تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

كۈندە بىر رەددىيە | شياڭجياۋنى توڭلاتقۇدا يېڭى پېتى ساقلىغىلى بولامدۇ؟ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ جاۋابى كەلدى

   مەنبە: جۇڭگو ئىستېمالچىلار گېزىتى، جۇڭگو ئالاقە تورى بىرلەشمە رەددىيە بېرىش سۇپىسى

   شياڭجياۋ يېيىشكە ئامراق كىشىلەر بىر قېتىمدا جىقلا سېتىۋالىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بۇ شياڭجياۋلارنى يېڭى پېتى ساقلاش ئۈچۈن توڭلاتقۇغا سېلىشقا ئادەتلەنگەن. لېكىن، يەنە بەزىلىرى شياڭجياۋ «سوغۇقتىن قورقىدۇ»، توڭلاتقۇغا سېلىش توغرا ئەمەس، دەپ قارايدۇ. ئۇنداقتا شياڭجياۋنى قانداق ساقلاش كېرەك؟

رەسىم مەنبەسى: كۆرۈش سېزىمىدىكى جۇڭگو

   جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسى يېمەكلىك ئىلمى ۋە ئوزۇقلۇق قۇرۇلۇشى شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى فەن جىخۇڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: شياڭجياۋنىڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىغا ماسلىشىشچانلىقى بىر قەدەر ناچار، ساقلاشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان تېمپېراتۇرا ئادەتتە 11 سېلسىيە گىرادۇستىن 13 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدۇ، شۇڭا، توڭلاتقۇنىڭ 0 سېلسىيە گىرادۇستىن 4 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولغان سوغۇق ساقلاش ساندۇقىغا قويۇپ قويسا ئاسانلا ئۈششۈپ قالىدۇ، يۈزىدە قارا داغ، داغ پارچىلىرى پەيدا بولىدۇ، مېۋە ئېتىمۇ يۇمشاپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا شياڭجياۋ پىشىش جەريانىدا ئېتىلېن گازى قويۇپ بېرىدۇ، بۇ گازنىڭ پىشىشىنى تېزلىتىش رولى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئەتراپتىكى مېۋىلەرنىڭ پىشىشىنى ناھايىتى ئاسانلا تېزلىتىپ، باشقا مېۋىلەرنىڭ يېڭىلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

   شياڭجياۋنى ئۈزۈپ يىغىۋالغاندا كۆك رەڭلىك، پىشمىغان ھالەتتە بولىدۇ، چۈنكى پىشىپ كەتكەن شياڭجياۋنى توشۇغىلى ۋە ساقلىغىلى بولمايدۇ. سېتىش ئورنىغا بارغاندىن كېيىن، ئىنتايىن ئاز مىقداردىكى ئېتىلېن بىلەن شياڭجياۋنىڭ پىشىشىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ. تەبىئىي گاز، كۆمۈر ۋە ئوتۇن كۆيۈش جەريانىدىمۇ ئېتىلېن گازى ھاسىل بولىدۇ، شۇڭا، شياڭجياۋنىڭ پىشىپ يۇمشاپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، شياڭجياۋنى ئەڭ ياخشىسى ئاشخانىدا ساقلىماسلىق كېرەك، شياڭجياۋنى بىر نەچچە كۈن ئارتۇق ساقلىماقچى بولسىڭىز، ئۇنى قۇرغاق، سالقىن، شامال ئۆتۈشىدىغان مۇھىتقا قويۇپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.

   بۇلاردىن باشقا، شياڭجياۋنى ساقلىغاندا خالتىغا ھىم قاچىلاپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك، بولمىسا پىشقان شياڭجياۋ مىكرو ئېتېلىن قويۇپ بېرىپ، باشقا پىشمىغان شياڭجياۋلارنىڭنىڭ پىشىشىنى تېزلىتىدۇ، بۇ خۇددى «يۇقۇش»قا ئوخشايدۇ. ئەمما، بۇ خىل پىشىشنى تېزلىتىش رولىدىن بەزىدە پايدىلىنىشقا بولىدۇ، مەسىلەن، پىشقان شياڭجياۋ بىلەن قاتتىق مىخوۋتاۋ، پىشمىغان ماڭگونى ھىم سۇلياۋ خالتىغا بىللە سېلىپ قويسا، مىخوۋتاۋ، ماڭگونىڭ پىشىشىنى تېزلىتىش رولىنى ئوينايدۇ. (مۇخبىر لى جيەن)

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.