تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

مۇرەسسە قىلىش ھېكايىسى | نۇرغۇن دېھقان ئائىلىسى ئوخشاش بىر دۇكاندىن سېتىۋالغان كۆممىقوناقنىڭ باشاقلىرى غەلىتە چۈشتى، بۇنداق ئەھۋالدا زىياننى كىمدىن تۆلىتىش كېرەك؟

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر فاڭ جياۋېي، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ مىن)

    يېقىندا، بىڭتۇەن 8- شى شىخەنزە شەھەرلىك خەلق مۇرەسسە مەركىزىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى خەلق مۇرەسسەچىسى چياۋ چىڭمېينىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا، بۇ شىنىڭ 133- تۇەنىدىكى 14 دېھقان ئائىلىسى بىلەن يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى دۇكىنى، ئۇرۇقچىلىق شىركىتى ئوتتۇرىسىدىكى ماجىرا ھەل بولدى.

    7- ئاي دەل كۆممىقوناقنىڭ ھوسۇل بېرىش ۋاقتى. 133- تۇەندىكى لى X ئائىلىسىدىكى ئۆزى تېرىغان كۆممىقوناقلارنىڭ باشاقلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ غەلىتە ئىكەنلىكىنى، كۆممىقوناق باشىقىنىڭ كىچىك ھەم دېنى ئاز ئىكەنلىكىنى، ھوسۇلغا تەسىر يەتكەنلىكىنى بايقىدى. ئۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋالدىكى يەنە 13 دېھقان ئائىلىسى بار بولۇپ، ئۇلار كۆممىقوناق ئۇرۇقىنى بۇ يىل 4- ئايدا بىر يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى دۇكىنىدىن سېتىۋالغانىدى. دېھقان ئائىلىلىرى كۆممىقوناق باشاقلىرىنىڭ غەلىتە بولۇپ قېلىشىنى ئۇرۇقنىڭ لاياقەتسىز بولغانلىقىدىن، دەپ گۇمانلاندى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى دۇكىنىنىڭ خوجايىنى ۋاڭ Xنى ئىزدەپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن تۆلەم تەلەپ قىلدى. ئىككى تەرەپ كۆپ قېتىم پىكىرلەشكەن بولسىمۇ بىرلىككە كېلەلمەي، 133- تۇەن ئەدلىيە ئورنىنىڭ «تاۋيۈەنلى» خەلق مۇرەسسە ئىشخانىسىدىن ياردەم سورىدى، ئىشخانىدا تۇرۇشلۇق مەخسۇس ۋەزىپىدىكى خەلق مۇرەسسەچىسى چياۋ چىڭمېي بۇ ئىشنى بېجىردى.

    بۇ ماجىراغا چېتىلىدىغان ئادەمنىڭ كۆپلۈكى، پۇل سوممىسىنىڭ جىقلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، چياۋ چىڭمېي ئالدى بىلەن ۋاڭ Xنى ئىزدەپ، لى X قاتارلىق دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ كۆممىقوناق ئۇرۇقىنى ھەقىقەتەن ۋاڭ Xتىن سېتىۋالغانلىقىنى بىلدى، لېكىن ۋاڭ X مۇ بۇنىڭدىن ئۇۋالچىلىق ھېس قىلدى. ئۇ بۇ يىلنىڭ بېشىدا، بىر ئۇرۇقچىلىق شىركىتىدىكى سېتىش خادىمىنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە كېلىپ بۇنداق كۆممىقوناق ئۇرۇقىنى تەۋسىيە قىلىپ ساتقانلىقىنى، ئۇ ئۇرۇقنى بىلگەندىن كېيىن ئاندىن دۇكاندا سېتىشقا قوشۇلغانلىقىنى ھەم لى X قاتارلىق كىشىلەرگە ئارقا- ئارقىدىن سېتىپ بەرگەنلىكىنى، ئۇرۇقتا مەسىلە بارلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى.

    پاكىتتا خاتالىق يوقلۇقى بېكىتىلگەندىن كېيىن، چياۋ چىڭمېي ئىككى تەرەپنى مۇرەسسە قىلىشقا تەشكىللىدى. دېھقان ئائىلىلىرى تەلەپ قىلغان تۆلەم سوممىسىغا قارىتا، ۋاڭ X كۆممىقوناق باشاقلىرىنىڭ غەلىتە بولۇپ قېلىشى بىلەن ئۇرۇق ئوتتۇرىسىدا بىر قەدەر چوڭ مۇناسىۋەت بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى، لېكىن ئۆزىنىڭمۇ پەقەت سېتىش سودىگىرى ئىكەنلىكىنى، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى مەلۇم ئۇرۇقچىلىق شىركىتى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

