يېقىندا، باغراش ناھىيەسىنىڭ ئۇلان جېكىسىن يېزىسى ئۇلان جېكىسىن كەنتىدىكى شال ئېتىزلىقلىرىدا، ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسى شال ئېتىزلىقى ئاسمىنىدا ئۇياق-بۇياققا موكىدەك ئۆتۈشۈپ، بارغانلا يېرىدە تۇمان پەردىسى ھاسىل قىلىپ، شالغا «مۇداپىئە كىيىمى» كىيدۈردى. ھازىر شال ئۆسىدىغان ھالقىلىق مەزگىل، باغراش ناھىيەسى شالدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئارقىلىق كېسەللىك ۋە ھاشارەت زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، توغرا ئىشلەپ، مول ھوسۇل ئېلىشقا پۇختا ئاساس سالدى.
(ئىختىيارىي مۇخبىرلار خۇاڭ لىجۈەن، دۇڭ جۇسېن، ياڭ سىياۋ)
دېھقانلار شالنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.
دېھقانلار ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسىنى تەڭشىمەكتە.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى