تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ياڭراق بۇرغىسى چېلىندى

− ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12 ـ ئومۇمىي يىغىنىدىن خاتىرە

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ

ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىش زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، ئەڭ ھەيۋەتلىك ھالىتى.

ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىۋاتقان، ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان مۇھىم پەيتتە، 8 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12 ـ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ياڭراق بۇرغىسى چېلىندى.

كۈچلۈك ئىسلاھات شامىلىغا تايىنىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى.

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئۈچۈن كۆرسىتىپ بەرگەن داغدام يول. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننى ئېچىشنى قارار قىلىشى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈندۇر.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىش ئارقىلىق، ئومۇمىي يىغىننىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بېكىتمىسى»( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بېكىتمە»دېيىلدى)نى شەكىللەندۈردى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، يىغىن تەنتەنىلىك ۋە قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە باشلاندى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت، تولۇپ تاشقان سىياسىي قىزغىنلىق ۋە كۈچلۈك بۇرچ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىن مەيدانىدا، كۆپچىلىك پۈتۈن دىققىتىنى يىغىپ ئاڭلىدى، تەپسىلىي خاتىرىلىدى، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى، يىغىننىڭ ئالاقىدار قارارلىرىنى ئاڭلاپ ئۆتتى ۋە مۇزاكىرە قىلدى، «بېكىتمە»نى ئەستايىدىل قاراپ چىقتى.

18 گۇرۇپپىنىڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى نەق مەيدان كەيپىياتى قىزغىن بولدى، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ بەس ـ بەستە پىكىر بايان قىلدى. كۆپچىلىك ھۆججەتنى قايتا ـ قايتا مۇلاھىزە قىلىپ، نۇرغۇن توغرا ۋە ئېنىق چۈشەنچىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەربىر جۈملىدە ئىسلاھات تىلغا ئېلىنغان، ھەربىر خەت ۋەزىنلىك ئىدى.

ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلىسەك، تۈرلۈك ئىسلاھات نەتىجىلىرى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ.

«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش، قېزىلما بايلىقلاردىن ئېچىپ پايدىلىنىش، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت <شاھمات كۆزى>نى جانلاندۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.» ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى سۈن جىجوۋ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكچى خاراكتېرلىك ئىسلاھات نەتىجىلىرى ئاممىغا ئۆزگىرىشلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈردى.

يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ «ئاچقۇچلۇق تەدبىر» ۋە «مۇھىم ئەڭگۈشتەر»دىن جەزمەن ياخشى پايدىلىنىش كېرەكلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدى.

كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، ھەربىر ئىسلاھات تەدبىرى كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ.

ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش تۈزۈلمە ـ مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش؛ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى زورايتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، كىشىلەر قەلبىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەش... بۇ قېتىمقى يىغىندا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، دىققەت شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، بىر قاتار مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىردەك مۇنداق قارىدى: يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرى مەركەزنىڭ روھىغا تامامەن ئۇيغۇن، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى يول بىلەن، قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. يىغىندا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللانغان «بېكىتمە» پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى «قۇرۇلۇش خەرىتىسى» بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كوردىناتىنى تېخىمۇ پۇختىلىدى.

بىر كۈن داۋاملاشقان يىغىننىڭ ۋاقتى ئىخچام، مەزمۇنى مول بولدى، كۆپچىلىك چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىش جەريانىدا ئىسلاھات ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، قانداق قىلغاندا «ئاچقۇچلۇق تەدبىر»دىن ياخشى پايدىلىنىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت ياراتقىلى بولىدىغانلىقىغا قارىتا تېخىمۇ ئېنىق يۆنىلىش ۋە پىكىر يولىغا ئىگە بولدى.

«يىغىننىڭ باش تېمىسى روشەن، مۇھىم نۇقتىسى گەۋدىلىك، تەدبىرى كۈچلۈك بوپتۇ.» بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى بايىنكىشىگ مۇنداق دېدى: بىز ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھات ۋەزىپىسىگە ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، دىققەتنى زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇش، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى سۇ شياڭدۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى يىغىندا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تۈزۈم ـ مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش چۆرىدىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەشۋىق ـ تەربىيەسى، مۇھاكىمە قىلىش ـ چۈشەندۈرۈش خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەش خىزمىتىنىڭ سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. «بىز ئىسلاھات روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي ئۇسۇلنى ئىگىلەپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ <بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى> نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز».

ئىسلاھاتتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوبۇل قىلىش. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى ئورۇزئالى قاشقارباي مۇنداق بىلدۈردى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ پورت، قېزىلما بايلىق، ئېنېرگىيە، مەدەنىيەت ـ ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، ئىسلاھاتنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.

يېڭىلىق يارىتىشتىن ھاياتىي كۈچ قوبۇل قىلىش. بۇ قېتىمقى يىغىندا، مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تۈزۈلمە ـ مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پەن ـ تېخنىكا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر ۋاڭ چېڭ مۇنداق بىلدۈردى: پەن ـ تېخنىكا سېپى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، پەن ـ تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىدۇ. يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىنى پۇختىلاپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى ئىقتىدارلىق مۇھىم يېڭىلىق يارىتىش سۇپىلىرىنى يېڭىدىن قۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈشنى تېزلىتىدۇ. دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «گالنى بوغىدىغان» تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى تېزلىتىپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ يېڭى، تېخىمۇ زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

ئىسلاھات دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، جەڭ دۇمبىقى چېلىنىپ سەپەرگە ئاتلىنىش. ھازىر، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا.

يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ھەم ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن، ھەم ئىسلاھاتنى ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەردىن بولۇپ، تىرىشىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى «قۇرۇلۇش خەرىتىسى»نى «ھەقىقىي مەنزىرە رەسىمى»گە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.