تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

دائىم كىرپىك گۈزەللەشتۈرىدىغان كىشىلەر كېيىن قانداق بولدى

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېخىمۇ كۆپ كىشى تاشقى قىياپەتنىڭ تېخىمۇ نەپىس بولۇشىنى قوغلىشىشقا باشلىدى، بۇنىڭ بىلەن كىرپىك گۈزەللەشتۈرۈشمۇ قىزىق تاللاش بولۇپ قالدى. مەيلى كىرپىك ئۇلاش بولسۇن ياكى كىرپىك لاكى ۋە كىرپىك ئۆستۈرۈش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىش بولسۇن، بۇ ئۇسۇللار كۆزنى تېخىمۇ نۇرلۇق قىلىپ، تېخىمۇ جەلپكار كۆرسىتىدۇ.
   كىرپىك ئۇلاش تەبىئىي كىرپىكنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تولۇقلاپلا قالماي، يەنە كىرپىكنى تېخىمۇ قويۇق، ئىنچىكە، ئۇزۇن، ئەگمە قىلىپ، كۆزنى تېخىمۇ جەلپكار كۆرسىتىدۇ. ئەمما، «كۆز قىسىش»تىن ئىبارەت بۇ ئېستېتىك ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، كىرپىك ئۇلاشقا بەلگىلىك ساغلاملىق يوشۇرۇن خەۋپى يوشۇرۇنغان.

كىرپىك يېلىمى راستتىنلا بىخەتەرمۇ؟

     كىرپىك ئۇزارتىش تېخنىكىسى «يېرىم مەڭگۈلۈك كىرپىك ئۇزارتىش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئەمەلىيەتتە يالغان كىرپىكنى ھەقىقىي تېرىگە كۆچۈرۈش بولماستىن، بەلكى شىلىم ئارقىلىق يالغان كىرپىكنى ھەربىر ھەقىقىي كىرپىككە بىرمۇبىر مەجبۇرىي چاپلاپ قويۇشتىن ئىبارەت. بۇ يالغان كىرپىك تالالىرى تەبىئىي ماتېرىياللار (مەسىلەن، يىپەك، ئات يۇڭى قاتارلىقلار) ياكى بىرىكمە ماتېرىياللار (مەسىلەن، نىلۇن، سۇلياۋ قاتارلىقلار)دىن ياسىلىشى مۇمكىن. ھالبۇكى، يالغان كىرپىك بىلەن تەبىئىي كىرپىكنى ئۇلايدىغان يىلىم بەزى يوشۇرۇن خەۋپلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، شۇڭا ئېھتىيات بىلەن تاللاش ۋە ئىشلىتىش كېرەك.
    گەرچە كۆپ ساندىكى سودىگەرلەر خېرىدارلارغا يىلىم رېئاكسىيە قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقىنى تەكشۈرسىمۇ، ئەمما رېئاكسىيە قىلمىغان تەقدىردىمۇ، يىلىم تەركىبىدىكى خىمىيەلىك ماددىلار يەنىلا سەزگۈر كۆز رايونىنى غىدىقلايدۇ. نۇرغۇن كىرپىك يېلىمىنىڭ تەركىبىدە α - سيانوئاكرىلات تۈرىدىكى سىمولا بار، بولۇپمۇ تېز قۇرۇيدىغان ۋە يېپىشقاقلىقى يۇقىرى بولغان يېلىمدا، شۇنداقلا ھەر خىل ياردەمچى دورىلار (مەسىلەن، ئەۋرىشىملىكنى ئاشۇرغۇچى رېئاكتىپ، پولىمېرلىنىشنى توسقۇچى رېئاكتىپ، تۇراقلاشتۇرغۇچى رېئاكتىپ ۋە سۇيۇلدۇرغۇچى رېئاكتىپ) قاتارلىقلار بار.
    α -
سيانوئاكرىلات تۈرىدىكى سىمولا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھاۋادىكى سۇ تەركىبىنى سۈمۈرۈپ، سيانوئاكرىلات يەككە تېنىنىڭ مەنپىي ئىئونلۇق پولىمېرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چىداملىقلىقى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان ئۇزۇن زەنجىرلىك يۇقىرى مولېكۇلىلىق ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ، سىرتقى يۈزى بىلەن زىچ بىرىكىپ، تېز قېتىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، كۆپ ئۇچرايدىغان تېز قۇرۇيدىغان يېلىم، پەيتلىك يېلىم، 502 يېلىم قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ تۈردىكى يېپىشتۇرغۇچ ھېسابلىنىدۇ. پارلىنىشچان خىمىيەلىك ماددىلارنى ئىشلەتكەندە پەيدا بولىدىغان غىدىقلاشتىن باشقا، سيانوئاكرىلاتنىڭ پولىمېرلىنىشى يەنە كۆپ مىقداردا ئىسسىقلىق قويۇپ بېرىپ، ئوخشاشلا كۆزنى غىدىقلايدۇ.


     ئۇنىڭ ئۈستىگە، بەزى ماركىنىڭ سودىگەرلىرى تەننەرخنى تېجەش ئۈچۈن، سۈپەتسىز يالغان كىرپىك ۋە يىلىم ئىشلىتىدۇ، بۇنىڭغا فورمالدېگىد سىمولىسى، قوغۇشۇن ۋە بېنزوئىك كىسلاتا قاتارلىقلار قوشۇلۇشى مۇمكىن.
    فورمالدېگىد سىمولىسى زەھەرلىك فورمالدېگىد قويۇپ بېرىپ، نەپەس يولىنى غىدىقلاپ، راك پەيدا قىلىش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن؛ قوغۇشۇن كۈچلۈك نېرۋا زەھىرى بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت قوبۇل قىلىنسا زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىگە زىيان يەتكۈزىدۇ؛ بېنزوئىك كىسلاتانى زىيادە كۆپ ئىشلەتكەندە جىگەر ۋە بۆرەككە بېسىم پەيدا قىلىشى ھەمدە تېرىگە رېئاكسىيە قىلىشى مۇمكىن.

    كىرپىك ئۇلاشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك قاپاق گىرۋىكى ياللۇغى (قاپاق ياللۇغى دەپمۇ ئاتىلىدۇ). چۈنكى كىرپىكنىڭ تۈك خالتىسى قاپاقنىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان بولۇپ، قاپاق تېرىسىنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە قىستۇرۇلۇپ كىرىدۇ. ھەر بىر كىرپىك بىر مۇستەقىل تۈك خالتىسىدىن ئۆسۈپ چىقىدۇ. كىرپىكنى ئۇلىغاندىن كېيىن، كىرپىكنى تازىلاشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئاشىدۇ، ئەگەر پاكىز بولمىسا، تېرە يېغى، گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ قالدۇقلىرى ۋە چاڭ-توزانلار كىرپىكنىڭ تۈۋىگە يىغىلىپ قېلىپ، باكتېرىيە پەيدا قىلىپ، قاپاق ياللۇغى ۋە يىڭناسقۇ پەيدا قىلىدۇ.
    يالغان كىرپىك زىيادە قويۇق بولۇپ كەتسە ياكى مۇۋاپىق چاپلانمىسىمۇ كىرپىك تۈك خالتىسىنى بېسىۋېلىپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بۇ يېقىندا مودا بولغان ماگنىتلىق يالغان كىرپىكتە تېخىمۇ روشەن بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر پەردازخانا ۋە كىرپىك سايمانلىرىنىڭ تازىلىقى ياخشى بولمىسا، كىرپىكنى سازاڭسىمان كانىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىتىدۇ.

   كىرپىك ئۆستۈرۈش سۇيۇقلۇقى كۆز كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن

    بارغانسېرى كۆپلىگەن كىشىلەر بۇ يوشۇرۇن خەتەرلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، كىرپىك يېلىمى ئىشلىتىشنى رەت قىلىپ، كىرپىك ئۆستۈرۈش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىشكە باشلىدى. ئۇنداقتا بۇ خىل ۋاسىتە بىخەتەرمۇ؟ بۇنى كىرپىكنىڭ ئۆسۈشىدىن سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.
    ئادەمنىڭ كىرپىكىنىڭ ئۆسۈش دەۋرى ئادەتتە ئۆسۈش مەزگىلى، چېكىنىش مەزگىلى ۋە توختاش مەزگىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىرپىك ئۆستۈرۈش سۇيۇقلۇقىدىكى بەزى تەركىبلەر ئۆسۈش مەزگىلىنى ئۇزارتىدۇ، كىرپىك تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملىق ئۆسۈپ، تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ. بەزى كىرپىك ئۆستۈرۈش سۇيۇقلۇقلىرى تەركىبىدە پىروستاگلاندىن بىرىكمىسىگە ئوخشاپ كېتىدىغان خىمىيەلىك بىرىكمە بار بولۇپ، بۇ تەركىبلەر كىرپىك تۈك خالتىسىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغىتىپ، كىرپىكنىڭ سانى ۋە زىچلىقىنى ئاشۇرىدۇ.
    پىروستاگلاندىن تۈرىدىكى تۇغۇندى ماددىلار بىر خىل دورا بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە ئاساسلىقى گىلاۋكوما ۋە كۆز بېسىمى يۇقىرىلاش كېسىلىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلگەن. گىلاۋكوما بىمارلىرىنىڭ كۆزىدىكى سۇيۇقلۇق كۆپ مىقداردا يىغىلىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، پىروستاگلاندىن تۈرىدىكى تۇغۇندى ماددىلار كۆز ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقنىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئازايتىش ياكى سۇيۇقلۇقنىڭ چىقىرىلىشىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق كۆز ئىچكى بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئىشلىتىش جەريانىدا، دوختۇر پىروستاگلاندىن كۆز تېمىتىش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەتكەن گىلاۋكوما بىمارلىرىدا تېخىمۇ قويۇق، تېخىمۇ ئۇزۇن، تېخىمۇ چوڭقۇر كىرپىك ئۆسۈپ چىققانلىقىنى بايقىدى.

    ئالىملار بۇنىڭ ئارقىسىدىكى سىرنى ئېچىپ بەردى: بۇ خىل تەركىبلەر كىرپىكنىڭ ئۆسۈش مەزگىلىنى ئۇزارتىدۇ ۋە كىرپىك سانىنى ئاشۇرىدۇ. شۇڭا پىروستاگلاندىن تۈرىدىكى تۇغۇندى ماددىلار بەزى كىرپىك ئۆستۈرۈش سۇيۇقلۇقىدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدۇ.
   بىراق، بۇ تۈردىكى مەھسۇلاتلار باشقا ساغلاملىق خەتىرى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. پىروستاگلاندىن تۈرىدىكى تۇغۇندى ماددىلار قاپاق پىگمېنتىنىڭ چۆكۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، ھەتتا رەڭدار پەردىنىڭ رەڭگىنى مەڭگۈلۈك ئۆزگەرتىشى ھەمدە كۆز ئەتراپىدىكى ياغ توقۇلمىلىرىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بۇ پىروستاگلاندىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان كۆز چانىقى ئەتراپىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ كۆزنى قارىماققا كاۋاكلاشتۇرىدۇ ھەمدە كۆز ئەتراپى قارىداشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
    كىرپىك ئۆستۈرۈش سۇيۇقلۇقىدا يەنە ۋىتامىن، ئامىنو كىسلاتاسى، پېپتىد قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر بولۇشى مۇمكىن، بۇ تەركىبلەر كىرپىكنىڭ ئەۋرىشىملىكى ۋە ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۈزۈلۈشنى ئازايتىپ، كىرپىكنى تېخىمۇ ساغلام، تېخىمۇ قويۇق كۆرسىتىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ كىرپىكنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئېنىق تەجرىبە ئىسپاتى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىسمەن كىرپىك ئۆستۈرۈش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىشتىن توختاتقاندىن كېيىن كىرپىك ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتىشى مۇمكىن.
    خاتىمە
    گۈزەللىككە يېتىش يولىدا، بىز دائىم ھەر خىل ھۆسن تۈزەش ئۇسۇللىرىغا مەپتۇن بولۇپ قالىمىز، مەيلى كىرپىك ئۇلاش ياكى كىرپىك ئۆستۈرۈش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىش بولسۇن، بۇ ئۇسۇللار كۆز قارىچۇقىمىزنى تېخىمۇ جەلپكار قىلىدۇ. لېكىن بۇ ئۇسۇللار گۈزەللىك ئېلىپ كېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بەلگىلىك ساغلاملىق خەتىرىمۇ ئېلىپ كېلىدۇ.
    گۈزەللىك ئەلۋەتتە مۇھىم، لېكىن ساغلاملىققا تېخىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئىستېمالچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئاقىلانە تاللىشىمىز، بىردەملىك گۈزەللىك ئۈنۈمىنى قارىغۇلارچە قوغلاشماسلىقىمىز، بەلكى مەھسۇلاتنىڭ تەركىبى ۋە ئەكس تەسىرىنى تولۇق چۈشىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.