تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كورلا شەھىرىدە «جۇڭچيۇ بايرىمى مەدەنىيەت بازىرى» قاينام-تاشقىنلىق ئىچىدە ئېچىلدى

   تىيانشان تورى - شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ لىخۇا فوتوسى، خەۋىرى) 8-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچتە، كورلا شەھىرى چيەنچېڭ جىنشياڭ سودا كوچىسى ئادەملەر بىلەن لىق تولدى، كورلا شەھىرىنىڭ «جۇڭچيۇ بايرىمى مەدەنىيەت بازىرى» بۇ يەردە قاينام-تاشقىنلىق ئىچىدە ئېچىلدى. ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى، مىللىي چالغۇلاردا ئورۇنلانغان مۇزىكىلار، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىقلار شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرگە جۇڭچيۇ بايرىمى مەدەنىيەت كاتتا زىياپىتى ئېلىپ كەلدى.

8-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچتە، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر «جۇڭچيۇ بايرىمى مەدەنىيەت بازىرى»دا سەيلە قىلماقتا. 

8-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچتە، «جۇڭچيۇ بايرىمى مەدەنىيەت بازىرى» نەق مەيدانىدا، ساياھەتچىلەر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى تاماشا قىلماقتا.

8-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچتە، «جۇڭچيۇ بايرىمى مەدەنىيەت بازىرى» نەق مەيدانىدا، ئارتىسلار گۇجېڭ چالماقتا.

​8- ئاينىڭ 27- كۈنى كەچتە، «جۇڭچيۇ بايرىمى مەدەنىيەت بازىرى» نەق مەيدانىدا، كورلا شەھىرىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قەغەز قىيما ۋارىسى قەغەز قىيما سەنئەت بۇيۇمىنى كۆرسەتمەكتە. 

8-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچتە، «جۇڭچيۇ بايرىمى مەدەنىيەت بازىرى» نەق مەيدانىدا، ساياھەتچىلەر خۇشال ئۇسسۇل ئوينىماقتا. 

8-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچتە، «جۇڭچيۇ بايرىمى مەدەنىيەت بازىرى» نەق مەيدانىدا، كىچىك دوستلار خەتتاتلىق كۆرگەزمىسىنى كۆرمەكتە. 

8-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچتە، «جۇڭچيۇ بايرىمى مەدەنىيەت بازىرى» نەق مەيدانىدا، ساياھەتچىلەر ئۇن تائاملىرى كۆرگەزمە بۇيۇمى بولغان گۈللۈك مومىلارنى سۈرەتكە تارتماقتا.

8-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچتە، «جۇڭچيۇ بايرىمى مەدەنىيەت بازىرى» نەق مەيدانىدا، «ناغرا-داپ» تۈرى بويىچە ئۆسمۈرلەر ئۆگىنىش كۇرسىنىڭ كۇرسانتلىرى ناغرا چالماقتا.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.