بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، ھەر بىر خىلىنىڭ ئۆز «خاسلىقى» بولىدۇ، ھەممىسىگە «ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك». بىز بىرلىكتە بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ تۆت خىل تۈرىنى كۆرۈپ باقايلى.
بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى
ئەڭ ئومۇملاشقان بويۇن تىپلىق بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى
گىرىپتار بولىدىغان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغان بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى تىپى بويۇن تىپلىق بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىدۇر. بويۇن تىپلىق بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ ئاساسلىق كىلىنىلىق ئىپادىسى بويۇن تېلىپ ئاغرىش، ئاغرىش، ئۇيۇشۇش، قېتىپ قېلىش بولۇپ، ئادەتتە ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ.
بىرىنچى باسقۇچتا، ئاغرىقتا ۋاقىتلىق بويۇن-مۈرە ئاغرىيدۇ، بۇنى كۆپىنچە مۇسكۇللارنىڭ چارچىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئاغرىق دۈمبىسىنىڭ چىڭقىلغانلىقى، ئېغىرلاشقانلىقى ۋە ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، كەيپىياتنى تەڭشەش ياكى فىزىكىلىق داۋالاش ئارقىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى ئادەتتە پەسىيىدۇ. ئىككىنچى باسقۇچقا كەلگەندە، كېسەللىك ئەھۋالى داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ، مۇسكۇللارنىڭ ھارغىنلىقى پەسەيمەيدۇ، بويۇن، مۈرە مۇسكۇللىرى تارتىشىپ قالىدۇ، ئارام ئالغان تەقدىردىمۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى يېنىكلىمەيدۇ.
نېمىشقا بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى بارغانسېرى يۇقىرى بولىدۇ؟ مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇنىڭ سەۋەبىنى ھازىر ئەڭ ئومۇملاشقان ئالاقىلىشىش قورالى − يان تېلېفوندىن ئىزدەش كېرەك. شۇڭا، بويۇن ئومۇرتقا كېسلى يەنە «يان تېلېفون بويۇن» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يان تېلېفونغا قارىغاندا، بىز ئادەتتە بېشىمىزنى تۆۋەن قىلىمىز، بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ نورمال ئەگرىلىك دەرىجىسى ئالدىغا پولتىيىپ چىققان بولۇپ، خۇددى C ھەرىپىگە ئوخشايدۇ، باش ئېگىش بۇ نورمال فىزىئولوگىيەلىك ئەگرىلىك دەرىجىسىنى بۇزۇۋېتىدۇ. ئادەم بېشىنى تۆۋەن قىلمىغاندا، بوينى ئۈستىگە ئالغان باش قىسمىنىڭ ئېغىرلىقى 5 ~ 4 كىلوگرام بولىدۇ. ئادەم بېشىنى تۆۋەن قىلىپ بويۇننى ئەگكەندە، بويۇن ئومۇرتقىسى ئۇچرايدىغان بېسىم ئاشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بېشىنى تۆۋەن قىلىش بۇلۇڭى قانچە چوڭ بولسا، بويۇن ئومۇرتقىسى ئۇچرايدىغان بېسىم شۇنچە چوڭ بولىدۇ. بويۇن ئومۇرتقىسى 60 گىرادۇس ئېگىلگەندە، ئۇنىڭ بەرداشلىق بېرىدىغان بېسىمى 27 كىلوگىرامغا يېتىدۇ. بۇ، بىز بېشىمىزنى تۆۋەن قىلىپ يان تېلېفونغا قارىغىنىمىزغا باراۋەر بولۇپ، بوينىمىزغا 20 نەچچە كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى بىر خالتا گۈرۈچ ئېسىقلىق تۇرغانغا باراۋەر بولىدۇ.
ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان نېرۋا يىلتىزى تىپلىق بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى
بويۇن تىپلىق بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى نىسبەتەن يېنىك بولۇپ، نۇرغۇن كىشى ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزى پەسەيتسە بولىدۇ. ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى نېرۋا يىلتىزى تىپلىق بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ، دوختۇرخانىغا كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەن بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى ئاغرىقلىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۈر.
نېرۋا يىلتىزى تىپلىق بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئوخشاش بولمىغان بۆلەكلەردىكى ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش ئوخشاش بولمىغان نېرىپلارنى بېسىپ، ئاغرىقتا كۆرۈلگەن كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
نېرۋا خۇددى توك سىمىغا ئوخشايدۇ، ئوخشاش بولمىغان توك سىمى ئوخشاش بولمىغان ئۆيدىكى لامپۇچكىنى كونترول قىلىدۇ، قايسى توك سىمىدىن چاتاق چىقسا، شۇ ئۆيدىكى لامپۇچكا يانمايدۇ. بويۇن ئومۇرتقىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئارىلىق تەخسىسى قايسى نېرۋىنى باسسا، مۇناسىپ ئورۇندا ئۇيۇشۇش ۋە ئاغرىش، يەنى يىلتىزلىق ئاغرىش پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن: بويۇن 5-نېرۋا يىلتىزى جەينەك ئويمىنىنىڭ سىرتقى يان تەرىپىگە، بويۇن 6-نېرۋا يىلتىزى باش بارماققا، بويۇن 7-نېرۋا يىلتىزى كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن ئوتتۇرا بارماققا، بويۇن 8-نېرۋا يىلتىزى چىمچىلاق بارماققا ماس كېلىدۇ.
شۇڭا بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئاددىي قول ئۇيۇشۇش سىنىقى ئارقىلىق بويۇن ئومۇرتقىسىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ ئورنىغا ھۆكۈم قىلالايدۇ. ئەگەر باش بارماق ئۇيۇشۇپ ئاغرىسا، بويۇن 6-نېرۋا يىلتىزى بېسىلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر بىگىز بارماق بىلەن ئوتتۇرا بارماق ئۇيۇشۇپ ئاغرىسا، بېسىلىپ قالغىنى بويۇن 7-نېرۋا يىلتىزى بولۇشى مۇمكىن.
ئەڭ ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك بولغان يىلىك تىپلىق بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى
ئەڭ ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك بولغان بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى يىلىك تىپلىق بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنى كۆرسىتىدۇ.
چۈنكى ئارىلىق تەختىسى پولتىيىپ چىقىپ يىلىكنى بېسىۋالىدۇ، بۇ خىل تىپتىكى ئاغرىقلار يول ماڭغاندا مۇقىم ماڭالمايدۇ، يول ماڭغاندا تاپىنى خۇددى پاختىغا دەسسىۋالغاندەك بولۇپ ئاسانلا يىقىلىپ چۈشىدۇ.
بۇ خىل تىپتىكى ئاغرىقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەرقانداق بىر بويۇن ئومۇرتقىسى قاتتىق ھەرىكىتى ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئىلگىرى بىر ئاغرىق ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغاندا تۇيۇقسىز ئەھۋالغا ئۇچراپ، ئاپتوموبىل جىددىي تورمۇزلانغان. ئەينى ۋاقىتتا، ئاغرىق ياردەمچى شوپۇر ئورنىدا ئولتۇرغان بولۇپ، بىخەتەرلىك تاسمىسى ئۇنىڭ گەۋدىسىنى قوغداپ قالغان، لېكىن باش قىسمى ئىنېرتسىيە سەۋەبىدىن ئالدى تەرەپ تۆۋەنگە ئىڭىشىپ، ئارقىدىنلا يەنە كەينىگە كۆتۈرۈلگەن. بۇ ھەرىكەت ئاغرىقتا مېدىتسىنادا ئېيتىلىدىغان «قامچىنى پۇلاڭلىتىپ زەخىملەندۈرۈش»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بويۇن ئومۇرتقىسى نەيچىسىنىڭ ھەجىمىنى يەنىمۇ كىچىكلىتىۋەتكەن. ئاپتوموبىل جىددىي تورمۇزلانغاندىن كېيىن، بۇ ئاغرىقنىڭ پۇت-قولى پالەچ بولۇپ قالغان. جىددىي دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، دوختۇر ئاغرىقنىڭ ئومۇرتقىسىنىڭ سۇنۇپ كەتمىگەنلىكىنى ھەم چىقىپ كەتمىگەنلىكىنى بايقىغان، لېكىن بويۇن بۆلىكىدىكى يىلىك ئىچىدە كۈچلۈك سىگىنال پەيدا بولغان، يەنى سۆڭەك سۇنۇپ كەتمىگەن ئەھۋالدىكى يىلىك زەخىملىنىش كۆرۈلگەن.
نېرۋا يىلتىزى تىپلىق بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى بىلەن يىلىك تىپلىق بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي. يىلىك تىپىدىكى بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى پۇتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئاغرىق يول ماڭغاندا مەزمۇت قەدەم ئالالمايدۇ؛ نېرۋا يىلتىزى تىپىدىكى بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى قولغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئاغرىق بىلىكى ياكى قولى ئۇيۇشۇپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ.
ئەڭ مۇرەككەپ سىمپاتىك تىپلىق بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى
سىمپاتىك تىپلىق بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىگە ئەڭ ئوخشىمايدىغان بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىدۇر.
ئاغرىقنىڭ بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ چېكىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشى ئېغىر بولۇپ، بويۇن ئومۇرتقىسى مۇقىم بولماي، بويۇن قىسمىدىكى سىمپاتىك نېرۋا زەنجىرىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، سىمپاتىك نېرۋا ئىقتىدارىنىڭ قوزغىلىشى ياكى تورمۇزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مۇناسىپ كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. ئاغرىقتا كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، بەزىلەردە باش ئاغرىش، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش، باش قېيىش، باش چىڭقىلىش، بەزىلەردە نەرسىلەرنى كۆرۈش غۇۋالىشىش، بەزىلەردە يۈرەك رىتىمى تەرتىپسىزلىنىش، يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىش ياكى زىيادە ئاستىلاش، قان بېسىمى تۇراقسىز بولۇش، يۈرەك سېلىش، دېمى سىقىلىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ، يەنە بەزىلەردە قۇلاق غۇڭۇلداش، ئاڭلاش ئىقتىدارى ئاجىزلاش، ھەتتا پۈتۈن بەدەن تەرلەش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ.
بۇ تۈردىكى بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار كۆز مەنبەلىك، قۇلاق مەنبەلىك، يۈرەك قان تومۇر مەنبەلىك ۋە نېرۋا مەنبەلىك كېسەللىكلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلغاندىلا، ئاندىن ئەڭ ئاخىرىدا سىمپاتىك تىپلىق بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى، دەپ بېكىتكىلى بولىدۇ.
سىمپاتىك تىپلىق بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنى داۋالاشتا چوقۇم ئېھتىياتچان بولۇش، بولۇپمۇ ئوپېراتسىيە قىلغاندا ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك.
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى