ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خۇاڭ شىڭ) بېيجىڭ ۋاقتى 8- ئاينىڭ 28- كۈنى سەھەردە، پېرۇنىڭ لىما شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2024- يىللىق دۇنيا ياشلار يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئەر- ئاياللار ئارىلاش 4x400 مېتىرغا كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، فۇ خاۋرەن، ۋاڭ يالۇن، ئەلشىر ئۆمەر ۋە ليۇ يىڭلەندىن تەشكىللەنگەن جۇڭگو كوماندىسى 3- لىككە ئېرىشىپ، بۇ قېتىمقى دۇنيا ياشلار يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە جۇڭگو يېنىك ئاتلېتىكا كوماندىسىنىڭ تۇنجى مېدالىنى قولغا كەلتۈردى.
جۇڭگو كوماندىسى مېدالغا ئېرىشتى. سۈرەتنى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى تەنتەربىيە مەشىقى 1- چوڭ ئەترىتى تەمىنلىگەن
تەييارلىق مۇسابىقىدە فۇ خاۋرەن، ۋاڭ يالۇن، شۈ شىنفېڭ ۋە ليۇ يىڭلەندىن تەشكىللەنگەن جۇڭگو كوماندىسى 3 مىنۇت 23 سېكۇنت 15 دەقىقىلىك نەتىجە بىلەن 5- بولۇپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.
جۇڭگو كوماندىسىدىكىلەر مىس مېدالنى كۆرسەتمەكتە. سۈرەتنى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى تەنتەربىيە مەشىقى 1- چوڭ ئەترىتى تەمىنلىگەن
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىن بۇرۇن، تىرېنېرلار گۇرۇپپىسى يارىلانغان ئەلشىرنى شۈ شىنفېڭنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇردى، جۇڭگو كوماندىسىمۇ نەتىجىسىنى بىر سېكۇنت 48 دەقىقە ئۆستۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا 3 مىنۇت 21 سېكۇنت 27 دەقىقىلىك نەتىجە بىلەن ئۈچىنچى بولدى. بۇ نەتىجە جۇڭگو يېنىك ئاتلېتىكا كوماندىسىنىڭ دۇنيا ياشلار يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنى ياراتتى.
ئەلشىر يەنە ئەرلەرنىڭ 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.