□جياڭ جۇڭپىڭ
پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ كەڭ ئىستىقبالىنى ئېچىشنىڭ دەۋر بۇرغىسى چېلىندى.
ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ چوڭ قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشىۋېلىشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر.
پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش بىلەن ئاساسىي قاتلامدا ئىزدىنىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش بىلەن نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، دېموكراتىك قانۇنچىللىق، تەشۋىقات - مەدەنىيەت، پارتىيە قۇرۇلۇشى، بىڭتۇەن ئىسلاھاتى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە تۈركۈم - تۈركۈم نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ۋە ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى پىلانلاپ يولغا قويدى.
بۈگۈنكى كۈندە، ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىپ، ئىسلاھات نەتىجىلىرى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، ئىسلاھات پايدىسى تېز قويۇپ بېرىلىپ، ئىسلاھات جۇشقۇن ۋەزىيىتى بىلەن تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا پۈتمەس - تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتماقتا.
يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىنىپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتى سىستېمىلىق پىلانلاندى، ماس ئالغا سىلجىتىلدى
ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش بىر سىستېما قۇرۇلۇشى، جەزمەن ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىش داۋامىدا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى ياخشى قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتى.
ئالدىن پىلانلىنىپ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش بايرىقى ئېگىز كۆتۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، توسۇقلارنى بۇزۇپ، خەتەرلىك ساھىللارنى كېچىپ ئۆتۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ھەر يىللىق ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى ۋاقتىدا تۈزۈپ، پۈتۈن يىللىق كونكرېت ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشقا تۈرتكە بولدى.
«ئاپتونوم رايوننىڭ رەقەملىك ھۆكۈمەت ئىسلاھاتى قۇرۇلۇشى لايىھەسى»«ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىستېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكرى» «ئاپتونوم رايوننىڭ قېزىلما بايلىقنى بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش يولى بىلەن تەقسىملەش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ داۋالاش - ساقلىق ساقلاش سىستېمىسىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە تەدبىر»... پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە توغرىلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىلمىي پىلانلاپ، پۈتۈن ۋەزىيەتكە بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەر قېتىملىق يىغىنلاردا شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مۇھىم ئىسلاھات لايىھەلىرىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى.
پىلاننى ياخشى تۈزۈپ ئاندىن ھەرىكەتكە كېلىپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى. شىنجاڭ مەسىلە يۆنىلىشى، نىشان يۆنىلىشى، نەتىجە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا يېڭى بۆسۈش، يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلىدى.
− ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتى، مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.
− سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، نىزام چىقىرىپ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش، نىزام چىقىرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، نىزام چىقىرىپ كان چارلاش ھوقۇقى جەھەتتىكى «قاشالاپ قويۇپ چارلىماسلىق» مەسىلىسى قاتارلىقلارنى ھەل قىلىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشكەن ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېموكراتىك قانۇنچىللىق ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى.
− دىققەتنى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى، مەدەنىيەت كەسپىنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى.
− خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، كۆپ قاتلاملىق مائارىپ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش يېڭى ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈردى.
− پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي قۇرۇلۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈردى.
مەسىلە دەل جايىدا ھەل قىلىنىپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكچى خاراكتېرلىك بىر تۈركۈم ئىسلاھات تەدبىرلىرى يولغا قويۇلدى
6 - ئاينىڭ بېشىدا، شىنجاڭ «شىنجاڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى توردا ئىش بېجىرىش زالى»نىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسى ئېلان قىلىندى، «شىنجاڭ كارخانا ئىشلىرىنى توردا بېجىرىش زالى» تورغا چىقىرىلدى، شىنجاڭ رەقەملىك كۈچ قوشۇپ خەلققە قولايلىق يارىتىش، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈشتە يېڭى قەدەم تاشلىدى؛ 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، 2024 - يىلى شىنجاڭدا تۇنجى تۈركۈمدە ۋىۋىسكا ئېسىپ ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن تۆت نېفىت، تەبىئىي گاز رايون بۆلىكىنىڭ كان چارلاش ھوقۇقىغا ئۈچ كارخانا ئېرىشىپ، شىنجاڭنىڭ نېفىت - تەبىئىي گازنى ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىش تارىخىدا باھانى كېسىپ مەلۇم قىلىش، ئۇنىڭغا كاپالەت پۇلى قوشۇش مېخانىزمىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى؛ 8 - ئاينىڭ باشلىرىدا، شىنجاڭ 2024 - يىللىق تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشكە دائىر نۇقتىلىق خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلىپ، يەتتە جەھەتتىكى 22 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىر ئارقىلىق تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى...
بۇ يىل، شىنجاڭدىكى بىر قاتار ئىسلاھاتلار پۇختا قەدەم بىلەن تېز ئىلگىرى سۈرۈلدى، كىشىنى روھلاندۇرىدۇ.
ۋەزىيەت ئومۇمىي جەھەتتىن كۆزلىنىپ، ئاچقۇچلۇق جايلارغا كۈچەلدى. شىنجاڭ خىزمىتىدىكى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەر ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان ئىسلاھات ۋەزىپىسى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتىنىڭ بىرىكىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكچى خاراكتېرلىك بىر تۈركۈم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئىسلاھاتقا تايىنىپ تەرەققىياتتىكى توسۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.
مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەش، رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش... شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتتىن چىقىش يولى تېپىش ئىدىيەسى ئىزچىل داۋاملىشىۋاتىدۇ.
− زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يېڭى دەۋردە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئالغا سىلجىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا پۇختا قەدەم تاشلىدى.
− غەربكە ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتى سىستېمىسىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. 2023 - يىلى 11 - ئايدا، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى، بۇ يىل 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئالاقىدار ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ يولغا قويۇلۇپ، 60 تۈردە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجە ۋە پائال ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى.
− ئېنېرگىيە بايلىقى تەرەققىياتىنى قوللايدىغان سىياسەت رامكىسى بەرپا قىلىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلەردە مەركەز كارخانىلىرى باشلامچى بولۇش، يەرلىك پاي قوشۇشتىن ئىبارەت مەبلەغ سېلىش يېڭى ئەندىزىسىنى يارىتىپ، ئېنېرگىيە بايلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى.
− سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنى قۇرۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە بىرلىككە كەلگەن سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇ بايلىقىدىن تۈجۈپىلىك، تېجەشلىك پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى پۇختا سۇ بايلىقى كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.
− جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى ئەڭ مۇھىم ئىش سۈپىتىدە ئەمەلىي تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش، ياخشى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات (جەنۇبىي شىنجاڭ بۆلەك رايونى) نەق مەيدان يىغىنى ۋە پۇقراۋى كارخانىلار جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش يىغىنىنى ئېچىپ، «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە سىياسەت - تەدبىر»نى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، كەسىپ تۈرلىرىنىڭ تېز ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى كۈچەپ جانلاندۇردى.
− «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش نىزامى>نى يولغا قويۇش چارىسى» ۋە «ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى يولغا قويۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى (2022 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)»نى ئېلان قىلىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇردى.
ئىسلاھات ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى جەلپ قىلدى. 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا تىزىملاپ ئەنگە ئېلىنغان تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتى 2 مىليون 515 مىڭ 100 (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.67 ئاشتى. بارغانسېرى كۆپ مەبلەغ سالغۇچىلار بەس - بەستە كېلىپ، شىنجاڭ ئارزۇسىغا ئاتلاندى.
ئالدىن يولغا قويۇلۇپ، ئالدىن سىناق قىلىنىپ، كۆپەيتكىلى، كېڭەيتكىلى بولىدىغان يېڭى تەجرىبىلەر بىلەن تەمىنلەندى
ئىسلاھات بۇرۇنقىلار قىلىپ باقمىغان يېپيېڭى ئىش بولۇپ، ئۆرنەك قىلغىلى بولىدىغان تەييار تەجرىبە يوق.
شىنجاڭ ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ۋە مۇھىم ئۇسۇلى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىجادكارلىق روھىنى ئۇرغۇتۇپ، كۆپەيتكىلى، كېڭەيتكىلى بولىدىغان بەزى تەجرىبىلەرنى شەكىللەندۈردى.
بۇلتۇر 11 - ئايدا، شىنجاڭدىكى تۇنجى «تاشيول پورتى + تەۋەلىك بويىچە بىۋاسىتە ئۆتكۈزۈش» ئەندىزىسى ئالاتاۋ پورتىدا رەسمىي يولغا قويۇلدى، بۇ ئىسلاھات سىناق نۇقتىسى تەرتىپلەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەننەرخىنى %60 تۆۋەنلەتتى، ۋاقىتنى %90 قىسقارتتى.
قەشقەر ۋىلايىتى يەر ئاستىدىكى تۇزلۇق سۇ، قىرتاق سۇدىن پايدىلىنىش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان رايونلارنىڭ سۇغىرىش سۈيىدىن پايدىلىنىش كوئېففىتسېنتىنى 0.4تىن 0.51گە ئۆستۈرۈپ، سۇ ئارقىلىق يەرنى بېكىتىپ يېڭىدىن 48 مىڭ مو زاپاس تېرىلغۇ يەرنى كۆپەيتتى.
قاراماي شەھىرى رەقەملەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، %97تىن ئارتۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ئىشلىرىدا «توردا بېجىرىش، يان تېلېفوندا بېجىرىش، ئۆز ئالدىغا بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇردى.
تۇرپان شەھىرى ساياھەت ساھەسىدىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىرتۇتاش ئېچىپ، بىرتۇتاش تىجارەت قىلىپ، بىرتۇتاش كېڭەيتىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنىڭ كۆلەملىشىش، كەسىپلىشىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى.
ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تاشنى سىلاپ دەريادىن ئۆتۈشتەك ئىسلاھات مېتودولوگىيەسىنىڭ ۋاقتى ئۆتمىدى ھەم ئۆتمەيدۇ. شىنجاڭ تۇپرىقىدا، ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغان ئەقىل - پاراسەت ۋە جاسارەت ئەزەلدىن كەم ئەمەس.
بايىنغولىن ئوبلاستى خۇڭيۈەن نېفىت جابدۇق - ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ نۇقسان تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش - ئۆلچەش لىنىيەسىدە، گاڭگاڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە بۇ كارخانىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى يېڭى ئۆلچەم بويىچە 90 مىڭ تال بىراك قىلىنغان نېفىت تۇرۇبىسىغا «جان كىرگۈزدى»، بۇ نېفىت تۇرۇبىلىرى ماشىنا بىلەن تارتىلىدىغان قۇدۇقلارغا ئىشلىتىلىپ، بىۋاسىتە ياراتقان ئۈنۈمى 100 مىليون يۈەندىن ئاشتى.
شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانىنىڭ نەپەس يولى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ئامبۇلاتورىيەسىدە، 60 ياشلىق ئاغرىق ياڭ شۇفاڭ بۇ دوختۇرخانىنىڭ ئالاھىدە دورىلارنى ئىشلىتىشنى ئەنگە ئېلىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرغانلىقىدىن نەپكە ئېرىشتى، ئەسلىدە ئۇ يەنە بىر قېتىم كېلىشكە توغرا كېلەتتى، لېكىن ئۇ ئىلتىماس قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇش ۋە دورا يازغۇزۇش، دورا ئېلىشنى چۈشتىن بۇرۇنلا تاماملاپ بولدى.
بۇ يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ 7 - ئايدىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر ۋوگزالدىن بىۋاسىتە بارىدىغان يولۇچىلار پويىزى قاتناش، 10 مىڭ توننىلىق پويىز دائىملىق قاتناش، «بىر تالون تۈزۈمى»دىكى تۆمۈريول - دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورت مەخسۇس پويىزى قاتناش، كۆمۈر ئايلانما پويىزى «يولۇچىلار پويىزى شەكلى»دە قاتناش قاتارلىقلارنى يولغا قويۇپ، تۆمۈريول سۈرئىتىنى تېخىمۇ تېزلەتتى، مۇلازىمەتنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇردى، ئەندىزىنى تېخىمۇ يېڭىلىدى، «ئىسلاھات تېز ئىلگىرىلەپ، پويىز تېز قاتناپ»، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.
...
ئىسلاھ قىلغۇچىلارلا ئىلگىرىلىيەلەيدۇ، يېڭىلىق ياراتقۇچىلارلا قۇدرەت تاپالايدۇ.
يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويغاندا، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ «ئاساسىي قۇرۇلما»سى بەرپا قىلىنىپ، ھەيۋەتلىك ھەم ئېنىق، كونكرېت بولغان ئىسلاھات ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈلدى. ئومۇمىي يىغىننىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللاش بولدى. قاراردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 300 تۈردىن ئارتۇق مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرى ئارقىلىق، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانى ئېنىق نامايان قىلىندى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ كەڭ ئىستىقبالى كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ.
پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇپ، ئىسلاھاتقا قايتا ئاتلاندى. تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاڭلىق ھالدا ئىسلاھاتنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش باھار شامىلىدىن پايدىلىنىپ، كەلگۈسىگە قاراپ مەردانە قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەيدۇ!