8-ئاينىڭ 22-كۈنى، شىخو شەھىرىنىڭ تابىلخات يېزىسى گېڭشېڭ كەنتىدىكى شوخلا ئېتىزلىقىدا، چوڭ تىپتىكى شوخلا يىغىش ماشىنىلىرى ئېتىزلىقتا چېپىپ يۈرەتتى، ئوتقاشتەك قىزارغان قىپقىزىل شوخلىلار يىغىش ماشىنىسىغا يۆگىلىپ كىرىپ، تەڭ كېتىۋاتقان توشۇش ماشىنىسىغا سىيرىلىپ چۈشۈپ، مول ھوسۇل مەنزىرىسى نامايان بولدى. بۇ يىل گېڭشېڭ كەنتى 860 مو يەردە شوخلا ئۆستۈردى، شوخلىلارنىڭ سۈپىتى ئەلا، تەمى ياخشى بولۇپ، بازارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.
(ئىختىيارىي مۇخبىرلار ئەلفىرە ئالىش، ما چېنشى)
8-ئاينىڭ 21 -كۈنى، شىخو شەھىرى بەيياڭگۇ بازىرىنىڭ شياڭياڭ كەنتىدىكى بۇغدايلىقتا، بۇغدايلار پىشىپ تولۇق دان تۇتتى. بەيياڭگۇ بازىرى تاغلىق رايونغا يېقىن بولغاچقا، بۇغداي كېيىنرەك پىشىدۇ. ئاشلىقنى ئامبارغا تولۇق كىرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بەيياڭگۇ بازىرى دېھقانلار ئۈچۈن كومبايىن ۋە تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنى ئالاقىلىشىپ، كاپالەت مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى.
دېھقانلار ئەمدىلا يىغىۋېلىنغان بۇغدايلارنى ئاپتوموبىلغا قاچىلىماقتا.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى