سودا مىنىستىرلىقى قاتارلىق تۆت تارماق 8-ئاينىڭ 25-كۈنى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ مەبلىغىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىشلىتىپ، شەخسىي ئىستېمالچىلار سېتىۋالغان 2-دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئېنېرگىيە ئۈنۈمى ياكى سۇ تېجەش ئۈنۈمى ئۆلچىمىدىكى توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ، تېلېۋىزور، ھاۋا تەڭشىگۈچ، كومپيۇتېر، سۇ ئىسسىتقۇچ، ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان ئوچاق، بۇس تارتقۇ قاتارلىق سەككىز خىل ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنىغا كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ياردەم تولۇقلىمىسى ئۆلچىمى مەھسۇلاتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سېتىلىش باھاسىنىڭ %15ى بويىچە بولىدۇ، 1-دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئېنېرگىيە ئۈنۈمى ياكى سۇ تېجەش ئۈنۈمى بولغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغانلارغا ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەھسۇلاتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سېتىلىش باھاسىنىڭ %5ى بويىچە ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ. ھەربىر ئىستېمالچىغا ھەربىر تۈردىكى مەھسۇلاتتىن بىرىگە ياردەم تولۇقلىماىسى بېرىلىدۇ، ھەربىرىگە بېرىلىدىغان ياردەم تولۇقلىمىسى 2000 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. يەرلىكنىڭ ھەق تاپشۇرسا كېمەيتىش، شەخسلەرنىڭ ھەقىقىي ئىسمى بىلەن پۇل بېلىتى تارقىتىش قاتارلىق ئوخشىمىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش ئەمەلىي ئېتىبارىنى ئىستېمالچىلارغا تېزدىن بىۋاسىتە يەتكۈزۈپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولۇش تۇيغۇسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.
بۇ قېتىمقى سىياسەتنى ئالدىنقى قېتىمقىغا سېلىشتۇرغاندا، تۆت چوڭ ئۆزگىرىش بولدى، ئەمدى مۇخبىرنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى كۆرۈپ باقايلى.
(باش ئىستانسا مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرلىرى يۆ چۈن، سۇڭ ۋەن، ۋاڭ جيالىن، جاڭ بو، لى تاڭ)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى