− مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مەسئۇلى «شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمە» توغرىسىدا مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى
يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمە»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بىرقانچە بەلگىلىمە» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى. مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مەسئۇلى «بىرقانچە بەلگىلىمە»گە ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدا مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
سوئال: «بىرقانچە بەلگىلىمە»نىڭ ئېلان قىلىنىشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئەھمىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتسىڭىز.
جاۋاب: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنى پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، ئاساسىي قاتلامغا كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى قىلدى. پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما قىلىشى ۋە تۈرتكىسىدە، مەركەز قاتلىمىنىڭ شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمى دېيىلدى) ئورنىتىلىپ، بىر قاتار كۈچلۈك تەدبىرلەر قوللىنىلىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ئىللەتلىرى قىسقا ۋاقىتتىلا پەيدا بولغان ئەمەس، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يىلتىزىدىن يېنىكلىتىشمۇ قىسقا ۋاقىتتىلا تۈگەتكىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس، دائىم بوشاشماي تۇتۇش، بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كېڭەيتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كېڭەيتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە ئۈنۈم ئارقىلىق، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك ئىستىل كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، «بىرقانچە بەلگىلىمە» تۈزۈلدى.
«بىرقانچە بەلگىلىمە»نىڭ تۈزۈپ ئېلان قىلىنىشى شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كېڭەيتىش خىزمىتىنى مۇھىم تۈزۈم قوللانمىسى بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. بىرىنچى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شەكىلۋازلىقنى ئىزچىل، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەۋقەنى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيەنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسى، تەلىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قويۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تۈزەش خىزمىتىگە دائىر تۈزۈم - بەلگىلىمىلەرنى تۇتاشتۇرۇپ، تۇنجى قېتىم پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزامى شەكلىدە ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدىغان تۈزۈم قائىدىسىنى تۈزۈپ ئېلان قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە ئوخشاش ئۇزاق ئۈنۈملۈك پولات قائىدە، قاتتىق ئۆلچەمنى شەكىللەندۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتكە ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇشتەك روشەن پوزىتسىيەسىنى بىلدۈردى. ئىككىنچى، شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان، كېڭەيتىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم تاكامۇللاشتۇرۇلدى. «بىرقانچە بەلگىلىمە»دە ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەقسەت قىلىنىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلىرى ۋە ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇرۇلۇپ، دىققەت «كىچىك بۆسۈش ئېغىزى»غا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ «قاتتىق چەكلىمە» بېكىتىلىپ، تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلىپىگە ئەھمىيەت بېرىلىپ، خاراكتېرىنى بېكىتىش بىلەن مىقدارىنى بېكىتىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، خىزمەتتىكى ئېنىقسىز بوشلۇق، دائىرە قىسقارتىلىپ، ئېنىق، روشەن بولغان تۈزۈم قائىدىسى ئورنىتىلىپ، تۈزەش خىزمىتىنىڭ تۈزۈم يولىدا قېلىپلىشىپ يۈرۈشۈشىگە تۈرتكە بولۇندى. ئۈچىنچى، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش چارىسى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە كۈچ قوشىدىغان، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان خىزمەت يۆنىلىشى روشەن تۇرغۇزۇلدى. تۈزەش خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، بەزى چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇلىرىنى تۈگىتىپ، ئاساسىي قاتلامنى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ چەكلىمىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ۋە زېھىننى ئاجرىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. «بىرقانچە بەلگىلىمە»دە ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش بىلەن كۈچ قوشۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاش تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاشقا پايدىلىق بولۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى مۇھىم كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.
سوئال: «بىرقانچە بەلگىلىمە»نى تۈزۈشتىكى ئومۇميۈزلۈك ئويلىشىشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەمسىز؟
جاۋاب: «بىرقانچە بەلگىلىمە»دە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق تەلەپنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش نەزەردە تۇتۇلۇپ، شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى. تۆۋەندىكى بىرقانچە تەرەپ نۇقتىلىق ئىگىلەندى: بىرىنچى، ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى، تۈزۈم قوللانمىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئىككىنچى، مەسىلە يۆنىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىلىپ، ھازىرقى ئىنكاس كۈچلۈك بولۇۋاتقان شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، قاراتمىلىق ھالدا كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مەنئى قىلىش خاراكتېرلىك، چەكلەش خاراكتېرلىك بىر قاتار بەلگىلىمە چىقىرىلدى. ئۈچىنچى، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىدىكى تەجرىبە - ئۇسۇللار رەتلىنىپ، خۇلاسىلىنىپ، ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن، ئۈنۈملۈك تەجرىبە - ئۇسۇللار مۇقىملاشتۇرۇلۇپ تۈزۈم قائىدىسىگە كۆتۈرۈلدى ھەم قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش كۆزدە تۇتۇلۇپ، يېڭىدىن قاتتىق تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تۆتىنچى، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىش جەھەتتە قۇرۇق گەپ ساتماي، گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا تەدبىر - تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىخچام، ئېنىق، كونكرېت، ئەمەلىي، چۈشىنىشلىك قىلىپ تۈزۈلۈپ، چۈشىنىش ۋە ئىجرا قىلىشقا قولايلىق يارىتىلدى. بەشىنچى، ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ مۇناسىپ بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، باش - ئاخىرى بىردەك بولۇش، ئۆزئارا ماس كېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى ھەم ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكلۈكى، ماسلىشىشچانلىقى كۈچەيتىلدى.
سوئال: «بىرقانچە بەلگىلىمە»نىڭ ئاساسىي رامكىسى ۋە مەزمۇنىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەمسىز؟
جاۋاب: «بىرقانچە بەلگىلىمە» جەمئىي يەتتە قىسىم بولۇپ، 21 ماددىلىق كونكرېت بەلگىلىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرىنچى، «ھۆججەتلەرنى ھەقىقىي ئىخچاملاش»، بۇنىڭدا ئاساسلىقى ھۆججەت سانىنى قاتتىق تىزگىنلەش، ھۆججەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، باھالاش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار بەلگىلەندى. ئىككىنچى، «يىغىننى قاتتىق ئىخچاملاش»، بۇنىڭدا ئاساسلىقى يىغىن سانىنى قاتتىق تىزگىنلەش، كۆلىمى، ئۆلچىمىنى تىزگىنلەش، سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلار بەلگىلەندى. ئۈچىنچى، «نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ باھالاشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قېلىپلاشتۇرۇش»، بۇنىڭدا ئاساسلىقى پىلانلاش ۋە ئەنگە ئېلىپ باشقۇرۇشنى چىڭىتىش، شەكىل، ئۇسۇلنى ياخشىلاش، ئاساسىي قاتلامغا قارىتىلغان نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ باھالاشنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى قاتتىق تىزگىنلەش قاتارلىقلار بەلگىلەندى. تۆتىنچى، «كادىرلارنى ۋاقىتلىق يۆتكەپ ئىشلىتىشنى قېلىپلاشتۇرۇش»، بۇنىڭدا ئاساسلىقى ناھىيە ھەم ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك ئورۇنلاردىن كادىرلارنى ۋاقىتلىق يۆتكەپ ئىشلەتمەسلىك، شەھەر ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلاردىن كادىرلارنى ۋاقىتلىق يۆتكەپ ئىشلىتىشنى قاتتىق تىزگىنلەش قاتارلىقلار بەلگىلەندى. بەشىنچى، «ھۆكۈمەت ئىشلىرى كۆچمە ئالاقە تورى ئەمەلىي قوللىنىشچان پىروگراممىسىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش»، بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەنگەن ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئەمەلىي قوللىنىشچان پىروگراممىلىرىنى ئېنىقلاش، بىرىكتۈرۈش، تۈزۈش، باشقۇرۇشنى چىڭىتىش، ئىقتىدارىنىڭ چەتلىشىشىنى توسۇش قاتارلىقلار بەلگىلەندى. ئالتىنچى، «ئاساسىي قاتلامنىڭ ھوقۇق - مەسئۇلىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئايدىڭلاشتۇرۇش»، بۇنىڭدا ئاساسلىقى مەسئۇلىيەت تىزىملىكى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش، تىزىملىك سىرتىدىكى ئىشلارغا ئىجازەت بېرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خىزمەت مېخانىزمى، ۋىۋىسكا ئېسىش ۋە ئىسپات ئىشلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئاساسىي قاتلام ئەرزىيەت خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە بېكىتىش قاتارلىقلار بەلگىلەندى. يەتتىنچى، «بەرپا قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش»، بۇنىڭدا ئاساسلىقى تۈر سانىنى ئىخچاملاش، بەرپا قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىش ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىش، ئاساسىي قاتلامدا ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش پائالىيىتى قىلماسلىق قاتارلىقلار بەلگىلەندى.
سوئال: «بىرقانچە بەلگىلىمە»دە قايسى يېڭى تەدبىرلەرنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەمسىز؟
جاۋاب: «بىرقانچە بەلگىلىمە»دە سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، مەنبەدىن تۈزەش كۈچەيتىلىپ، ھازىر ساقلىنىۋاتقان شەكىلۋازلىققا ئائىت كونا مەسىلىلەر، يېڭى ئەھۋاللارغا قارىتا، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان تۈزۈم - بەلگىلىمىلەر كۈچەيتىلىش بىلەن بىللە، قاراتمىلىق ھالدا بىر قاتار يېڭى ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە ماھىيەتتىن تۈزەشكە قاراپ چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولۇندى. مەسىلەن، بەزى جايلار ۋە تارماقلارنىڭ ھۆججەت تۈزۈش، تارقىتىش ھالقىسىنى باھالاش، تەكشۈرۈشتە قاتتىق بولماي، سىياسەت ھۆججەتلىرىدە باشتىلا ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىدىغان ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، «جايلار ۋە تارماقلار ھۆججەت تۈزۈش، تارقىتىشتا ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش بىلەن بىردەكلىكىنى باھالىشى كېرەك» دېگەن بەلگىلىمە چىقىرىلدى، بۇ، جايلار ۋە تارماقلاردىن سىياسەت ھۆججەتلىرىنى تەييارلاش، تۈزۈش، تارقىتىش ھالقىسىدا، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش بىلەن بىردەكلىكىنى ماس قەدەمدە باھالاش، تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ، شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلۈشىدىن ساقلىنىشنى مەقسەت قىلغان. مەسىلەن، بەزى تەكشۈرۈپ باھالاش سىستېمىسىنىڭ لايىھەلىنىشى مۇرەككەپ بولۇش، كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى زىيادە ئىنچىكە، پارچە - پۇرات بولۇش، نومۇر قىممىتى زىيادە «كۆپتۈرۈلگەن» بولۇش، ھەتتا «مىڭ نومۇر تۈزۈمى»، «قوش مىڭ نومۇر تۈزۈمى» كۆرۈلۈش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، «تەكشۈرۈپ باھالاشتا مۇرەككەپلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، <مىڭ نومۇر تۈزۈمى>نى يولغا قويماسلىق» دېگەن بەلگىلىمە چىقىرىلدى، بۇ، جايلار ۋە تارماقلاردىن ئەنئەنىۋى تەپەككۇرگە، يولغا تايىنىۋېلىشنى تۈگىتىپ، دەل جايىدا باھالاش، ئىنچىكە باھالاش، ئەمەلىي باھالاشنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، تەكشۈرۈپ باھالاش سىستېمىسى، كۆرسەتكۈچى ۋە شەكلىنى ھەقىقىي ئەلالاشتۇرۇپ، ئىخچاملاپ، مۇرەككەپلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، «مۇرەككەپ پەلسەپە» بىلەن شۇغۇللانماسلىقنى تەكىتلەپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى مۇرەككەپ تەكشۈرۈپ باھالاشتىن قۇتۇلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشقا سەرپ قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلغان. مەسىلەن، كادىرلارنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ۋاقىتلىق يۆتكەپ ئىشلىتىش ئەھۋالىنى چەكلىسىمۇ تۈگىمەسلىك، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى خالىغانچە ۋاقىتلىق يۆتكەپ ئىشلىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ خىزمەت كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، ئىلگىرىكى تۈزۈم - بەلگىلىمىلەر ئاساسىدا، «يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان، ئورۇنلارنىڭ پىرىنسىپ جەھەتتە ناھىيە ھەم ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك ئورۇنلاردىن كادىرلارنى ۋاقىتلىق يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە بولمايدۇ» دېگەن قاتتىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى، بۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان، ئورۇنلارنىڭ ناھىيە ھەم ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك ئورۇنلاردىن كادىرلارنى ۋاقىتلىق يۆتكەپ ئىشلىتىشىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان، دائىرىسى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىشتاتلىق، ئىش ئورنىدىكى خادىملار، جۈملىدىن ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنى «كۈچلەندۈرۈش» بىلەن ئورگاننى «ئورۇقلىتىش» ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەن. مەسىلەن، نۆۋەتتىكى يېزا - بازار (كوچا باشقارمىسى)لارنىڭ مەسئۇلىيەت پاسىلى ئېنىق بولماسلىق، ھوقۇقى بىلەن مەسئۇلىيىتى بىردەك بولماسلىق، مەسئۇلىيىتى بىلەن ئىقتىدارى ماس كەلمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، «ئۆلكە دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت شۇ رايوننىڭ مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ يېزا - بازار (كوچا باشقارمىسى)لارنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىش تۈرى تىزىملىكىنى ئورنىتىشى، تاكامۇللاشتۇرۇشى ھەم ئېنىقلاش، قېلىپلاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تىزىملىكنى ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەت بىلەن ھوقۇقنىڭ بىردەك بولۇشى، مەسئۇلىيەت بىلەن ئىقتىدارنىڭ بىردەك بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ» دېگەن بەلگىلىمە چىقىرىلدى، بۇ، ئۆلكە دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتتىن يېزا - بازار (كوچا باشقارمىسى)لارنىڭ ھازىر بار بولغان ھوقۇق - مەسئۇلىيەت ئىش تۈرلىرىنى رەتلەپ باھالاش ئاساسىدا، يېزا - بازار (كوچا باشقارمىسى)لارنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەت ئىش تۈرلىرىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، بايلىق، مۇلازىمەت، باشقۇرۇشنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چۆكۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى مەقسەت قىلغان. يېزا - بازار (كوچا باشقارمىسى)لارنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆلچەشكە قارىتا، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىش تۈرى تىزىملىكىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى ئاساس قىلىپ، تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈپ باھالاش نامى بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئاساسىي قاتلامغا ئىتتىرىپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەكىتلەندى.
سوئال: «بىرقانچە بەلگىلىمە»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قانداق ياخشى تۇتۇلىدۇ؟
جاۋاب: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن «بىرقانچە بەلگىلىمە»نى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، «بىرقانچە بەلگىلىمە»نىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى. بىرىنچى، ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، «بىرقانچە بەلگىلىمە»نى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، «بىرقانچە بەلگىلىمە»نى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى(پارتىيە گۇرۇپپىسى) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئۆگىنىشى ۋە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)، كادىرلار شۆيۈەنىنىڭ تەربىيەلەش مۇھىم مەزمۇنىغا كىرگۈزۈش كېرەك. ئىككىنچى، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. رەھبىرىي ئورگانلار ۋە رەھبىرىي كادىرلار ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، ئورۇنلاشتۇرما قىلغاندا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىشى، پارتىيە كومىتېتى(پارتىيە گۇرۇپپىسى) ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، «بىرقانچە بەلگىلىمە»دىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى ھەرقايسى لىنىيە، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى ھالقىلارغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئۈچىنچى، مەسىلىنى تۈزىتىشنى كۈچەيتىش كېرەك. «بىرقانچە بەلگىلىمە»گە سېلىشتۇرۇپ ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ كۆزىتىپ، بەلگىلىمىدىكى تەلەپكە قاتتىق ئەمەل قىلىپ تۈزىتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، بىرنى بايقىسا بىرنى تۈزەش؛ بەلگىلىك تىپ خاراكتېرلىك، ئومۇمىيلىققا ئىگە مەسىلىلەرگە قارىتا، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ مەخسۇس تۈزەش ۋە ئېنىقلاشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمىدا كۆپ خىل شەكىلنى قوللىنىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قانۇن - نىزام، تۈزۈملەرنىڭ قاتتىقلىقى ۋە چەكلەش كۈچىنى كۈچەيتىپ، تىپىك مەسىلىلەرنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى)