− ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا
□ شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12 - ئومۇمىي يىغىنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكچى خاراكتېرلىك بىر تۈركۈم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى، ئىستراتېگىيەلىك تىرەكنى پۇختىلىدى، كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.
يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات − سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلىپ، چىقىش يولى تېپىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلاش، تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۈنۈملۈك كۈچەيتىش، تەرەققىيات يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تەدرىجىي قويۇپ بېرىش، تەرەققىيات سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز يەنە شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدا قىيىنچىلىق كۆپ، خىرىس زور، جەزمەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ «ئاچقۇچلۇق تەدبىر» ۋە «مۇھىم ئەڭگۈشتەر»دىن ياخشى پايدىلىنىپ، چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى سىجىل ھەل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە قوشۇندىن ئايرىلىپ قالماسلىقىغا، سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتى جەھەتتە كۈچەش كېرەك. تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق نۇقتا. ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى يېتەكچى قىلىنىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇلىدۇ؛ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزم تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىنىدۇ؛ مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىلىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىدىكى كەمتۈكلۈكلەر تېز تولۇقلىنىدۇ؛ رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش مېخانىزمى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ھەل قىلىنىدۇ؛ شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدىكى تۈزۈلمە - مېخانىزم مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، گىرەلەشمە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش ئالغا سىلجىتىلىدۇ؛ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش تۈزۈلمە - مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلىدۇ، بۇ ئىسلاھات تەدبىرلىرىدە شىنجاڭنىڭ «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى» چىڭ كۆزلىنىپ، تېخىمۇ سىستېمىلىق ھالدا تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىغا ئومۇميۈزلۈك كۈچ سەرپ قىلىنىپ، كۆپ نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۈزۈم ئۇل تېشى ئورنىتىلىدۇ.
يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. يېشىل بولۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي رېڭى، توغرىلىرىنى ساقلاشتا دەل يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ساقلاش كېرەك؛ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا تايىنىش كېرەك. مەيلى نېفىت - تەبىئىي گازنى چارلاش - ئېچىش ۋە زاپاس مىقدارىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىش، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىش، يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش - ئېچىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە «ئون تور» مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزم ئورنىتىشنى تېزلىتىش، ساياھەت قاتارلىق مۇلازىمەت كەسىپلىرىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرلىرىنى راۋاجلاندۇرىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزملارنى تاكامۇللاشتۇرۇش بولسۇن، ياكى پەن - تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، رايوننىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش بولسۇن... تۈرلۈك «قىممىتى» «يېڭىلىق تەركىبى» «يېشىللىق تەركىبى» يېتەرلىك بولغان ئىسلاھات تەدبىرلىرى توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش تەلىپىگە سىڭدۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتتا يېڭى ساھە، يېڭى مۇسابىقە يوللىرىنى ئېچىشىغا كەڭ بوشلۇق ھازىرلاپ بېرىپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.
يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ماس ئالغا سىلجىتىش كېرەك. سىستېمىلىق، بىر پۈتۈنلۈك، ماسلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم خىزمەت ئۇسۇلى. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاش؛ گىرەلەشمە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېچىۋېتىش ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى غەلىبە قىلىش ۋەزىيىتىگە ئايلاندۇرۇش... مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، سىستېمىلىق قاراش تەلىپى بويىچە، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش بىلەن نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرغاندا، ئاندىن ئىسلاھات نەتىجىسىدە ماسلىشىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
ھازىر، شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرماقتا. بىز قىلچە تەۋرەنمەي دىققەتنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت بۇ مەركىزىي خىزمەت ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىشىمىز كېرەك.