تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

شىنجاڭ گۇيرۇ لەڭمەننىڭ كوللېكتىپ ئۆلچىمىنى ئېلان قىلدى

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ جياڭيەن خەۋەر قىلىدۇ) قانداق لەڭمەن شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي گۇيرۇ لەڭمىنى بولىدۇ؟ شىنجاڭ يېمەك-ئىچمەك جەمئىيىتى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلغان شىنجاڭ گۇيرۇ لەڭمىنىنىڭ كوللېكتىپ ئۆلچىمىدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ.

    شىنجاڭ گۇيرۇ لەڭمىنىنىڭ كوللېكتىپ ئۆلچىمىدە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: گۇيرۇ لەڭمەننىڭ خام ماتېرىيالىغا شىنجاڭنىڭ يەرلىك بۇغداي ئۇنى، مۇۋاپىق مىقداردا كالا گۆشى، قوينىڭ سان گۆشى ئىشلىتىلىدۇ، ئىشلىتىلىدىغان كۆكتاتلار كۈزلۈك بەسەي، شوخلا، كۆك (قىزىل) لازا، پىياز، سامساق، قۇرۇق لازا، كاۋاۋىچىن، قارا مورنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تەم تەڭشىگۈچلەر جياڭيۇ، ئاچچىقسۇ، قارىمۇچ، كىراخمال، تۇخۇم قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    بۇنىڭ ئىچىدە، گۆشكە قويۇلىدىغان تەلەپ گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، ھەر بىر لەڭمەندە كالا گۆشى ياكى قوي گۆشى 120 گىرامدىن كەم بولمايدۇ، گۆش 1.5 مىللىمېتىردىن 2 مىللىمېتىرغىچە نېپىز توغرىلىدۇ. لەڭمەننىڭ سېيىنى قازاندىن ئالغاندا ئازراق ئاچچىقسۇ قۇيۇلۇپ تەخسىگە ئۇسۇپ ئېلىنىدۇ، بىر تەخسە لەڭمەننىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى 450 گىرامدىن كەم بولمايدۇ.

    ​بىر تەخسە شىنجاڭ گۇيرۇ لەڭمىنى بىر تەخسە چۆپ، بىر تەخسە قورۇمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئومۇمىي ئېغىرلىقى 800 گىرام بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا رەڭگى چىرايلىق، تەمى قويۇق، مەززىلىك پۇرىقى دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ، گۆشى يۇمشاق، چۆپى سىلىق بولىدۇ.

    شىنجاڭ يېمەك-ئىچمەك جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى ۋاڭ روبىڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ گۇيرۇ لەڭمىنى كوللېكتىپ ئۆلچىمىنى تۈزۈشتىكى مەقسەت شىنجاڭ گۇيرۇ لەڭمىنى بازىرىنىڭ تەرتىپىنى يېتەكلەپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ گۇيرۇ لەڭمىنى ماركىسىنى قوغداپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ساغلاملىق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىن ئىبارەت.

    شىنجاڭ گۇيرۇ لەڭمىنىنىڭ كوللېكتىپ ئۆلچىمىنى شىنجاڭ يېمەك-ئىچمەك جەمئىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئۆلچەملەشتۈرۈش تەتقىقات يۇرتى، شىنجاڭ كەسپىي داشۆسى، شىنجاڭ بېيفاڭ كەسپىي ماھارەت تەربىيەلەش مەكتىپى قاتارلىق جەمئىيەتلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرى بىرلىكتە تۈزۈپ چىققان.

    ئۆلچەم تۈزۈشتىن بۇرۇن، لايىھە تەييارلاش گۇرۇپپىسى جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭدىكى ناھىيە، شەھەرلەرگە بېرىپ كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئۆلچەم تۈزگەندە كۆپ خىل ئامىللاردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلاندى. كەلگۈسىدە، شىنجاڭ يېمەك-ئىچمەك جەمئىيىتى يەنە باشلامچىلىق بىلەن پولۇ، سامسا، كاۋاپ، شىنجاڭ داپەنجىسى قاتارلىق خاس تائاملارنىڭ كوللېكتىپ ئۆلچىمىنى تۈزۈپ چىقىپ، شىنجاڭنىڭ خاس مەززىلىك تائاملىرىنى «سىرتقا چىقىرىش»قا كۈچ قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.