تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى

چاپچال ناھىيەسىنىڭ ئالمالى كەنتىدە خۇشاللىنارلىق ئىشلار كۆپ

    8-ئاينىڭ 15-كۈنى، مۇخبىر چاپچال ناھىيەسىنىڭ كان يېزىسى ئالمالى كەنتىگە كەلدى، كەنتكە كىرىدىغان كەڭ ئاسفالت يول كەنتكە ئۇدۇل تۇتۇشاتتى، يولنىڭ ئوڭ تەرىپىگە رەتلىك تىزىلغان قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىراغلىرى قارىماققا پەرۋاز قىلىۋاتقان ياۋا غازلاردەك كۆرۈنەتتى، يولنىڭ سول تەرىپى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ رايونى ئىدى، ھەربىر كوچىغا ئاسفالت يول ياتقۇزۇلغان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئالدى-كەينىدە دەل-دەرەخ، گۈللۈك بەلباغلار بار ئىدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېڭى ئۆيلىرىنىڭ ھەممىسى رەڭلىك پولات ئۆگزىلىك خىش-بېتون قۇرۇلمىلىق ئۆيلەر ئىدى.

    ئالمالى كەنتى پۈتۈن گەۋدە بويىچە كۆچۈرۈلگەن كەنت، ئۇ ھېكايىسى بار كەنت.

    ئالمالى كەنتىنىڭ بۈگۈنى ۋە ئۆتمۈشى

    ئەسلىدىكى ئالمالى كەنتى كۆپ مىللەت ئاممىسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلار كان يېزىسىدىكى ئالمالى جىلغىسىغا تارقاق ئولتۇراقلاشقان، كەنتنىڭ تۆت ئەتراپىنىڭ ھەممىسى كۆمۈر كان قېزىش رايونى ئىدى، بولۇپمۇ بىر قىسىم كىچىك كۆمۈر قۇدۇقلىرىنى ئېچىشتا باشقۇرۇش كەمچىل بولغاچقا، بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلسىلا كۆمۈر كۈللىرى ھەممە يەرگە ئۇچۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆگزىسى، ھويلىسى، كۆكتاتلىقىنىڭ ھەممە يېرىنى كۆمۈر كۈللىرى قاپلاپ كېتەتتى، ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى ئېغىر بولاتتى، كەنت ئاھالىلىرى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان گېئولوگىيەلىك يوشۇرۇن خەۋپنىڭ قىينىشىغا ئۇچراپ، تۇرمۇشى ئىزچىل ئەسلىي ئورنىدا تۇراقسىز ھالەتتە تۇرۇۋاتاتتى، قاتناش ئىنتايىن قولايسىز ئىدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى بىر خىللا ئىدى، كۈن چىققاندا ئىشلەپ، كۈن پاتقاندا ئارام ئالاتتى، كوللېكتىپ تۇرمۇشنى بىرەر قېتىم قانات يايدۇرۇشمۇ ناھايىتى تەس ئىدى.
    2015-يىلى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بۇ كونا كەنتنى ئومۇميۈزلۈك كۆچۈرۈش قاتارىغا كىرگۈزدى، چاپچال ناھىيەسى تاغ جىلغىسىدىكى ئاممىغا گۈزەل ماكان يارىتىپ بېرىشنى قارار قىلدى، ھۆكۈمەت جەمئىي 52 مىليون 260 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كان يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا يېڭىدىن ئالمالى يېڭى كەنتىنى قۇرۇپ، 273 يۈرۈش خەلقنى بېيىتىپ ئەمىن تاپقۇزۇش ئۆيىنى بىرتۇتاش سالدى، بىرتۇتاش سۇ تۇرۇبىسى ئورناتتى، بىر تۇتاش توك يەتكۈزدى، ئاسفالت يولنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىغىچە تۇتاشتۇردى، كوچىغا يول چىرىغى ئورناتتى، يەنە كەنت ئاھالىلىرىگە مەخسۇس باقمىچىلىق كىچىك رايونى قۇرۇپ بەردى، ئېتىزلارنىڭ ھەممىسىگە تېمىتىپ سۇغىرىش شىلانكىسى ياتقۇزۇلدى.

    2017-يىلى، بۇ كونا كەنتتىكى كەنت ئاھالىلىرى پۈتۈن گەۋدە بويىچە دوختۇرخانا، مەكتەپ ۋە بازارغا يېقىن جايدىكى يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى. بۈگۈنكى ئالمالى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئائىلىسىدە تېلېۋىزور، ئاشخانىسىدا توڭلاتقۇ، تازىلىق ئۆيىدە توكلۇق سۇ ئىسسىتقۇچ قاتارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى بار، بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرى پىكاپ سېتىۋالدى، ھويلىسىغا گۈل-گىياھلارنى تىزدى، كۆكتاتلىقىغا كۆكتات تېرىدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى يىلدىن-يىلغا ياخشىلاندى.

