تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى | ناننىڭ خۇش پۇرىقى چېگرا شەھەرنى قاپلىدى ئاچا - ئىنى رىشتى چوڭقۇرلاشتى

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بەي سۇجۈن

  8-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتە، 59 ياشلىق ۋاڭ چېڭفاڭ ئازراق مېۋە - چېۋە ۋە قوي گۆشى ئېلىپ، تاكسىدا ئولتۇرۇپ ئابباس مەمەتنىڭ ناۋايخانىسىغا كەلدى. 

  «ھەدە، يەنە كەپسىزغۇ، ھازىر ئۆيۈمدە ھەممە نەرسە بار، ئۆزىڭىزگە كۆپرەك كۆيۈنۈڭ». تونۇر ئالدىدا ئالدىراش يۈرگەن ئابباس دەرھال ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ۋاڭ چېڭفاڭغا بۇنداق ئاۋارە بولۇپ كېلىپ كېتىپ يۈرۈپ چارچاپ قالماسلىقنى تاپىلىدى.

 ۋاڭ چېڭفاڭ كۈلۈمسىرىگىنىچە قولىنى پۇلاڭلىتىپ ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ: «سالامەتلىكىم ياخشى! ھازىر كېلىن سىڭىل ھامىلدار تۇرسا، خاتىرجەم بولالماي يوقلاپ كەلدىم» دېدى.

  ۋاڭ چېڭفاڭ تىلغا ئالغان كېلىن سىڭىل ئابباسنىڭ خوتۇنى گۈلى يۈسۈپ ئىدى. گۈلى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئالاتاۋ شەھىرىدە ۋاڭ چېڭفاڭ ھەدەم بىلەن تونۇشقاندىن بۇيان، ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشى يىلدىن ـ يىلغا ياخشىلاندى، ئالدىنقى ئايدا، ئېرىم ئىككىمىز يەنە 77 كىۋادرات مېتىرلىق دۇكاندىن بىرنى سېتىۋالدۇق.

   35 ياشلىق ئابباس ئاقتۇ ناھىيەسى ئۈژمە بازىرى ئاماش كەنتىدىن. ئۇ مۇنداق دېدى: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ شىخەنزە شەھىرى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىگە بېرىپ ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى قىلدىم، ئوقۇش تارىخىم تۆۋەن ھەم تېخنىكا بىلمىگەچكە، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا جىسمانىي ئەمگەكلا قىلالىدىم.

 ۋاڭ چېڭفاڭ (ئوتتۇرىدا) ۋە ئابباس مەمەت ئەر-خوتۇن 8-ئاينىڭ 22-كۈنى ئالاتاۋ شەھىرىدە خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بەي سۇجۈن فوتوسى

  «ۋاڭ چېڭفاڭ ھەدەم بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، ھاياتىمدا تۈپتىن ئۆزگىرىش بولدى.» ئابباس مۇنداق دېدى: 2014-يىلى ئالاتاۋ شەھىرىگە بېرىپ تاغامنىڭ يېنىدا تۇردۇم، بۇ جەرياندا نان يېقىشنى ئۆگەندىم. يېرىم يىلدىن كېيىن، تاغام بالىسىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش ئىشى سەۋەبىدىن دۇكاننى ئۆتۈنۈپ بېرىپ، ئۆزى بورتالا شەھىرىگە بېرىپ ئىشلەشنى پىلانلىدى.

 «تاغام كەتكەندىن كېيىن، مەن بەك چۈشكۈنلىشىپ كەتتىم، كېيىنكى تۇرمۇشۇمنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى بىلەلمەي قالغانىدىم.» ئابباس مۇنداق دېدى: «مەن يار-يۆلەكسىز قالغاندا، تاغامنى ئۇن بىلەن تەمىنلىگەن قوشنىمىز، ئۇن ـ ياغ دۇكىنىنىڭ خوجايىنى ۋاڭ چېڭفاڭ ماڭا تەسەللىي بېرىپ ئۈمىدسىزلەنمەسلىكىمنى، ئۆزىنىڭ مېنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىمغا ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى».

 ئابباس ناۋايخانا ئاچماقچى بولدى. قولىدا ئاران 7000 يۈەن نەق پۇل بار ئىدى، ۋاڭ چېڭفاڭ ئۇنىڭغا 10 مىڭ يۈەن قەرز بېرىپ تۇردى ھەم نېسىگە بېرىش شەكلىدە ئۇنى ئۇن ۋە ياغ بىلەن تەمىنلەشكە ۋەدە بەردى. 

 ئۈچ يىلدىن بۇيان، ۋاڭ چېڭفاڭ ئابباسنى ھەر ئايدا ئۇن ۋە ياغ بىلەن ۋاقتىدا تەمىنلەشنى بىركۈنمۇ ئۈزۈلدۈرۈپ قويمىدى.

 «مەن ھەر ئايدا ئاز دېگەندە 60 خالتا ئۇن، 150 كىلوگىرام سۇ يېغى ئىشلىتىمەن، ۋاڭ چېڭفاڭ ھەدەم ئىزچىل نېسىگە بېرىش ئۇسۇلىدا مېنى مال بىلەن تەمىنلىدى، ئەزەلدىن ھېسابات قىلىشقا ئالدىراتمىدى.» ئابباس:  2017-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن قەرزنى قايتۇرۇپ بولدۇم، دېدى.

  2018-يىلىنىڭ بېشىدا، ۋاڭ چېڭفاڭنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن، ئابباس قەرز ئېلىپ ئالاتاۋ شەھىرىدە بىر يۈرۈش بىنا ئۆي سېتىۋالدى. «ئۆينىڭ ئورنى ۋە بېزەش ئۇسلۇبىدىمۇ ۋاڭ ھەدەم ياردەم قىلىپ مەسلىھەت بەردى. مېنى قالايمىقان پۇل خەجلىمىسۇن دەپ  ماڭا پۇل ئامانەت قويۇش پىلانى تۈزۈپ بەردى.» ئابباس مۇنداق دېدى: ۋاڭ چېڭفاڭ ھەدەم يەنە دائىم ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى ۋە ئەتراپىدىكى ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەمراھلىرىنى دۇكانغا كېلىپ نان سېتىۋېلىشقا سەپەرۋەر قىلىدۇ. 

8-ئاينىڭ 22-كۈنى، ۋاڭ چېڭفاڭ (ئوڭدىن 3-كىشى) ئابباس مەمەت ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ناۋايخانىنىڭ ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بەي سۇجۈن فوتوسى

  ناۋايخانىنىڭ سودىسى بارغانسېرى ياخشىلاندى. 2020-يىلى ئابباس پىكاپ ۋە 40 كىۋادرات مېتىرلىق دۇكاندىن بىرنى سېتىۋالدى، «ئۆي-مۈلۈك گۇۋاھنامىسىنى قولۇمغا ئالغاندا ھاياجانلانغىنىمدىن بىر كېچە تۈزۈك ئۇخلىيالمىدىم، بۈگۈنكىدەك ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشەلىشىمنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغانىدىم.» ئابباس خۇشال ھالدا: ۋاڭ چېڭفاڭ ھەدەم ئائىلىمىزنىڭ شەپقەتچىسى، دېدى. 

  «ئابباس ئۇكام جاپا-مۇشەققەتكە چىدايدۇ، بۇنىڭدىن ئالتە يىل ئىلگىرى كۆزۈمنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرغاندا ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن سودىسىنى قويۇپ، مەخسۇس دوختۇرخانىغا بېرىپ ھالىمدىن خەۋەر ئالدى». ۋاڭ چېڭفاڭ مۇنداق دېدى: 10 يىلدىن بۇيان، ئىككى ئائىلە بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ كەتتۇق، ھېيت ـ بايراملاردا يىغىلىپ تاماق يېگەندىن باشقا، ئادەتتە، مەيلى يېڭى كىيىم سېتىۋېلىش ياكى ئېسىل تائاملارنى يېيىش بولسۇن، بىرىنچى بولۇپ بىر ـ بىرىمىزنى ئويلايمىز. 

​  ئالاتاۋ شەھىرى ئالاتاۋ كوچا باشقارمىسى دوستلۇق مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى گاۋ گەي مۇنداق دېدى: ئابباس كىشىلەرگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدۇ، ئادەتتە مەھەللە تەشكىللىگەن تۈرلۈك ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ھېيت-بايراملاردا ئىگە-چاقىسىز ياشانغانلارغا نان ۋە كاۋاپ ئاپىرىپ بېرىدۇ، يەنە سىرتتىن كەلگەن ئىشلىگۈچىلەرگە ھەقسىز نان يېقىشنى ئۆگىتىدۇ.

  ئابباس مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە، ئىككى يۈرۈش دۇكىنىم، بىر ئاپتوموبىلىم بار بولدى، ناۋايخانامدا ھەر يىلى 100 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىۋاتىمەن، بۇ بىر قاتار خۇشاللىنارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ۋاڭ چېڭفاڭ ھەدەمنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ، «ۋاڭ چېڭفاڭ ھەدەم مەن ئەڭ ئىشىنىدىغان ئادەم، بىز ئۆمۈرلۈك ياخشى تۇغقانلاردىن بولۇشقا پۈتۈشتۇق».

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.