تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

سەككىز تۈرلۈك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرغاندا ياردەم تولۇقلىمىسى قانداق بېرىلىدۇ؟ بۇ ئىشلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى

    ​مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلىرى

   سودا مىنىستېرلىقى قاتارلىق تۆت تارماق 8-ئاينىڭ 25-كۈنى كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلدى. جايلارنىڭ مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ مەبلىغىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىشلىتىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

   شەخسىي ئىستېمالچىلار سېتىۋالغان 2-دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئېنېرگىيە ئۈنۈمى ياكى سۇ ئىشلىتىش ئۈنۈمى ئۆلچىمىدىكى توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ، تېلېۋىزور، ھاۋا تەڭشىگۈچ، كومپيۇتېر، سۇ ئىسسىتقۇچ، ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان ئوچاق، بۇس تارتقۇ قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغا كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ، تولۇقلىما ئۆلچىمى مەھسۇلاتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سېتىلىش باھاسىنىڭ %15ى بويىچە بولىدۇ.

   1-دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئېنېرگىيە ئۈنۈمى ياكى سۇ ئىشلىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشقا قارىتا، نورمىدىن سىرت يەنە مەھسۇلاتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سېتىلىش باھاسىنىڭ %5 ى بويىچە ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ.

   ھەر بىر ئىستېمالچى سېتىۋالغان ھەر بىر تۈردىكى مەھسۇلاتنىڭ بىرىگە ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ، ھەر بىر مەھسۇلاتنىڭ ياردەم تولۇقلىمىسى 2000 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

   يەرلىكنىڭ چىقىم قىلغان ھامان كېمەيتىش، شەخسلەرنىڭ ھەقىقىي ئىسمى بىلەن پۇل بېلىتى تارقىتىش قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئەمەلىي ياردەم تولۇقلىمىسى ئېتىبارىنى تېزدىن ئىستېمالچىلارغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولۇش تۇيغۇسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.

   بارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرغىلى بولامدۇ؟

   بۇ قېتىمقى سىياسەتتە كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا قاتنىشىدىغان مەھسۇلاتلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، يەنى توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ، تېلېۋىزور، ھاۋا تەڭشىگۈچ، كومپيۇتېر، سۇ ئىسسىتقۇچ، ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان ئوچاق، بۇس تارتقۇ قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرىقى سەككىز تۈرلۈك ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنىدىن باشقا، جايلار يەنە شۇ جايدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ سېتىۋېلىش ئادىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تولۇقلىما بېرىلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتسە بولىدۇ.

   بۇ قېتىمقى ياردەم تولۇقلىمىسىدا ئۆزگىرىش بارمۇ؟ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋالسا قانچىلىك ئەرزان بولىدۇ؟

   بار! بۇ قېتىمقى ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش ئۆلچىمى ئىككى دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ: كۆپچىلىك 1-دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئېنېرگىيە ئۈنۈمى ياكى سۇ ئىشلىتىش ئۈنۈمى ئۆلچىمىگە يەتكەن يۇقىرىقى سەككىز تۈرلۈك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋالسا، تاۋارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سېتىلىش باھاسىنىڭ %20ى بويىچە ياردەم تولۇقلىمىسىغا ئېرىشەلەيدۇ؛ 2-دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئېنېرگىيە ئۈنۈمى ياكى سۇ ئىشلىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالسا، ئەڭ ئاخىرقى سېتىلىش باھاسىنىڭ %15ى بويىچە ياردەم تولۇقلىمىسىغا ئېرىشەلەيدۇ، يەنى قانچە يېشىل مەھسۇلات بولسا، ياردەم تولۇقلىمىسى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر ئىستېمالچى سېتىۋالغان ھەر بىر تۈرلۈك مەھسۇلاتنىڭ بىرىگە ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ، ھەر بىر تاۋارغا بېرىلىدىغان ئەڭ يۇقىرى تولۇقلىما سوممىسى 2000 يۈەن بولىدۇ. ئەگەر ھەم توڭلاتقۇ ھەم كومپيۇتېر ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز، بىرلا ۋاقىتتا بۇ قېتىمقى كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشسىڭىز بولىدۇ.

   ياردەم تولۇقلىمىسىنى قەيەردە ئالغىلى بولىدۇ؟

    بۇ قېتىم دۆلەت جايلارغا پۇل ئاجرىتىپ بەردى، ھەر بىر ئۆلكە، شەھەر ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، چىقىم قىلغان ھامان كېمەيتىش، شەخسلەرنىڭ ھەقىقىي ئىسمى بىلەن پۇل بېلەت تارقىتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، كۆپچىلىككە ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىدۇ. بەزى جايلاردا كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش تور سۇپىسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، تورغا چىقىپ كونا ئاپپارات ئۇچۇرىنى تاپشۇرسىلا ئىككى خىل نەپكە ئېرىشەلەيدۇ:

    بىرى، بىۋاسىتە تولۇقلىما بېلىتى ئېلىش، يېڭى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋالغاندا مەلۇم سوممىنى بىۋاسىتە كېمەيتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش؛

   يەنە بىرى، كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ئۇپراش باھاسى بولۇپ، يېڭىسىنى سېتىۋالغاندا بىۋاسىتە توغرىلاپ چىقىرىۋېتىشكە بولىدۇ، «ھەر ئىككىسىنى تەڭ تۇتۇش» كۆپچىلىكنى كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئېتىبارىدىن ناھايىتى ئاسانلا بەھرىمەن قىلىدۇ.

   ئاخىرىدا، بۇ قېتىمقى سىياسەتتە يەنە ئىككى ئىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىندى، بىرى، باھا ئالدامچىلىقى قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، يەنە بىرى، يېڭىغا ئالماشتۇرۇلغان مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كۈچەيتىلدى، ھەرقايسى جايلار ئەرز قىلىش، پاش قىلىش، نازارەت قىلىش يوللىرىنى ئېچىپ، كۆپچىلىكنى كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.