تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىسلاھات سالمىقى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشى ھارارىتى ئاشۇرۇلدى

− ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا

□ گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا خەلق تۇرمۇشى ئەڭ مۇھىم. ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا «خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى زورايتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، قەلبلەرنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەش كېرەك» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش، ئىسلاھات سالمىقى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشى ھارارىتىنى ئاشۇرۇش ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ قىممەت يۈزلىنىشىنى گەۋدىلەندۈردى.

تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپە. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت باشتىن ـ ئاخىر خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بارلىق ئىسلاھات ـ تەرەققىياتقا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنىڭ ئەھمىيىتىنى يۈكلەپ، جەمئىيەت ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئىسلاھاتقا سىجىل كۈچ قوشۇلدى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، مائارىپ ئادىللىقى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلدى، ئىجتىمائىي كاپالەت تورى بارغانسېرى زىچ توقۇلدى، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆيلەر تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىنى قاپلىدى، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈلدى، تېخىمۇ كۆپ ساھە، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە «ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك پۈتتۈرۈش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى... ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى سىجىل ياخشىلىنىپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

ئىسلاھاتنى تۇتۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش تېگى ـ تەكتىدىن ئېيتقاندا، خەلقنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن. ئىسلاھات قانچە چوڭقۇرلاشقانسېرى، جەمئىيەت مەنپەئىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا شۇنچە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك؛ تەرەققىيات قانچە ئالغا ئىلگىرىلىگەنسېرى، ئۇنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا شۇنچە گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. جەزمەن قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت تۈزۈمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئىسلاھاتتا خەلقنى كۆزلەش، ئىسلاھاتتا خەلققە تايىنىش، ئىسلاھات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىمەن قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىللىق، سۈپەتلىك بولغان خەلق تۇرمۇشى جاۋاب قەغىزىنى پۈتۈشتە، يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئۆي ـ زېمىن كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تېبابەت، دورىگەرلىك، ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، نوپۇس تەرەققىياتىنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئىسلاھات داۋامىدا خەلقنىڭ مۇراجىئىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئىسلاھات ـ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلغاندىلا، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

خەلق تۇرمۇشىنى تۇتۇشمۇ تەرەققىياتنى تۇتقانلىق. خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاش جەريانى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كۆپەيتىش، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش جەريانىدۇر. خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىيىنىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەر ئىچىدىن ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى بارلىققا كەلمەكتە. مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كۈتۈنۈش، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالاش ـ ساقلىق ساقلاش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلغاندا ھەم خەلقنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرغىلى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئۇزاق مەزگىللىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ. تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى ئۈنۈملۈك ئۇدۇللاشتۇرۇش، ياخشى ئايلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، تەرەققىياتنى تېخىمۇ ئىللىقلىققا ئىگە قىلغىلى، خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىمۇ ئەڭ كۈچلۈك ئىشەنچ، ئەڭ جۇشقۇن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ.

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش باش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، قىممەت يۈزلىنىشىنى مۇستەھكەملەپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ ئىسلاھاتنى پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرگەندىلا، جەزمەن ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ روشەن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.