شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ يۈ خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، شىنجاڭ نېفىتلىكىنىڭ فېڭچېڭ نېفىتلىكى مەشغۇلات رايونىدىكى قۇدۇق رېمونت قىلغۇچىلار سانلىق مەلۇماتلارنى كۆچمە يىغىش تېرمىنال ئۈسكۈنىسىنى ئېلىپ، «شىنجاڭ نېفىتلىك خەرىتىسى» يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ يېتەكچىلىكى بويىچە، قۇدۇق رايونىدىن 20 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ياقا قۇدۇقنى تېز، دەل جايىدا ئىزدەپ تاپتى.
«شىنجاڭ نېفىتلىك خەرىتىسى» شىنجاڭ نېفىتلىكى رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش تېخنىكا شىركىتى بارلىققا كەلتۈرگەن نېفىتلىك يەر يۈزى قۇرۇلۇشى جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر سىستېمىسى بولۇپ، بۇ يىل 4 - ئايدا رەسمىي تورغا چىقىرىلغان، بۇنىڭ بىلەن نېفىتلىك يەر يۈزى قۇرۇلۇشى ئۇچۇرلىرىنى 4D بويىچە باشقۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. نېفىتلىك يول تورى سانلىق مەلۇماتىنىڭ قوللىشىدا، «شىنجاڭ نېفىتلىك خەرىتىسى» چارلاپ تەكشۈرۈش خادىملىرى ۋە قۇدۇق رېمونت قىلىش خادىملىرىغا يېتىپ بېرىش لىنىيەسىنى تېز سۈرئەتتە پىلانلاپ بېرىدۇ، ئىشلىتىش خۇددى يان تېلېفون يول باشلاش سىستېمىسىغا ئوخشاشلا ئاددىي.
فېڭچېڭ نېفىتلىكى مەشغۇلات رايونى نېفىت ئېلىش 3 - پونكىتىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە 250 ياقا قۇدۇق بار، «شىنجاڭ نېفىتلىك خەرىتىسى» بارلىققا كېلىشتىن ئىلگىرى، قۇدۇق رېمونت قىلغۇچىلارنىڭ ياقا قۇدۇقتىن بىرنى ئىزدىشىمۇ قىيىن ئىدى. «ئىلگىرى پەقەت مۇشۇ قۇدۇقنىڭ كوردىنات ئۇچۇرىلا بار بولۇپ، تەخمىنەن ئورنىنى بىلگىلى بولاتتى، لېكىن قانداق يېتىپ بېرىش قىيىن مەسىلە ئىدى، بىپايان چۆللۈكتە بەزىدە قۇدۇق رېمونت قىلغۇچىلار بىر قۇدۇقنى بىر كۈن ئىزدەيتتى.» شىنجاڭ نېفىتلىكىنىڭ فېڭچېڭ نېفىتلىكى مەشغۇلات رايونى نېفىت ئېلىش 3 - پونكىتى ئىشلەپچىقىرىش - يۈرۈشتۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چۈ جياڭفېڭ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ نېفىتلىك خەرىتىسى»نى ئىشلەتكەندىن كېيىن، پەقەت قۇدۇق نومۇرىنى كىرگۈزۈپ يېنىك باسساقلا ئاۋازلىق يول باشلاش سىستېمىسى قوزغىلىپ، تەكشۈرمەكچى بولغان چەت - ياقىدىكى قۇدۇقلارغا دەل جايىدا، تېز سۈرئەتتە يول باشلاپ بارىدۇ.
پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا: يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسىنى ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن زەنجىر بويىچە ئومۇملاشتۇرۇپ قوللىنىشنى تېزلىتىپ، سانائەت ئالاقە تورىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە رەقەملىك كەسىپ توپى بەرپا قىلىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شىنجاڭ نېفىتلىكى رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان تەرەققىياتقا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇپ، نېفىتلىك يەر يۈزى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىشىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.
شىنجاڭ نېفىتلىكىدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش قۇدۇقى بىپايان قۇملۇق، چۆللۈككە خۇددى يۇلتۇزلاردەك جايلاشقان، ئاندىن ئەگرى - بۈگرى يىغىپ توشۇش تۇرۇبا لىنىيەسى ئارقىلىق پونكىت ۋە ئامبارغا تۇتاشتۇرۇلۇپ، غايەت زور يەر يۈزى ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ، قۇدۇق، پونكىت، ئامبارلارنى باشقۇرۇش ئۈچۈن، ئىلگىرى نۇرغۇن ئاساسىي قاتلام ئىشلەپچىقىرىش ئورنى قەغەزگە بېسىلغان ياكى قولدا سىزىلغان تېخنولوگىيە ئىش تەرتىپى چېرتيوژىنى ئىشلىتەتتى، بۇ چېرتيوژلار تارقاق، بىرلىككە كەلمىگەن بولۇپلا قالماي، يەنە سانلىق مەلۇماتلار توغرا ئەمەس، ئۇچۇرلار مۇكەممەل بولمىغاچقا، ئىشلىتىش ناھايىتى قولايسىز ئىدى. «شىنجاڭ نېفىتلىك خەرىتىسى» تورغا چىقىرىلغاندىن كېيىن، نېفىتلىك يەر يۈزى قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى سىستېمىلىرىنىڭ تېخنولوگىيە ئىش تەرتىپى قول تېرمىنالىدا ئېنىق نامايان بولۇپ، يەر يۈزى قۇرۇلۇشىنىڭ قۇدۇق، تۇرۇبا لىنىيەسى، پونكىت، ئامبار ئومۇمىي ئىش تەرتىپى «بىر پارچە خەرىتە»دە بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
شىنجاڭ نېفىتلىكى رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش تېخنىكا شىركىتى يۇمشاق دېتال تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىنژېنېرى لياڭ زىجۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: «شىنجاڭ نېفىتلىك خەرىتىسى» يۇقىرى سۈپەتلىك 3D خەرىتىنى ئاساس قىلىپ، «بىر خەرىتە، بىر سۇپا، N + قوللىنىش» ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يەر يۈزى قۇرۇلۇشى ساھەسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى رەقەملەشتۈرۈش، يۈرۈشتۈرۈش - باشقۇرۇشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش، سانلىق مەلۇمات بايلىقىنى مۈلۈكلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تېخنولوگىيەنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، نەق مەيدان مەشغۇلات ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خەۋپ - خەتىرىنى تۆۋەنلەتتى.
شىنجاڭ نېفىتلىكى رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش تېخنىكا شىركىتى يۇمشاق دېتال تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىنژېنېرى گې شىڭشىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «شىنجاڭ نېفىتلىك خەرىتىسى» فېڭچېڭ نېفىتلىكى مەشغۇلات رايونى، بەيكوۋچۈەن نېفىت ئېلىش زاۋۇتى، لۇلياڭ نېفىتلىكى قاتارلىق 17 ئورۇندا ئىشلىتىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشقا قوماندانلىق قىلىش، تېخنولوگىيەنى باشقۇرۇش، نەق مەيداندا چارلاپ تەكشۈرۈش، سانلىق مەلۇمات توپلاش قاتارلىق نۇرغۇن ھالقىلىق ئىش ئورۇنلىرىنى قاپلىدى.
ئىسلاھات ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىشتىكى قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىندى، «شىنجاڭ نېفىتلىك خەرىتىسى» ئىشلەتكۈچىلەرنى پۈتۈن تېخنولوگىيەلىك، تولۇق قاپلىغان، كۆپ سۇپا سىغدۇرۇلۇپ بىر گەۋدىلەشكەن خىزمەت مۇھىتى بىلەن تەمىنلەپ، كەسپىي ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سۇپا ھالقىپ مەشغۇلات قىلىشى ۋە ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىشىغا زور قولايلىق يارىتىپ بەردى. كەلگۈسىدە، شىنجاڭ نېفىتلىكى «شىنجاڭ نېفىتلىك خەرىتىسى»نى چوڭقۇر كېڭەيتىپ، نەق مەيداندا باشقۇرۇش، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، تېخنولوگىيە تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.