ساپ مىس رۇدىسىنى چېگرادىن كىرگۈزۈپ زاۋۇتقا كىرگۈزۈشكىچە بولغان ۋاقىت ئۈچتىن ئىككى قىسىم قىسقارتىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 8 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، ئالاتاۋ ئارقىلىق چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن بىر تۈركۈم 340.99 توننا ساپ مىس رۇدىسى جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىغا ئوڭۇشلۇق يەتكۈزۈلۈپ، يۈك چۈشۈرۈش ئورنىدا نازارەت قىلىنىپ باشقۇرۇلدى، بۇ، «پورت + يۈك چۈشۈرۈش ئورنى»نىڭ بىرلەشمە نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئەندىزىسىنىڭ شىنجاڭغا ماكانلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ئەندىزىدە، ساپ مىس رۇدىسىنى چېگرادىن كىرگۈزۈپ زاۋۇتقا كىرگۈزۈشكىچە بولغان ۋاقىت ئەسلىدىكى 10 _ 15 كۈندىن 3 _ 5 كۈنگە قىسقاردى.
«پورت + يۈك چۈشۈرۈش ئورنى»نىڭ بىرلەشمە نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئەندىزىسى ئەسلىدە چېگرادىن كىرگۈزۈش پورتىدا يولغا قويۇشقا تېگىشلىك قىسمەن تەكشۈرۈش تۈرلىرىنىڭ يۈك چۈشۈرۈش ئورنىغا يۆتكەپ ئاپىرىلىپ ئىشلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ساپ مىس رۇدىسىنى تەكشۈرۈشتىكى بارلىق تاموژنا نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش مەشغۇلاتىنى چېگرادىن كىرگۈزۈش پورتىدا تاماملاشقا توغرا كېلەتتى. يېڭى ئەندىزىدە، ساپ مىس رۇدىسى چېگرادىن كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، ئاۋۋال ئالاتاۋ تاموژنىسى پورتتا رادىيوئاكتىپلىق تەكشۈرۈش ـ ئۆلچەشنى تاماملايدۇ، تەكشۈرۈش ـ ئۆلچەشتە لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، بىۋاسىتە ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېلىنىدۇ، كارخانا ئامبىرىدا، ئۈرۈمچى ـ سانجى تاموژنىسى ئارىلاشتۇرۇپ ساقلاش \ ئارىلاشتۇرۇپ تەكشۈرۈش، كېرەكسىز نەرسىلەرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ.
بۇ تۈركۈم ساپ مىس رۇدىسىنى ئىمپورت قىلغان كارخانىنىڭ مالىيە باش نازارەتچىسى تاڭ جىڭچى مۇنداق بىلدۈردى: ئىلگىرى ئالاتاۋدا ئىمپورت قىلىنغان ساپ مىس رۇدىسىنى ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش ۋاقتى تەخمىنەن ئالتە كۈن بولۇپ، تەكشۈرتۈش نەتىجىسى قايتۇرما ئىنكاس قىلىنغاندىن كېيىن ئاندىن ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلاتتى. ھەر تۈركۈمىنىڭ ئامباردا ساقلاش، توشۇش ھەققى 60 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولاتتى. يېڭى ئەندىزىدە، يۈكنىڭ پورتتا توختاش ۋاقتى قىسقىراپ، ھەر يىلى پورتتا چۈشۈرۈپ تەكشۈرۈپ ئۆلچەش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان 2 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئامباردا ساقلاش خىراجىتىنى تېجەپ قالالايدىغان بولدۇق.
«پورت + يۈك چۈشۈرۈش ئورنى» بىرلىشىپ نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇش شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى. ئۈرۈمچى تاموژنىسى سىناق نۇقتىسى قىلىنغان كارخانىلارنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىمپورت قىلىنغان ساپ مىس رۇدىسى ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجى، قېزىلما بايلىق سۈپىتى، مۇھىت قوغداش بىخەتەرلىك خەۋپ ـ خەتىرى قاتارلىقلارنى ئۇنىۋېرسال باھالاپ، سىناق نۇقتىسى قىلىش سالاھىيىتىنى پائال ئىلتىماس قىلدى ھەم تەستىقلاشقا ئېرىشتى.
ئالاتاۋ پورتى مەملىكەت بويىچە ساپ مىس رۇدىسى ئىمپورت قىلىشتا «پورت + يۈك چۈشۈرۈش ئورنى» بىرلىشىپ نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئەندىزىسى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان تۇنجى قۇرۇقلۇق يولى پورتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى سىناق نۇقتىسى قىلىنغان كارخانىلار دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكىلەردىكى كارخانىلار بولغاچقا، يۈك چۈشۈرۈش ئورنىمۇ شىنجاڭ سىرتىدا ئىدى. بۇ قېتىم پورت، يۈك چۈشۈرۈش ئورنىنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ ئىچىدە بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، شىنجاڭ كارخانىلىرى ئىسلاھات پايدىسىدىن ھەقىقىي بەھرىمەن بولدى.
ئۈرۈمچى تاموژنىسى تاۋار تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى دىلبەر سابىت مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى ئەندىزە تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشىنى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش تەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىمپورت تەننەرخىنى ئازايتىپ، ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ «پورت + يۈك چۈشۈرۈش ئورنى» بىرلىشىپ نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئەندىزىسى دائىرىسىنى تەدرىجىي كېڭەيتىشى ئۈچۈن قىممەتلىك تەجرىبە توپلىدى.
ئۈرۈمچى تاموژنىسى ئاقىل تاموژنا قۇرۇلۇشى ۋە «ئاقىل تاموژنا ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش» ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ قېزىلما بايلىق تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، كۆپ مىقدارلىق قېزىلما بايلىقلارنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش مەشغۇلات ئەندىزىسى ئىسلاھاتىنى پائال ئالغا سىلجىتىدۇ.