تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

تۇنجى ئۇچۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى! قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە يېڭىچە ئويناش ئۇسۇلى بارلىققا كەلدى

  8-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، AC311A تىپلىق بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان قەشقەر شەھىرىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى — كوئېنلۇن مۇنارى ئەتراپىدىن ئاستا - ئاستا بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى ئاسمىنىدا بىر ئايلىنىپ ئۇچقاندىن كېيىن سىلىق قوندى. بۇ، تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن ھاۋا بوشلۇقىدا ساياھەت قىلىش مۇلازىمەت تۈرىنىڭ قەشقەردە يولغا قويۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ساياھەتچىلەر ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇپ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى يۇقىرى بوشلۇقتىن كۆرەلەيدۇ.

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ساياھەت قىلىش تۈرىدە تۇنجى ئۇچۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.

دۇڭ ۋەنچاۋ فوتوسى

  بۇ تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ساياھەت قىلىش تۈرىنى شىنجاڭ مەدەنىيەت-ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن قەشقەر شەھەر قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىرلىكتە ئاچقان بولۇپ، شىنجاڭ مەدەنىيەت-ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىغا قاراشلىق شىنجاڭ ھەممىباب تىك ئۇچار ئايروپىلان ئاۋىياتسىيە چەكلىك شىركىتى يۈرگۈزىدۇ. «بۇ، قەشقەر ساياھەت كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى بىر قېتىملىق پايدىلىق سىناق بولۇپ، ساياھەتچىلەرنى بىر خىل ئۆزگىچە ساياھەت ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، تەڭداشسىز بولغان ھاۋا بوشلۇقى ساياھىتى كاتتا زىياپىتىنى ھازىرلىدى، تېخىمۇ مۇھىمى قەشقەرنىڭ ساياھەت بازىرىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، ساياھەت سۈپىتى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى»، دېدى شىنجاڭ ھەممىباب تىك ئۇچار ئايروپىلان ئاۋىياتسىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ياڭ جيەن.

 قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىغا بوشلۇقتىن نەزەر.

ۋاڭ جېنچياڭ فوتوسى

  ھاۋا بوشلۇقى ساياھىتىدىكى تىك ئۇچار ئايروپىلاننى يۈرۈشتۈرۈش ۋە ئاسراش ئىشلىرىنى بۇ شىركەتنىڭ كەسپىي كوللېكتىپى قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەجرىبىسى مول ئۇچقۇچى ۋە كەسپىي يەر يۈزى مۇلازىمەت كوللېكتىپى سەپلىنىپ، ساياھەتچىلەر ھەر تەرەپلىمە، يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت كاپالىتىگە ئىگە قىلىنىپ، ھەر بىر ساياھەتچىنىڭ بىخەتەر، قولاي، خۇشال ساياھەت قىلىش تۇيغۇسىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. شۇ كۈنلۈك تۇنجى ئۇچۇش 10 كىلومېتىر دائىرىنى قاپلىدى. ئۇچۇش جەريانىدا، ئۇچقۇچىلار يەنە قەشقەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى سۆزلەپ بېرىدۇ.

  بۇنىڭدىن كېيىن، قەشقەرنىڭ ھاۋا بوشلۇقى ساياھىتى تۈرىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇش لىنىيەسى داۋاملىق ئېچىلىپ، ساياھەتچىلەر قەشقەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن تېخىمۇ ياخشى ھۇزۇرلىنالايدۇ.

ھاۋا بوشلۇقى ساياھىتى تۈرىگە ئىشلىتىلىدىغان تىك ئۇچار ئايروپىلان.

ۋاڭ جېنچياڭ فوتوسى

  ياڭ جيەن مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭ ھەممىباب تىك ئۇچار ئاۋىياتسىيە چەكلىك شىركىتى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئورنى، بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، مەۋقەنى پۈتۈن شىنجاڭغا قويۇپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنى قاپلاپ، «ساياھەت + مەشغۇلات + كەسىپ» ئەندىزىسى ئارقىلىق پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئاۋىياتسىيە كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، ئاۋىياتسىيە مۇلازىمىتى مەھسۇلاتلىرىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئاۋىياتسىيە ئىستېمالىنىڭ ئېشىش نۇقتىسىنى يارىتىپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدا ھەمكارلىشىپ تىجارەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.