ئومۇمىي يىغىندا يولداش ما شىڭرۇينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ھەم مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بېكىتمىسى» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك كومىتېتى 12-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.







