8- ئاينىڭ 24- كۈنى، «ئانار چېچىكى. ئارزۇغا ئىنتىلگەن قىزلار» 2024- يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق ياش-ئۆسمۈرلەر قىزلار پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى ئىلىدا ئاياغلاشتى. كەسكىن ئېلىشىش ئارقىلىق ئىلى ئوبلاستى ۋەكىللەر كوماندىسى چېمپىيون بولۇپ، 5000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش ۋەكىللەر كوماندىسى ئىككىنچىلىككە ئېرىشىپ، 3000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋەكىللەر كوماندىسى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشىپ، 2000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
«ئانار چېچىكى . ئارزۇغا ئىنتىلگەن قىزلار» 2024- يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق ياش- ئۆسمۈرلەر قىزلار پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.
جاڭ چىڭخۇا فوتوسى
بەش كۈنلۈك مۇسابىقىدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىن كەلگەن ياش- ئۆسمۈر قىزلار پۇتبول كوماندىسى چىملىق مەيداندا راسا تەر تۆكۈپ، ياشلىق ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.
ئىلى ئوبلاستى ۋەكىللەر كوماندىسىدىن زۇمرەت يۈسۈپ مۇنداق دېدى: «مەن كىچىكىمدىن پۇتبول ھەرىكىتىنى ياخشى كۆرەتتىم، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتنىشىشتىكى مەقسىتىم ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق سەۋىيەمنى ئۆستۈرۈش. مېنىڭ ئارزۇيۇم دۆلەت كوماندىسىغا كىرىپ، چوڭ مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ۋەتەنگە شەرەپ كەلتۈرۈش».
8- ئاينىڭ 24- كۈنىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقە نەق مەيدانى.
جاڭ چىڭخۇا فوتوسى
سانجى ئوبلاستلىق ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ يېتەكچىسى دياۋ مىڭمىڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە نەتىجىگە ئېرىشىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى كوماندا ئەزالىرى مۇسابىقىدە ئۆسۈپ يېتىلىپ، كوللېكتىپ ھەمكارلىشىش روھىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.
(ئىلى ئوبلاستلىق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ياڭ جىڭيى، چېن تيەنجىن، لەي يۈنىڭ، جاڭ چىڭخۇا)