تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەيلى

​− ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12 - ئومۇمىي يىغىنى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا

□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، شۇنداقلا مىللەتلەر رايونىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى. ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12 - ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بېكىتمىسى»دە، ئاساسىي مەقسەت باشتىلا ئېنىق كۆرسىتىلىپ، «جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسىنى چىڭ كۆزلەش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»تىن ئىبارەت مۇھىم ئىجادىي ھۆكۈمنى چىقاردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلدى، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق بەردى، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىشى توغرىسىدا كۆپ قېتىم ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ۋە شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك زور سىياسىي مەسىلە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ئىجادىي قانات يايدۇردى. مەخسۇس ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، يولغا قويۇش پىكرى تۈزدى؛ ياش - ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلەش، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتى بەرپا قىلىش، ساياھەت ئارقىلىق ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق نۇقتىلارنى زىچ چۆرىدەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى سىستېمىلىق پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى؛ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرىنى تۈزۈپ، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، يادىكارلىقلارنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مەيلى قانۇن - نىزام چىقىرىشتا ياكى سىياسەت - تەدبىر تۈزۈشتە بولسۇن، ھەممىسىدە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاقلىقىنى كۈچەيتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىشنى كۆزلەپ، ھەممىسىدە ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشقا ھەقىقىي كۈچەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىر تۈرلۈك سىستېمىلىق قۇرۇلۇش بولۇپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەشكە توغرا كېلىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەش، قىلچە چەتنەپ كەتمەسلىك تۈرلۈك خىزمەتلەردە بىر مەقسەت، بىر يۆنىلىشتە بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاچقۇچى. بىز جەزمەن «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش»تىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى مەۋقە ۋە مەقسەت، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇشنى نېگىز قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تۈزۈم، مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەشۋىق - تەربىيەسى، مۇھاكىمە قىلىش - چۈشەندۈرۈش خىزمىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىش؛ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش؛ ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

تەرەققىيات مىللەتلەر رايونلىرىدىكى تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى باش ئاچقۇچ، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە، نوقۇل تەرەققىيات ئۈستىدىلا توختىلىپ قالماي، جەزمەن بارلىق ئىسلاھات، تەرەققىياتقا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى نامايان قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى، بىرلىكنى قوغداش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنىڭ ئەھمىيىتىنى سىڭدۈرۈش كېرەك. جەزمەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك، بۇ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت ئاممىنى ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قەلبتىن ئېتىراپ قىلىنىش دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى، ئۇيۇشۇش كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇقەررەر يولى.

مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، قول تۇتۇشۇپ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان يېڭى مۇساپىدە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەش تارىخىي مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، شۇنداقلا گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. بىز جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە دەل جايىدا ئىگىلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تۈزۈم، مېخانىزم كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قەتئىي تۈردە ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى يۈكسەك دەرىجىدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.