    كەنت ئاھالىسى ئىلھامجان ئىسمايىل چوڭقۇر ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: «ھازىر تۇرمۇشىمىز بۇرۇنقىدىن ياخشىلاندى، توڭلاتقۇدا ھەر ۋاقىت كالا، قوي گۆشى بار، كۆكتات يېسەك ئۆزىمىزنىڭ كۆكتاتلىقىدا بار، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋالساق كەنتتىكى ھەرقايسى دۇكانلاردا بار، نېمە سېتىۋالساق شۇ بار، ناھايىتى قولايلىق».

    ھازىر ئىلھامجان ئائىلىسىدىكى تۆت جان 90 نەچچە كىۋادرات مېتىرلىق يېڭى ئۆيدە ئولتۇرىدۇ، يەنە ئايرىم كىچىك ئۆيدە ئاشخانا، تازىلىق ئۆيى، مۇنچا بار، ئەر-خوتۇن ئىككىسى بىر ئېغىز ئۆيدە، بىر ئوغۇل، بىر قىزى ئايرىم-ئايرىم ئۆيدە تۇرىدۇ، چوڭ قىزى داشۆ پۈتكۈزگەن، ئوغلى ناھىيەدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، ئائىلىسىنىڭ 110 مو يېرىنى ئوبوروت قىلغان، ئائىلىسى 40 نەچچە چارۋا باققان بولۇپ، ئىلھامجان كەنت، يېزىدىكى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىپ كىنىشكا ئالغاندىن كېيىن، كەنت ئىچى-سىرتىدا قۇرۇلۇش ئۇستىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ، بىر يىلدا پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر يەر ئوبوروت قىلىش، چارۋا بېقىش ۋە ئىشلەمچىلىك قىلىش قاتارلىقلاردىن جەمئىي 150 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدۇ.

    زىيارەت ئاخىرلاشقاندا، ئىلھامجان ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مۇخبىرنى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە تاماق يېيىشكە تۇتۇپ قالدى، «ھازىر تۇرمۇش شارائىتىمىز ياخشىلاندى، ھەر ۋاقىت قوي گۆشىدە پولۇ ئېتىمىز، ئائىلىمىزنىڭ كۈنلىرى خۇددى بايراملاردىكىدەك شېرىن، گۈزەل» دېدى ئۇ.

    ئالمالى يېڭى كەنتىنىڭ كوچىسىدا قۇربانجان ئىمىنجان بوۋاي ئازادە ئاسفالت كوچىلارنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئەسلىدىكى ئالمالى كەنتىدىن، ئەينى چاغدا كەنتنىڭ يوللىرى ئوڭغۇل-دوڭغۇل ئىدى، بۇغداينى يىغىۋالغاندىن كېيىن ئاپتاپقا سالىدىغان يەرمۇ قالمىغاچقا، بۇغداي توشۇيدىغان ئېشەك ھارۋىسى پاتقاققا پېتىپ قالسا، ئۈچ-تۆت ئادەم يېرىم كۈندە دېگۈدەك ئىتتىرىپ چىقىرالايتتى. ھازىر كەنتىمىزدىكى ئېتىز-ئېرىق يوللىرىنىڭ ھەممىسىگە قۇم-شېغىل ياتقۇزۇلدى، ئېتىزلارنى سۇغىرىشتا تېمىتىپ سۇغىرىش شىلانكىسى بار، بۇغداي، كۆممىقوناقلار پىشقاندىن كېيىن، ماشىنىلاشقان شەكىلدە يىغىۋېلىنىدۇ، يىغىۋېلىنغان ئاشلىق تىراكتور، ئاپتوموبىل بىلەن توشۇلۇپ، بىۋاسىتە ئاشلىق پونكىتىدىكى ئاپتاپقا سېلىش مەيدانىغا ئاپىرىپ قۇرۇتۇلۇپ سېتىلىدۇ، غەم قىلىش ھاجەتسىز».

    كەنت ئاھالىلىرى بەختكە چۆمدى، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى مەدھىيەلىدى

    شۇ كۈنى، مۇخبىر يەنە كەنتتىكى باقمىچىلىق كىچىك رايونىغا كىردى، بىر ئائىلىنىڭ باقمىچىلىق قوتىنىدىن پات-پات خۇشال كۈلكە سادالىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، ئەسلىدە كەنت ئاھالىسى زاماندىن تىلىۋالدى ئائىلىسى كىرگۈزگەن شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى موزايلاشقا باشلىغانىدى، ئۇ خوتۇنى ۋە ئوغلى بىلەن قوتاندا كالىلىرىغا يەم بېرىۋاتاتتى، يەنە باشقا باقمىچىلار نەق مەيداندا كۆرۈۋاتاتتى، زاماندىن مۇخبىرنىڭ ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ باقمىچىلىق قىلىپ بېيىش يولىدا ماڭغانلىقىنى زىيارەت قىلغىلى كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ئائىلىمىز بېقىۋاتقان 20 نەچچە كالىنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى، ئىككى بەيگە ئېتىمىز بار. ئائىلىمىز ھەر يىلى ئون نەچچە كالا ساتىمىز، بىر يىللىق كىرىمىمىز 120 مىڭ يۈەن، ئائىلىمىزگە يەنە پىكاپ سېتىۋالدۇق، يېڭى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە ئۆي جاھازلىرى سېتىۋالدۇق».

    زاماندىن تىلىۋالدىغا ئوخشاش قوتاندا باقمىچىلىق قىلىپ بېيىغان باقمىچىلار ئالمالى كەنتىدە يەنە ناھايىتى كۆپ. باقمىچى ئابدۇقېيۇم ئابدۇغېنىنىڭ ئائىلىسى ئەسلىدە پەقەت بىرنەچچە قوي باقاتتى، ھازىر قوتاندا بېقىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئائىلىسى 25 كالا، 30 نەچچە قوي، بەش ئات بېقىۋاتىدۇ، كالا، قوي، ئات كۆپەيتىپ سېتىشقا تايىنىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ يىللىق كىرىمى 180 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

    كەنت ئاھالىلىرى بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا، مۇخبىرنىڭ ئەڭ كۆپ ئاڭلىغان سۆزى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش سۆزى بولدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى مۇنداق دەپ قارىدى: ئىلگىرى قىيىنچىلىق مەزگىلىدە دۆلەت قوللىدى، ھازىر تېخىمۇ ياخشى بولدى، كېسەل كۆرسەتسەك يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بار، يەر تېرىساق ئۇنىۋېرسال ياردەم تولۇقلىمىسى بار، بالىلار مەكتەپتە ئوقۇسا ئوزۇقلۇق ياردەم پۇلى بار، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىزگە پارلاق يول ئېچىپ بەردى.

    ئىلى ئوبلاستلىق رادىيو-تېلېۋىزىيە تورى شىركىتىنىڭ ئالمالى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى پەن شىڭجۈن مۇنداق دېدى: «2023-يىلى، بىز يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش تۈر مەبلىغىدىن 3 مىليون 900 مىڭ يۈەننى قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن كەنتتىكى 266 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆيىنىڭ ھاجەتخانىسىنى ئۆزگەرتىپ، سۇ چۈشۈرۈلىدىغان تەرەت تۇڭى ئورنىتىپ بەردۇق. بۇ يىل 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، بىر ماشىنىلاشقان قۇدۇق قېزىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆكەرتىش بەلبېغىنى سۇغىرىشقا سۇ ئىشلىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، كۆكەرتىش مۇھىتىنى سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. كەنتىمىز ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايون بويىچە مەدەنىي كەنت، ئاپتونوم ئوبلاست بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك كەنت قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى».

    ئالمالى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەۋلان سۇلتانمۇرات مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە، كەنتىمىزدە ئادەم بىلەن چارۋا ئايرىۋېتىلدى، مەخسۇس باقمىچىلىق رايونى بازىسى بار، 212 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى كەنت ھەقسىز تەمىنلىگەن ئۆزلىرىنىڭ باقمىچىلىق قوتىنىدا چارۋىلىرىنى كۆپەيتىپ بېيىدى. ئالتە يىلدا، پۈتۈن كەنتتىكى بېقىلىۋاتقان چارۋىلارنىڭ سانى ئىلگىرىكى نەچچە يۈز تۇياقتىن كۆپىيىپ 4934 تۇياققا يەتتى، ھەربىر ئائىلىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە باقمىچىلىق كىرىمى 40 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرغاندىن باشقا، 6700 مو يەرنى ئوبوروت قىلىپ، 40 مولۇق ئورمان بەلبېغى كۆلىمىدىكى توخۇ بېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى بازىسىنى قۇرۇپ، يىللىق كىرىمنى 450 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەنتىمىز ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن بۇرۇنقى ئاشپەزلىك، پېچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇش، تىككۈچىلىك، چاچ ياساش، بىناكارلىق، توكچىلىق ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى شوپۇرلىرى قاتارلىق ماھارەتلەر بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئارتۇق ئەمگەك كۈچىدىن 251 كىشىنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، ھەربىر كىشىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 30 مىڭ يۈەن بولدى. 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 20 مىڭ 288.2 يۈەنگە يەتتى، پەقەت ئالتە يىلدىلا كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى بىر ھەسسىدىن كۆپرەك قاتلاندى».

    بۈگۈنكى كۈندىكى ئالمالى كەنتىنىڭ كوچىلىرىغا ئاسفالت يول ياتقۇزۇلدى، كوچىلارنىڭ كۆكەرتىش بەلبېغىدا پۈركۈپ سۇغىرىش يولغا قويۇلدى، ھەممە ئائىلىگە تور تېلېۋىزىيەسى ئورنىتىلدى، يەسلى، داۋالاش ئۆيى، رادىيو ئىشخانىسى، كىچىك مەيدان، چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرى، دېھقان-چارۋىچىلار پائالىيەت ئۆيى ۋە ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ئۆيى قاتارلىقلار تولۇق بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىشىدا يېڭى كەسىپ بار بولدى، بوش ۋاقىتلىرىدا، كەنت ئاھالىلىرى كەنتنىڭ مەدەنىيەت زالىغا بېرىپ مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ، ھەر مىللەت ئامما خۇشال-خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، شاد-خۇراملىققا چۆمۈپ، گۈللەپ ياشنىغان مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى.

(چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى خۇا يەنمىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.