تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«كان بىخەتەرلىكى پەن - تېخنىكىسىنى شىنجاڭغا كىرگۈزۈش» پائالىيىتى باشلاندى

شىنجاڭ گېزىتى، سانجى، 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، دۆلەت كان بىخەتەرلىكى رېۋىزىيە ئىدارىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن «كان بىخەتەرلىكى پەن - تېخنىكىسىنى شىنجاڭغا كىرگۈزۈش» پائالىيىتى سانجى شەھىرىدە باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپجان مەمەت ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يۈسۈپجان مەمەت مۇنداق بىلدۈردى: «كان بىخەتەرلىكى پەن - تېخنىكىسىنى شىنجاڭغا كىرگۈزۈش» پائالىيىتى دۆلەتنىڭ شىنجاڭ كانچىلىق ساھەسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللىشىدىكى مۇھىم ھەرىكەت بولۇپ، شىنجاڭدىكى كانچىلىق كارخانىلىرىغا پەن - تېخنىكا يەتكۈزدى، مۇلازىمەت يەتكۈزدى، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، ئىشلىتىش، ئالماشتۇرۇش سۇپىسى ھازىرلاپ بەردى، ئىلغار، ئەسقاتىدىغان پەن - تېخنىكا جابدۇقلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، قوللىنىش بىلەن كان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتى، بۇ مۇقەررەركى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان كانلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىنى كۈچلۈك مەدەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

دۆلەت كان بىخەتەرلىكى رېۋىزىيە ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جوۋ دېچاڭ سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ باش تېمىسى «ئاساسنى پۇختىلاپ، ئۇلنى كۈچەيتىشكە پەن - تېخنىكا كۈچىنى قوشۇش» بولۇپ، ئاساسلىق ۋەزىپىسى شىنجاڭدىكى كانلارنىڭ سانى كۆپ بولۇش، تارقىلىش دائىرىسى كەڭ بولۇش، ساقلاش شارائىتىدا پەرق چوڭ بولۇش، ئاپەت تۈرى كۆپ بولۇش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىگە قارىتا، ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىسلەرنى مەخسۇس تېمىدا دوكلات بېرىش، لېكسىيە سۆزلەش ھەم كان قۇدۇقلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ «تومۇر تۇتۇپ دىياگنوز قويۇش»قا تەشكىللەش، تېخنىكا جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش، ئۈسكۈنىلەرنى كۆرگەزمە قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى كانچىلىق كارخانىلىرىنىڭ پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ئامانلىق ساقلاش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشىگە مەدەت بېرىش.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە سەككىز ئاكادېمىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىدار ساھەلەردىكى 69 داڭلىق مۇتەخەسسىس، 86 تېخنىكىغا تىرەك بولىدىغان ئورۇن ۋە ئۈسكۈنە كارخانىسى قاتنىشىشىقا تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئون مەيدان مەخسۇس تېمىلىق دوكلات يىغىنى، 43 مەيدان مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە ئۆتكۈزۈلىدۇ ھەم ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كان رايونىغا بېرىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.