ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى، خەۋىرى) «بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسىدا بۇ يەردە كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى، يەنە ھەر خىل سوۋغات، زاۋۇتنىڭ ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى بارلىقىنى كۆرۈپ ئاپتوموبىل تاللىغىلى كەلدىم.» شەھەر ئاھالىسى چى ۋېنجيەن بىر ئاپتوموبىلنى تاللىغاندىن كېيىن مۇخبىرغا شۇنداق دېدى.
8-ئاينىڭ 22-كۈنى، جۇڭگو شىنجاڭ خەلق سەنئىتى پەسلى پائالىيىتىگە قاتناشقان تاماشىبىنلار ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى قورۇسىدىكى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە ئاپتوموبىللارنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.
8-ئاينىڭ 22-كۈنى، جۇڭگو شىنجاڭ خەلق سەنئىتى پەسلى پائالىيىتىگە قاتناشقان تاماشىبىنلار ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى قورۇسىدىكى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە ئاپتوموبىللارنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.
8-ئاينىڭ 22-كۈنى، «شىنياۋ ئاپتوموبىل كاتتا مەرىكىسى»−جۇڭگو شىنجاڭ خەلق سەنئىتى پەسلى بېكىتى پائالىيىتى ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتوموبىل سېتىۋالغاندا كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇش قاتارلىق تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرى تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلق سەنئىتى پەسلى پائالىيىتىگە قاتناشقان نۇرغۇن تاماشىبىننى كېلىپ سۈرۈشتۈرۈشكە جەلپ قىلدى.
8-ئاينىڭ 22-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى شىنجاڭ گوئاۋ باۋيىڭ ئاپتوموبىل سېتىش مۇلازىمىتى چەكلىك شىركىتى بىرىنچى ئاپتوموبىل گۇرۇھى - داجۇڭ 4S دۇكىنىدا ئاپتوموبىلنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.
8-ئاينىڭ 22-كۈنى، خىزمەتچى خادىم شىنجاڭ گوئاۋ باۋيىڭ ئاپتوموبىل سېتىش مۇلازىمىتى چەكلىك شىركىتى بىرىنچى ئاپتوموبىل گۇرۇھى - داجۇڭ 4S دۇكىنىدا ئاپتوموبىلنى تەڭشىمەكتە.
8-ئاينىڭ 22-كۈنى، جۇڭگو شىنجاڭ خەلق سەنئىتى پەسلى پائالىيىتىگە قاتناشقان تاماشىبىنلار ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى قورۇسىدىكى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە ئاپتوموبىللارنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 4-ئاينىڭ 24-كۈنى دۆلەتنىڭ كونا ئاپتوموبىلنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) كارخانىلارنى تەشكىللەپ زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «شىنياۋ 100 مەيدان ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە تۈرتكە بولغان. 7-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، بۇ رايوننىڭ بۇ يىلقى تۇنجى تۈركۈمدىكى كونا ئاپتوموبىللارنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىدە جەمئىي سېتىش سوممىسى 7 مىليون 100 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، «شىنياۋ 100 مەيدان ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىدە سېتىش سوممىسى 200 مىليون يۈەندىن ئاشقان.
8-ئاينىڭ 22-كۈنى، خىزمەتچى خادىم جۇڭگو شىنجاڭ گوئاۋ باۋيىڭ ئاپتوموبىل سېتىش مۇلازىمىتى چەكلىك شىركىتى بىرىنچى ئاپتوموبىل گۇرۇھى - داجۇڭ 4S دۇكىنىدىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى چۈشەندۈرمەكتە.
ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايون (يېڭىشەھەر رايونى)لۇق سودا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى دەي بىن مۇنداق بىلدۈردى: «<شىنياۋ ئاپتوموبىل كاتتا مەرىكىسى>−جۇڭگو شىنجاڭ خەلق سەنئىتى پەسلى بېكىتى پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشتە خەلق سەنئىتى پەسلىدىكى قىزغىنلىقتىن پايدىلىنىپ، كەڭ ئىستېمالچىلارغا خەلق سەنئىتىنى تولۇق ھېس قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشتا كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك سىياسەتلەرنى بىلدۈرۈش مەقسەت قىلىندى».
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى