مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خۇڭشى خەيرىيەت فوندى جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، شۇ كۈندىن باشلاپ، پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىلار بۇ فوندى جەمئىيەتكە قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئىلتىماسى سۇنسا بولىدىكەن، ھەربىر بالا ئەڭ كۆپ بولغاندا 50 مىڭ يۈەن قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش مەبلىغىگە ئېرىشەلەيدىكەن.
تۇغما خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلى قىسقارتىلىپ تۇغما يۈرەك كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ تۇغما غەيرىيلىك ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان بىر تۈر، شۇنداقلا بالىلارنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھدىت سالىدىغان بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، دۆلىتىمىزدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تۇغما كەمتۈكلۈكى ئىچىدە كېسەللىك قوزغىلىش نىسبىتى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. كۆپ ساندىكى ئاغرىق بالىلارنى ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ، كېسەللىك ئەھۋالى مۇرەككەپ ئاز ساندىكى ئاغرىقلارنىمۇ داۋالاش ئارقىلىق كېسەللىك ئالامىتىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلىغىلى بولىدۇ. «بالدۇر بايقاش، بالدۇر دىياگنوز قويۇش، بالدۇر داۋالاش ئارقىلىق تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلاردا يۈرەك زەئىپلىشىش، شوك بولۇپ قېلىش، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك مېڭە زەخىملىنىش قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىك يۈزبېرىش خەۋپىنى ئۈنۈملۈك ئازايتقىلى ھەم ئاغرىقلار ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ» دېدى بىڭتۇەن خۇڭشى خەيرىيەت فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى لى چاۋ.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئوبيېكتلىرى: شىنجاڭ دائىرىسىدىكى 18 ياشتىن تۆۋەن (18 ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار، تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، لېكىن ئوپېراتسىيە قىلىنمىغان ھەم ئوپېراتسىيە قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئاغرىق بالىلار ئىكەن. قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئائىلىلەر بىڭتۇەن خۇڭشى خەيرىيەت فوندى جەمئىيىتىنىڭ قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئىلتىماس جەدۋىلىنى تولدۇرۇشى ھەم بۇ فوندى جەمئىيەتنى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بارلىق ئىسپاتى، ھەمدە تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىنىڭ بىر يىل ئىچىدىكى دىياگنوز ئىسپاتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشنى ئويلىشىۋاتقان ھەم تەپسىلىي ئەھۋالنى بىلمەكچى بولغان ئاتا-ئانىلار ياكى تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار بىڭتۇەن خۇڭشى خەيرىيەت فوندى جەمئىيىتىدىن مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ، ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى 2601711-0991.
ئىگىلىنىشىچە، 2019-يىلى بىڭتۇەن خۇڭشى خەيرىيەت فوندى جەمئىيىتى بىڭتۇەن خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە خەيرىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارا ئىئانە توپلاش سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشكەن. بۇ فوندى جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي مەقسىتى جەمئىيەت كۈچلىرىنى جەمئىيەت بايلىقىنى بىرىكتۈرۈشكە كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلىپ، ئىنچىكىلەشكەن مۇلازىمىتى ئارقىلىق قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا غەمخورلۇق قىلىپ، كەسىپلەشكەن ئەمەلىيىتى ئارقىلىق جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلىپ، خەيرىيەت ئىشلىرىغا كۈچ قوشۇشتىن ئىبارەت.
«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى