شىنجاڭ گېزىتى، كورلا، 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، بەش كۈن داۋاملىشىدىغان 2024 - يىللىق «شىنجاڭ ياخشى جاي» شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە پائالىيىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى»دېيىلدى) بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھەرلىك يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى.
بۇ نۆۋەتلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسىنى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسىدە «مەدەنىيەت گۆھىرى، خەلقنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» باش تېمىسى چىڭ كۆزلىنىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بويىچە دۆلەت دەرىجىلىك كۆرگەزمە سۇپىسى بەرپا قىلىنىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يادرو قىلىنىپ، كۆرەك، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى، تەتقىقات - ئۆگىنىش، كۇەيشەن، ساياھەت لىنىيەسى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرگە سىڭدۈرۈلۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش نەتىجىلىرى قالتىس نامايان قىلىنىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ زامانىۋى تۇرمۇشقا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇنۇپ، خەلقنىڭ ئورتاق بەھرىلىنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
بۇ نۆۋەتلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشقا كەلگەن دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكىلەر ئىلگىرىكى نۆۋەتتىكىلەردىن كۆپ بولۇپ، 21گە كۆپەيدى، كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ تۈرى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسىنىڭ سانىدا يېڭى بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئاساسىي يىغىن مەيدانىدىكى «رەڭدار غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى»دا جەمئىي 24 كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئەنئەنىۋى ھۈنەر - سەنئەت، تىياتىر، مۇزىكا، ئۇسسۇل، گۈزەل سەنئەت، تېببىي دورا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 300دىن ئارتۇق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراس تۈرى، كۆرگەزمە قىلىش ۋە ھەمتۈرتكە بولۇشقا قاتناشقان ۋارىسلار 400دىن ئارتۇق بولۇپ، ۋارىسلار ئىچىدىكى ئوتتۇرا ياش، ياشلارنىڭ سانى يېرىمدىن ئاشتى، 95 - يىللاردا تۇغۇلغان، 2000 - يىللاردا تۇغۇلغان ياش ۋارىسلارمۇ ئاز ئەمەس؛ «بارماق ئۇچى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى»دا 42 تۈرلۈك ئەنئەنىۋى گۈزەل سەنئەت، ئەنئەنىۋى ھۈنەر - سەنئەت تۈرىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسلىرى تاماشىبىنلار بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇشقا تەشكىللەندى؛ «مۇزىكا - ئۇسسۇل غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى»دا ئەنئەنىۋى مۇزىكا، ئەنئەنىۋى ئۇسسۇل، چۈيى سەنئىتى تۈرىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك تۈرى بويىچە 15 مەيدان ئويۇن قويۇش تەشكىللەندى.
ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرۇلغان كۆرگەزمە بۇيۇملىرىدىن تيەنجىن شەھىرىنىڭ ياڭليۇچىڭ باھار بايرىمىلىق ياغاچ ئويما رەسىمى، نىرېنجاڭ رەڭلىك ھەيكىلى، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ دىڭجوۋ فارفۇر بۇيۇملىرىنى پىشۇرۇش ھۈنەر - سەنئىتى، يىشۈي سىياھدىنى ياساش ھۈنەر - سەنئىتى، جياڭسۇ ئۆلكىسى يىشىڭ قىزغۇچ قوڭۇر توپا ساپال بۇيۇملار ياساش ھۈنەر - سەنئىتى، شۈجوۋنىڭ خۇش پۇراق خالتىسى، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى چاي ئىشلەش ھۈنەر - سەنئىتى ھەم ئۇنىڭغا ئالاقىدار ئۆرپ - ئادەتلەر، شۈنپۇ ئاياللىرىنىڭ ئۆرپ - ئادىتى (گۈللۈك قىسقۇچ)، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ گاز رەخت بوياش - رەتلەش ھۈنەر - سەنئىتى، شىر ئۇسسۇلى (گۇاڭدۇڭ ئويغانغان شىرى)، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇن تامىقى تەييارلاش ھۈنەر - سەنئىتى(فاڭچېڭ خۇيميەنى، ماخۇا ياساش ھۈنەر - سەنئىتى) قاتارلىقلار بار.
تېخىمۇ كۆپ ياش - ئۆسمۈرنى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشقا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىش ئۈچۈن، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسىدە مەخسۇس «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تەتقىقات - ئۆگىنىش» پائالىيەت بۆلىكى تەسىس قىلىنىپ، كوللېكتىپ تەشكىللەش، نەق مەيداندا تىزىملىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق قەغەز قىيما، خېمىر ھەيكەل، لاي ھەيكەل قاتارلىق ھەمتۈرتكىلىك ئوقۇتۇش ھالقىلىرى قانات يايدۇرۇلدى. بۇنىڭدىن باشقا، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسىدە يەنە «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىرى» بۆلىكى تەسىس قىلىندى.
غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسىنىڭ مۇقەددىمە زالىدا، ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن شىنجاڭ ئۆزئارا سوۋغا قىلغان 44 غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى كۆرگەزمە بۇيۇمى مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىندى، بۇ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ جىڭتەيلەن ياساش ھۈنەر - سەنئىتى ئەسىرى «خۇامەن تەيخې»، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ رۇجوۋ فارفۇر بۇيۇملىرىنى پىشۇرۇش ھۈنەر - سەنئىتى ئەسىرى «خېشيېپىڭ» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، گۈللىنىش، ئىناقلىقتىن ئىبارەت باش تېما ئىپادىلەندى.
غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە، يەنە كورلا شەھىرى ئاق قۇ دەرياسى مەنزىرە رايونى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق مۇزېي، بايىنغولىن ئوبلاستلىق گۈزەل سەنئەت سارىيى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق كۇتۇپخانا، كورلا شەھەرلىك خەلق ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيەت مۇزېيى قاتارلىق جايلاردا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كېچىلىك ساياھىتى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى زىيارەت قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر يانداش ئۆتكۈزۈلىدۇ.
غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى 2021 - يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭدا ئۇدا تۆت نۆۋەت ئۆتكۈزۈلدى، جەمئىيەتنىڭ ئىنكاسى ياخشى بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىدىكى مۇھىم ۋاسىتە ۋە شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ قالدى.