    چياۋ چىڭمېي دەرھال ۋاڭ Xنىڭ قارىشىغا رەددىيە بېرىپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ 1203- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئۇنىڭغا مۇنداق چۈشەندۈردى: مەھسۇلاتتىكى نۇقسان سەۋەبىدىن باشقىلارغا زىيان يەتكەن بولسا، ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى شۇ مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقارغۇچىدىن تۆلەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ، شۇ مەھسۇلاتنى ساتقۇچىدىن تۆلەم تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ. مەھسۇلاتتىكى نۇقساننى ئىشلەپچىقارغۇچى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، ساتقۇچى تۆلەپ بولۇپ ئىشلەپچىقارغۇچىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇرۇقچىلىق قانۇنى»نىڭ 45- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئۇرۇق ئىشلەتكۈچىلەر ئۇرۇق سۈپىتىدىكى چاتاق تۈپەيلىدىن ياكى ئۇرۇق بەلگىسى ۋە ئىشلىتىش چۈشەندۈرۈشىدە كۆرسىتىلگەن مەزمۇن راست بولماي، زىيانغا ئۇچرىسا، ئۇرۇق ئىشلەتكۈچىلەر ئۇرۇق سېتىپ بەرگەن تىجارەتچىلەردىن تۆلەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچىلار ياكى باشقا تىجارەتچىلەردىنمۇ تۆلەم تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ.

    ۋاڭ X چياۋ چىڭمېينىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مۇناسىپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالايدىغانلىقىنى، لېكىن چياۋ چىڭمېينىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچى مەلۇم ئۇرۇقچىلىق شىركىتى بىلەن ئۇدۇللىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    ئىگىلىنىشىچە، ئۇرۇقچىلىق قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئۇرۇق سۈپىتى مەسىلىسى تۈپەيلىدىن زىيانغا ئۇچرىغان تۆلەم سوممىسى ئۇرۇق سېتىۋېلىش پۇلى، ئېرىشكىلى بولىدىغان مەنپەئەت زىيىنى ۋە باشقا زىيانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. جاۋابكارلىق ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچىلار ياكى باشقا تىجارەتچىلەردە بولسا، ئۇرۇق ساتقان تىجارەتچىلەر تۆلەم تۆلىگەندىن كېيىن، ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچىلار ياكى باشقا تىجارەتچىلەردىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەن.

    ئەينى چاغدا، ۋاڭ Xكە ئۇرۇق تەۋسىيە قىلىپ ساتقان مال ساتقۇچى خىزمەتتىن ئايرىلغانىدى. ئۇرۇقچىلىق شىركىتى ۋاڭ Xنىڭ دەۋا تەلىپىگە قارىتا، بۇ ئىشنى مال ساتقۇچىغا ئىتتىرىپ قويۇپ، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە ماسلاشمىدى. بۇنىڭغا قارىتا، چياۋ چىڭمېي شىركەت تەرەپكە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مال ساتقۇچى شىركەتنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ۋاڭ xكە ئۇرۇقنى تەۋسىيە قىلىپ ساتتى، ئۇنىڭ قىلغىنى ۋەزىپە ھەرىكىتى بولىدۇ، ئۇرۇقتىن چاتاق چىقسا شىركەت ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، يامان غەرەزدە تۆلەم جاۋابكارلىقىدىن باش تارتىشتا تېخىمۇ ئېغىر قانۇنىي ئاقىۋەتنى ئۈستىگە ئېلىشى مۇمكىن. 

    ئىككى كۈندىن كېيىن، مەلۇم ئۇرۇقچىلىق شىركىتىنىڭ پوزىتسىيەسى ئۆزگىرىپ، زىيانغا ئۇچرىغان دېھقان ئائىلىلىرىگە تۆلەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى، كونكرېت ئىشلارنى ۋاڭ X بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. چياۋ چىڭمېي ۋاڭ X ۋە 14 دېھقان ئائىلىسىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلاردىن بىر- بىرلەپ پىكىر ئېلىپ، تۆلەم بېرىش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى، يەنى ئىلگىرىكى يىللاردىكى ئۇنىۋېرسال بازار باھاسى ۋە بۇ يىلقى بازار ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھەر مو كۆممىقوناققا 1600 يۈەن تۆلەم بېرىشنى، كۆممىقوناق ھوسۇلىنى ۋاڭ X بىر تەرەپ قىلىشنى بېكىتتى. بۇ لايىھە ئۇرۇقچىلىق شىركىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، كېلىشىم باھاسى بويىچە 14 دېھقان ئائىلىسىنىڭ 1 مىليون 700 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشكە قوشۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.