8-ئاينىڭ 21-كۈنى، كورلا شەھىرى قارا يۇلغۇن بازىرىنىڭ تەسكەن كەنتىدە شىنمېيلار ئارقا-ئارقىدىن پىشتى، كەنت ئاھالىلىرى شىنمېيلىقتا ئالدىراش شىنمېي ئۈزۈپ، مول ھوسۇل مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قارا يۇلغۇن بازىرىدا شىنمېي، ئۆرۈك، ئۈژمە قاتارلىق تۈرلۈك ئالاھىدە مېۋىلىك باغ كۆلىمى 5800 مودىن ئاشتى، باغۋەنچىلىك كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتىكى يېڭى يارقىن نۇقتىغا ئايلىنىپ، كورلا شەھىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىغا تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.
ئىختىيارىي مۇخبىرلار ما لىجۈەن، ئايزۆھرە ئايۇپ، پاتىگۈل مەمەت
شاخلاردىكى قىزغۇچ سۆسۈن رەڭلىك شىنمېي پوستى نېپىز بىر قەۋەت «ئاق قىرو» بىلەن ئورالغان بولۇپ، كىشىنى تولىمۇ جەلپ قىلاتتى.
كەنت ئاھالىلىرى ئۈزۈپ كېلىنگەن شىنمېيلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ، سېۋەتكە قاچىلاپ، سىرتقا توشۇشقا تەييارلىق قىلماقتا.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى