تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئىستېمالنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى

8-ئاينىڭ 21-كۈنى، خوتەن شەھىرى جياخەي ئاپتوموبىل شەھەرچىسى گۇاڭچى چۇەنچى 4S دۇكىنىدا سېتىش خادىمى خېرىدارغا كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى تونۇشتۇرماقتا. جاڭ ياخۇي فوتوسى

8-ئاينىڭ 2-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى پائالىيەت نەق مەيدانىدا ئائىلە ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرىنى چۈشەنمەكتە. شۇ كۈنى، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونىدا «ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» بويىچە ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. سۈبھىنۇر ئىلھام فوتوسى  

8-ئاينىڭ 21-كۈنى، بورتالا شەھىرى شىڭلې سودا مەيدانىدا خەيئېر ئېلېكتىر سايمانلىرى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىنىڭ خىزمەتچى خادىمى خېرىدارغا كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى تونۇشتۇرماقتا. نەن دېڭ فوتوسى  

8-ئاينىڭ 21-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى خۇيجەن ۋۇيۆ مەيدانىدا ئايلانغاچ، مال سېتىۋالماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۈ فوتوسى 

8-ئاينىڭ 13-كۈنى، چۆچەك شەھىرى «2024-يىللىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئارقىلىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش پائالىيىتى»نىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا، شەھەر ئاھالىلىرى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئىگىلىمەكتە. دەي جياۋمېي فوتوسى  

8-ئاينىڭ 21-كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ چاپچال بازىرى نارغۇن كوچىسى غەربىي 4-كوچا ئاھالىسى چېن جىيۇڭ ئائىلىسىدىكى ئۈچ جان توردا كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدىغان ھاۋا تەڭشىگۈچ مەھسۇلاتلىرىنى تاللاپ سېتىۋالماقتا. خۇا يەنمىڭ فوتوسى  

8-ئاينىڭ 21-كۈنى، سانجى شەھىرى ۋەنبولەنتىڭ ئولتۇراق رايونىدا، خىزمەتچى خادىم ئىستېمالچىلارغا كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق سېتىۋالغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېۋىزورنى ئورنىتىپ بەرمەكتە. تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى

 

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي

  شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرىدىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىش مەيدانلىرىغا كىرسىڭىز، «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش»دېگەن خەتلەر يېزىلغان ئېلانلار كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدۇ.

  بۇ يىل شىنجاڭ «1 + 10 + 1» سىياسەت سىستېمىسى تۈزدى ھەم «ئاپتونوم رايوننىڭ سايمانلارنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى، مەركەزنىڭ 430 مىليون يۈەن يەرلىك مالىيە مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتتى.

  ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت ياردەم تولۇقلىمىسى ئەمەلىي بولۇپ، باھار يامغۇرىدەك ئىستېمال بازىرىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، مىسلىسىز ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتتى. ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگىچە، تۇرپاندىن ئالتايغىچە ھەربىر مەيدان كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش يېشىل شامىلى ھەممە يەرنى قاپلاپ، ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى بازىرى ئىستېمالىنىڭ «كىچىك يۇقىرى پەللە»سىنى كۈتۈۋالدى.

  بۇ يېشىل دولقۇندا، ئىستېمالچىلارنىڭ قارىشىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولغانلىقىغا، يەنى ئاساسىي ئىقتىدارنى قوغلىشىشتىن سۈپەتكە، ئەقلىي ئىقتىدارغا ۋە مۇھىت قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىشكە ئۆزگەرگەنلىكىگە گۇۋاھ بولدۇق. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ بازىرىنىڭ ئىتتىك بولۇشى دەل بۇ ئۆزگىرىشنىڭ جانلىق نامايەندىسى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ئايلانما ئىقتىسادقا تۈرتكە بولۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىنى كۆردۇق. سىياسەت ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش ۋە مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تەدرىجىي ئورنىتىش يىغىۋېلىش ھالقىسىنىڭ ئەمدى ئايلانما ئىقتىسادتىكى «توسۇق نۇقتا» بولماسلىق ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

   بىر يېڭى، بىر كونا ئارىسىغا مۇجەسسەملەنگىنى بۇيۇملارنى ئالماشتۇرۇش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشى ۋە تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ يۈكسىلىشى بولۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مۇجەسسەملەنگەن.

«شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.