراقلىق مەنزىرە رايونى بولۇپ، مەنزىرە رايونىنىڭ كۆلىمى 3000 گېكتار كېلىدۇ، مورى ناھىيەسى پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ يادرولۇق مەنزىلىدۇر.

  مەنزىرە رايونى سۆكسۆك جىلغىسى، مىڭشاشەن، توغراقلىق، چىشىڭچۈەن قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىدىن تەركىب تاپقان، بۇنىڭ ئىچىدە، توغراقلىق مەنزىرە رايونىنىڭ كۆلىمى 35 كىۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ، دەلىللەشلەرگە قارىغاندا، مەنزىرە رايونى ئىچىدىكى توغراقلىق ھازىرغىچە 65 مىليون يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي ئىپتىدائىي توغراقلىق ھېسابلىنىدىكەن.

سۈرەت مەنبەسى: مورى تور ئىشلىرى

  مورى كارىزى تىيانشاننىڭ شىمالىدىكى قەدىمىي يىپەك يولى چوڭ يولىغا جايلاشقان، 3-قېتىملىق مەملىكەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، مورى ناھىيەسى تەۋەسىگە 77 كارىز تارقالغان بولۇپ، نۆۋەتتە يەنىلا ئىشلەتكلى بولىدىغاندىن 17سى بار ئىكەن.

  (خام ماتېرىيال مەنبەسى: مورى نۆل ئارىلىق، سانجى ئوبلاستلىق مەدەنىيەت-ساياھەت كوپىراتىپى، شىنجاڭ ياخشى جاي)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.