تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى مۇساپىدە قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا ماڭايلى

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتقان جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلدى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە، دۆلىتىمىز تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭگو تەنتەربىيەسىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان يېپيېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش قىزغىنلىقى ۋە غەيرىتىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتى.

8 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 33 ـ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشكەندە مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، بۇرچنى يەردە قويماي، دۆلىتىمىزنىڭ يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە چېگرا سىرتىدا قاتنىشىش تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، مۇسابىقە نەتىجىسى ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىكتە قوش مول ھوسۇل ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋەتەن ۋە خەلققە شان ـ شەرەپ كەلتۈرگەنلىكىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، كۆپچىلىكنى مەغرۇرلۇق ۋە ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە دۆلەتنىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى. يېڭى دەۋردىن بۇيان، ئاممىۋى تەنتەربىيە، ماھارەت تەنتەربىيەسى، تەنتەربىيە كەسپى، تەنتەربىيە مەدەنىيىتى قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىن، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تەنتەربىيە ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكىچە، دۆلىتىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلدى.

دۆلەت گۈللەنسە تەنتەربىيە گۈللىنىدۇ، دۆلەت كۈچەيسە تەنتەربىيە كۈچىيىدۇ. ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانىدا، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى باتۇرلۇق بىلەن 40 ئالتۇن مېدال، 27 كۈمۈش مېدال، 24 مىس مېدال قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو سۇغا سەكرەش كوماندىسى تۇنجى قېتىم بىر نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە بارلىق ئالتۇن مېدالنىڭ ھەممىنى قولغا كەلتۈردى، جۇڭگو تىكتاك توپ كوماندىسى تۇنجى قېتىم 5 ئالتۇن مېدالنىڭ ھەممىنى قولغا كەلتۈرۈپ، داۋاملىق شانلىق نەتىجە ياراتتى، ئەرلەرنىڭ 100 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش تۈرىدە دۇنيا رېكورتىنى يېڭىلاشتەك نەتىجە بىلەن تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سەھنىسىگە چىقتۇق، تېننىس توپ ئاياللار يەككە ئويناش تۈرىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردۇق، فىگۇرا چىقىرىپ سۇ ئۈزۈش، بەدىئىي گىمناستىكا، ئاياللار بوكس تۈرىدە بىردەك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدال ئېلىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلدۇق...

بۇ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كۈچىنىڭ تولۇق نامايان قىلىنىشى. «جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەلا نەتىجىلىرى ھەم دۆلىتىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرى تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىگەنلىكىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى، ھەم جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى.» ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى تەنتەربىيە چوڭ دۆلەتلىرى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىغا كىرەلىشىدىكى تۈپ سەۋەب شۇكى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەنھەرىكەت نەتىجىسى جەھەتتىكى رىقابەتلىشىش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى روھنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان، ئوبرازنى نامايان قىلىدىغان سەھنە.

شۇنى ئۇنتۇيالمايمىزكى، «دۆلەتنىڭ شان ـ شەرىپى مەڭگۈ شەخسنىڭكىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ» «مەن بۇ ئالتۇن مېدالنى ئۇلۇغ ۋەتىنىمگە تەقدىم قىلىمەن» دېگەندەك جاراڭلىق قەسەملىرى بىلەن، تەنھەرىكەتچىلەر ئۇلۇغ ۋەتەننى قەلبىگە پۈكۈپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن دۆلەت ئۈچۈن شان ـ شەرەپ كەلتۈرۈپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى قايتا ـ قايتا ئېگىز جەۋلان قىلدۇردى.

شۇنى ئۇنتۇيالمايمىزكى، «قىيىنچىلىق قانچە چوڭ بولسا، مېنىڭ شۇنچە جەڭ ئېلان قىلغۇم كېلىدۇ» «قانداقلا بولمىسۇن، جان تىكىپ ئېلىشىشتىن مەڭگۈ ۋاز كەچمەسلىك كېرەك» دېگەندەك سۆزلەر جاراڭلىق، كۈچلۈك ياڭراپ، ئارزۇ ئۈچۈن پۈتۈن كۈچ بىلەن تىرىشقان، ئاخىرغىچە چىڭ تۇرغان تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان قۇدرەتلىك كۈچى كىشىنى تەسىرلەندۈردى.

بۇ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو روھىنىڭ جانلىق چۈشەندۈرۈلۈشى. دۆلىتىمىز تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرىنىڭ قالتىس ئىپادىسى «ۋەتەننى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان، دۆلەت ئۈچۈن شان ـ شەرەپ كەلتۈرىدىغان ساپ ھېسسىياتىنى نامايان قىلدى، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىش، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەشتەك جەزمەن غەلىبە قىلىش ئېتىقادىنى نامايان قىلدى، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىشتەك قىممەتلىك پەزىلىتىنى نامايان قىلدى، جۇڭگو ياشلىرىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئۈمىدۋار، قىزغىن، دوستانە بولغان، ئوچۇق ـ يورۇق خىسلىتىنى نامايان قىلدى».

كەسكىن كۈچ سىنىشىش ئالدىدا، ھەربىر ھەرىكەتنى تىرىشىپ ۋايىغا يەتكۈزۈش «قائىدىگە رىئايە قىلىش، رەقىبىنى ھۆرمەتلەش، رېپېرلارنى ھۆرمەتلەش، تاماشىبىنلارنى ھۆرمەتلەش»تىكى قەتئىي تاللاش؛

ئىلگىرىكى ماسلاشقان ھەمراھلار رىقابەتچى رەقىبلەرگە ئايلانغاندا، بىر ـ بىرىنى ئىلھاملاندۇرۇش، بىر ـ بىرىگە كۈچ بېرىش تەنتەربىيە ئەخلاق ـ پەزىلىتىنى كۈچلۈك ئەۋج ئالدۇرغانلىق؛

رەقىبى ئەپسۇسلىنارلىق ھالدا يارىلىنىپ مۇسابىقىدىن چېكىنگەندە، قولىغا رەقىبىنىڭ دۆلەت ئولىمپىك كومىتېتى ئىزنىكىنى ئېلىپ مۇكاپات سەھنىسىگە چىقىپ، «كىچىككىنە ئەمما گۈزەل ھۆرمىتىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىتىش» ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھېكمەتلىك سۆزىنى جانلىق ئەمەلدە كۆرسەتكەنلىك...

بۇ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ئوبرازىنىڭ تولۇق نامايان قىلىنىشى. دۆلىتىمىز تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى ئەخلاق ئالتۇن مېدالى، خىسلەت ئالتۇن مېدالى، پاكىز ئالتۇن مېدال ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت، ھەرقايسى رايونلارنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى بىلەن ئادىل رىقابەتلىشىپ، دوستانە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ماھارىتىنى ئاشۇرۇپ، دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، كەڭ ھۆرمەتكە ۋە ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ ئىشەنچلىك، سۆيۈملۈك، ھۆرمەتكە سازاۋەر ئوبرازىنى نامايان قىلدى.

يېڭى مۇساپە شان ـ شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەر. بۇرچ قانچە شەرەپلىك، ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل بولغانسېرى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كۈچىنى شۇنچە مۇجەسسەملەش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو روھىنى شۇنچە ئۇرغۇتۇش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ئوبرازىنى شۇنچە نامايان قىلىش كېرەك. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، خۇددى تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرىگە ئوخشاش «جۇڭخۇا تەنتەربىيە روھى ۋە ئولىمپىك روھىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى روھى ۋە دەۋر روھىنى بىر ـ بىرىگە ھۆسن قوشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ»، «قانچە جاپا ـ مۇشەققەت ۋە خەۋپ ـ خەتەر بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان» جاسارەتنى ساقلاپ، «تاغقا يولۇققاندا يول ئاچىدىغان، سۇغا يولۇققاندا كۆۋرۈك سالىدىغان» ئىرادىنى چىڭىتىپ، «كىشىلىك ھاياتتا ئېلىشىش پۇرسىتى كۆپ كەلمەيدۇ» دېگەن روھنى ئۇرغۇتۇپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا ماڭساق، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا چوقۇم توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيمىز.

(«خەلق گېزىتى»نىڭ 8 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.