نۆۋەتتە، يەكەن ناھىيەسىدە سەبدەگۈل ئۈزۈش مەزگىلى يېتىپ كەلدى. يېقىندا دۆڭباغ يېزىسىنىڭ دۆڭباغ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى گۈل دېڭىزىدا سەبدەگۈل ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. دۆڭباغ كەنتى «كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسى ئارقىلىق سەبدەگۈلنى كۆلەملەشتۈرۈپ تېرىش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈپ پەرۋىش قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ يىل بۇ كەنتنىڭ سەبدەگۈل تېرىلغۇ كۆلىمى 350 موغا كېڭىيىپ، ھوسۇل مىقدارى بۇلتۇرقىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشتى، سەبدە گۈل كەسپى كەنت ئاھالىلىرىگە كۆرۈنەرلىك پايدا ئېلىپ كەلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرلار يەن شۆچىن، قەلبىنۇر ئەخەت
كەنت ئاھالىلىرى ئۈزگەن سەبدەگۈللەر.
سەبدەگۈل تەركىبىدىكى كىسانتوفىل يېمەكلىك، دورا ۋە گىرىم بۇيۇملىرى قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ ئىشلىتىلىش ئىستىقبالىغا ئىگە بولۇپ، سەبدەگۈل كەسپىگە كۈچلۈك بازار ھاياتىي كۈچى قوشتى. سۈرەتتە: يەكەن ناھىيەسىدىكى بىر سەبدەگۈل پىششىقلاش كارخانىسىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا خىزمەتچى خادىملار سەبدەگۈل تەركىبىدىكى كىسانتوفىلنى ئايرىماقتا.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى