تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئانارگۈلى ئېچىلىپ ئورتاق ئارزۇ مۇجەسسەملەندى، يەر - جاھاندا شادلىق ناخشىسى ياڭراپ جۇڭخۇا جۇلالاندى

− تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلق ئىچى سەنئىتى پەسلى باشلىنىش پەيتىدە

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جيا چۇنشيا

بۇ ھەر مىللەت خەلققە مەنسۇپ بايرام، شۇنداقلا بىر مەيدان مول، رەڭدار مەدەنىيەت كاتتا زىياپىتى. 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، «داپ چېلىنىپ ئېيتىلدى ناخشا» تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلق ئىچى سەنئىتى پەسلى ئۈرۈمچىدە باشلىنىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك خەلق ئىچى سەنئىتى پەسلىنى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، خەلق ئىچى سەنئەت نومۇرلىرىنى تاللاش، كۆرەك، سەييارە ئويۇن قويۇش ۋە ئىجادىيلىققا تولغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەم ئالاقىدار مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش، كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش، ھەمدە رەڭگارەڭ «بىرلىكتە شىنجاڭ ئۇسسۇلى ئوينايلى» ھەمتۈرتكىلىك ھېس قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق، شەھەردىكى تىياتىرخانىلاردا، مەنزىرە رايونلىرىدىكى تاغ - دەريالار ئارىسىدا، يېزا - كەنتلەردىكى ئېتىز باشلىرىدا، كىشىلەرگە مول، رەڭدار مەدەنىيەت ھېس قىلدۇرۇلىدۇ.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ خەلق ئىچى سەنئەت نومۇرلىرىغا يار - يۆلەك بولۇش، ۋارىسلىق قىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىش، كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، مۇنەۋۋەر خەلق ئىچى سەنئىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنىڭ تەرتىپلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇردى. بۇ نۆۋەتلىك سەنئەت پەسلىدە، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى شىنجاڭ بىلەن بىللە خەلق ئىچى سەنئىتى پەسلىنى شىنجاڭنىڭ خەلق ئىچى سەنئەت خاسلىقىغا ئىگە، ئاممىۋى ئاساسى كەڭ، پۈتۈن مەملىكەتكە تەسىر كۆرسىتىدىغان، يېتەكلەيدىغان خەلق ئىچى سەنئىتى كاتتا مەرىكىسىگە ئايلاندۇرىدۇ.

خەلق ئىچى سەنئىتى ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىش

8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى سائەت 22دە، ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزىدە چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شى جۇڭمىڭ سەييارە ئويۇن قويۇش ئەترىتىنى رېپېتىتسىيە قىلىشقا تەشكىللەۋاتاتتى. بۇ نۆۋەتلىك سەنئەت پەسلىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ ئىجرائىيە رېژىسسورى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى ئاي ئالدىراش ئىشلىدى. «شىنجاڭدا مۇشۇنداق يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسى، يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى دەرىجىدىكى مەدەنىيەت كاتتا مەرىكىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ھەم ئۇنىڭغا قاتنىشالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم پۈتمەس - تۈگىمەس كۈچكە تولغاندەك تۇيۇلىدۇ» دېدى ئۇ.

ساپ تۇپراقنىڭ خۇش پۇرىقى كېلىپ تۇرىدىغان، ئاددىي پەلسەپەۋىلىكنىڭ شانلىق نۇرى چاقناپ تۇرىدىغان خەلق ئىچى مەدەنىيەت - سەنئىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يارقىن گۆھىرى ۋە روشەن بەلگىسى. شىنجاڭنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ «ناخشا - ئۇسسۇل ماكانى» دېگەن گۈزەل نامى بار، خەلق ئىچى سەنئىتى چوڭقۇر ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە، شىنجاڭدا خەلق ئىچى سەنئىتى كاتتا مەرىكىسى ئۆتكۈزۈش كەڭ ئاساسقا ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە.

جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى، «شىنجاڭ ياخشى جاي» شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى، شىنجاڭ مەدەنىيەت - سەنئەت بايرىمى... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ بايرام تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ۋاسىتە قىلىپ، خەلق ئىچى سەنئىتىنى ۋاقىت ئۇزارغانسېرى جۇلالاندۇردى. ناخشا - ئۇسسۇل، شېئىر، سۈرەت شەكلىدىكى چوڭ تىپلىق تىياتىر «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» دۆلەت ئىچى - سىرتىدا سەييارە قويۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇنەۋۋەر خەلق ئىچى مەدەنىيەت - سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا كەڭ كۆرگەزمە سۇپىسى ھازىرلاپ بەردى.

ھەممىنى سىغدۇرۇش، بۇ نۆۋەتلىك سەنئەت پەسلىدە 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى 53 ئەترەت توپلىنىپ خەلق ئىچى سەنئىتى ئويۇن قويۇش چاسا ئەترىتى بولۇپ شەكىللىنىپ سەييارە ئويۇن قويىدۇ. لەرزان خەلق ناخشىلىرىدىن جۇشقۇن داقا - دۇمباققىچە، خەتەرلىك سېرىك ئويۇنىدىن ئاۋات كوچا ئويۇنىغىچە، «داپ چېلىنىپ ئېيتىلدى ناخشا»دىن «كۆپچىلىك بىرلىكتە ئۇسسۇل ئوينايلى»غىچە، ئاجايىپ قالتىس بولغان پۈتۈن مەملىكەتتىكى مۇنەۋۋەر خەلق ئىچى سەنئەت نومۇرلىرى نامايان قىلىنىدۇ.

بۇ نۆۋەتلىك سەنئەت پەسلىدىكى مۇھىم ئاساسىي پائالىيىتىنىڭ بىرى بولغان تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلق ئىچى سەنئىتى پەسلىدىكى مۇنەۋۋەر تىياتىر نومۇرلىرى كۆرىكى ۋە 2024 - يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئېسىل نومۇرلار كۆرىكى 8 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. 17 كەسپىي ئورۇن - ئۆمەك 21 سەھنە ئەسىرىنى ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ كۇنچۈ تىياتىرى، خۇاڭمېيشى تىياتىرى، يۈجۈ تىياتىرى، چىنچياڭ ئەلنەغمىسى، دىراما، ئۇسسۇللۇق تىياتىر، ئوپېرا، سېرك تىياتىرى، بالىلار تىياتىرى، مىللىي مۇزىكا، چۈيى سەنئىتى قاتارلىق كۆپ خىل سەنئەت تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مەخسۇس مەيدان ئويۇنلىرىدىن باشقا يەنە جېزى تىياتىرى مەخسۇس مەيدانى، ئۇنىۋېرسال سەنئەت كېچىلىكى، ناخشا كېچىلىكى قاتارلىقلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا قالتىس، كىلاسسىك ئەسەرلەرگە ۋارىسلىق قىلىدىغان بىر مەيدان سەنئەت كاتتا زىياپىتىنى ھازىرلاپ بېرىدۇ.

«بۇ نۆۋەتلىك سەنئەت پەسلىدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى مۇنەۋۋەر خەلق ئىچى سەنئىتى نومۇرلىرىنى كىرگۈزۈش، شىنجاڭنىڭ مۇنەۋۋەر خەلق ئىچى سەنئىتى نومۇرلىرىنى سىرتقا چىقىرىشقا تەشكىللىنىپ، خەلق ئىچى سەنئىتىنى قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇنۇپلا قالماي، شىنجاڭنىڭ مول، رەڭدار خەلق ئىچى سەنئىتى شەكلى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن يۇقىرى ئۆرلەشتەك روھىي قىياپىتى نامايان قىلىنىدۇ، يەنە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى ئالغا سىلجىتىلىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى يۈ جيې.

گۈزەل، رەڭدار شىنجاڭنى نامايان قىلىش

«ئالمىخان ئۆيىڭىز نەدە؟ تۇرپاننىڭ غەربىدىكى 360 تا...» 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەنئەت ئورنىنىڭ رېپېتىتسىيە زالىدىن شادىيانە مۇزىكا ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. تۇنجى نۆۋەتلىك سەنئەت پەسلىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى كۆرىكىگە قاتنىشىش ئۈچۈن، ئارتىسلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ناخشا - ئۇسسۇللۇق ساياھەت نومۇرى «ئالمىخان سىز نەدە»نى رېپېتىتسىيە قىلىۋاتاتتى. شۇ ناملىق خەلق ناخشىسىدىن ئىجاد قىلىنغان بۇ ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسىرى 2023 - يىلى 4 - ئايدا تۇنجى مەيدان قويۇلغاندىن بۇيان، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى ھەم ساياھەتچىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، «ياخشى كۆرۈشكە، ياخشى باھاغا ئېرىشكەن» ئەدەبىيات - سەنئەت نادىر ئەسىرى بولۇپ قالدى.

«ئۈرۈمچى شەھىرىدىن جەمئىي ئۈچ ئەترەت باشلىنىش مۇراسىمى كۆرىكىگە قاتنىشىدۇ، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا شەھەرلىك سەنئەت ئورنى، شەھەرلىك جىڭجۈ تىياتىرى ئۆمىكى، شەھەرلىك چىنچياڭ ئەلنەغمە تىياتىر ئۆمىكىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، جەمئىي 80 نەچچە ئادەم بار. نۆۋەتتە، بىز نومۇرلارنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، كۆپچىلىككە قالتىس نومۇرلارنى كۆرسىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لى پېڭ.

ھازىر، شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرى، ھەتتا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ساياھەتچىلەرنى بەس - بەستە كېلىشكە جەلپ قىلماقتا، بۇنىڭغا بىر جەھەتتىن گۈزەل مەنزىرە، يەنە بىر جەھەتتىن مول - رەڭدار خەلق ئىچى سەنئىتى سەۋەب بولغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئىچى سەنئىتىنى تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈش، كەسىپكە سىڭدۈرۈشكە پائال تۈرتكە بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى ئەنئەنىۋى ھۈنەر - سەنئەت خىزمەت پونكىتى − شىنجاڭ قومۇل ئەنئەنىۋى ھۈنەر - سەنئەت خىزمەت پونكىتىنى قۇردى، كوناشەھەر ناھىيەلىك مىللىي چالغۇ ياساش، ۋارىسلىق قىلىش، قوغداش بازىسى قاتارلىق تۆت ئورۇن دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك قوغداش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى تىزىملىكىگە كىردى، خەلق ئىچى سەنئىتى ھۈنەرخانىسى بېيىش كەسپىگە ئايلاندى، قاشتېشى ئويمىچىلىقى، يىپەك توقۇش - بوياش، گىلەم توقۇش، كەشتىچىلىك قاتارلىق ئەنئەنىۋى ھۈنەر - سەنئەت ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بېيىشىدىكى يېڭى ماھارەتكە ئايلاندى.

بۇ نۆۋەتلىك سەنئەت پەسلىدە داڭلىق ماركىلىق سەييارە ئويۇن قويۇش، كۆرەك پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەندىن سىرت، يەنە مەملىكەتلىك مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كۆرگەزمىسى ھەم شىنجاڭ مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش يىغىنى، شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىرى، «بىرلىكتە شىنجاڭ ئۇسسۇلى ئوينايلى» ھەمتۈرتكىلىك ھېس قىلىش، شىنجاڭ مەززىلىك تائاملار يىغىلىشى، باش تېمىلىق «كاتتا مەرىكە»، دېھقانلار رەسىملىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭدا كەڭ تارقالغان، جۇڭخۇا مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىدىن تولۇق ئوزۇق ئالغان، زامانىۋى مەدەنىيلىك يۇغۇرۇلغان خەلق ئىچى سەنئەت ئەسەرلىرى مەركەزلىك نامايان قىلىنىپ، ھەر مىللەت ئامما كەڭ دائىرىدە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىنىدۇ.

تۇنجى نۆۋەتلىك سەنئەت پەسلىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى «نەنسەن چارۋىچىلىق مەيدانى ئات ئۈستى مۇزىكا يىغىلىشى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «ئويۇن قويۇش + ساياھەت + مۇزىكا»نى بىرلەشتۈرۈش شەكلى ئارقىلىق، خەلق ئۆرپ - ئادىتى پائالىيىتى كۆرگەزمىسى، ئوتلاق مۇزىكا يىغىلىشى قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى ئۈرۈمچىگە كېلىپ سەيلە - ساياھەت قىلىشقا، «ئات ئۈستى ساياھىتى»نىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە خۇشاللىقىنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلىدۇ.

«بىز تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلق ئىچى سەنئىتى پەسلىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئالماشتۇرۇش، نامايان قىلىش، يۇغۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا يېڭى ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، خەلق ئىچى سەنئىتى پەسلىدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى سىڭدۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا، ھېس قىلىشقا جەلپ قىلىپ، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.» يۈ جيې مۇنداق دېدى: شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى ئارقىلىق، ساياھەت لىنىيەسى بەرپا قىلىپ، «ئويۇن قويۇشقا ئەگىشىپ ساياھەت قىلىش» «مۇنەۋۋەر نومۇرلارنى كۆرۈپ ساياھەت قىلىش»نى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى قىياپىتى، يېڭى كەيپىياتىنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ نۇقتىدىن، ئىستېرېئولۇق نامايان قىلىمىز.

مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش

بۇ نۆۋەتلىك سەنئەت پەسلىدە ئوينىلىدىغان 15 مەيدان ئېسىل نومۇرلار كۆرىكىگە توردا ئالدىن كېلىشىش، ئومۇمىي خەلق ھەقسىز كۆرۈش قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى يولغا قويۇلغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دىرامىنى ياخشى كۆرىدىغان ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ياڭ مىڭيۈ «91 بېلەت ئىشلىرى»غا چىقىپ، نۆل يۈەنگە كۇنچۈ تىياتىرى «مۇدەنتىڭ»نىڭ بېلىتىدىن ئىككىنى ۋە يۈجۈ تىياتىرى «بەيشېجۇەن»نىڭ بېلىتىدىن ئىككىنى سېتىۋالدى، «بۇ ئېسىل ئويۇنلارنىڭ بېلىتىنى سېتىۋېلىش ئادەتتە بەك تەس ئىدى، ئەمما بۇ نۆۋەتلىك سەنئەت پەسلىدە ھەقسىز كۆرەلەيدىغان بولدۇق، ھەقىقەتەن خۇشاللىنارلىق ئىش بولدى».

يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن بۇيان، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەتكە بولغان ئېھتىياجى «باربولۇش - بولماسلىق، كەم بولۇش - بولماسلىق»تىن «ياخشى بولۇش - بولماسلىق، سەرخىل بولۇش - بولماسلىق»قا يۈكسەلدى. يېڭى دەۋردە، شىنجاڭ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن زامانىۋى تۇرمۇشنىڭ باغلىنىش نۇقتىسىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ئەنئەنىۋى بايرام ۋە مۇھىم تۈگۈنلەرنى چۆرىدەپ، «تۆت ساراي، بىر پونكىت»، مەدەنىيەت ھويلىسى، يېزا - كەنت چوڭ سەھنىسى قاتارلىق مەدەنىيەت بازىلىرى ۋە تور سۇپىلىرىنى جانلىق، ياخشى ئىشلىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت بايلىقى ۋە مۇلازىمەتنى پۇقرالارغا يەتكۈزدى. 2023 - يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە 130 مىڭ مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، 80 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم قېتىمغا نەپ يەتكۈزۈلۈپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇلدى.

خەلقنىڭ بايرىمى، سەنئەت كاتتا مەرىكىسى. بۇ نۆۋەتلىك سەنئەت پەسلىدىكى كەسپىي نومۇر كۆرىكىنىڭ ئويۇن قويۇش سەۋىيەسى يۇقىرى، قوشۇنى كۈچلۈك، سانى كۆپ، سۈپىتى ئەلا، تۈرى مول بولۇپ، بېلەت ئىشلىرى خىزمىتىدە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئويۇنى قويۇش شەكلى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلدى. «مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئەدەبىيات - سەنئەت ئورنى، ئۆمىكى ۋە جايلاردىكى كەسپىي ئەدەبىيات - سەنئەت ئورنى، ئۆمىكى 15 مەيدان مۇنەۋۋەر سەھنە سەنئىتى نومۇرىنى ئېلىپ كېلىدۇ، شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم ئومۇمىي خەلق ھەقسىز كۆرۈش يولغا قويۇلىدۇ، 2024 - يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئېسىل نومۇرلار كۆرىكىدە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بېلەت باھاسى يولغا قويۇلۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشى مۇنەۋۋەر خەلق ئىچى سەنئىتى ئەسەرلىرى بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشىش ۋە ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىنىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە بىرلىكتە ھۇزۇرلىنىش، ئورتاق بەھرىلىنىش، بىللە كۆڭۈل ئېچىش كەيپىياتى يارىتىلىدۇ» دەپ تونۇشتۇردى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى سەنئەت باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ياۋ تاۋ.

8 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە، بۇ نۆۋەتلىك سەنئەت پەسلىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى سەييارە ساياھەت پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان ھەرقايسى ۋەكىللەر ئەترىتى ئوخشاش بولمىغان نومۇرلار بىرىكمىسىنى تەييارلاپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار، ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق باغچىسى، تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسى، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى قاتارلىق 16 زال سىرتى سەھنىسىدە 59 مەيدان خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئويۇنى قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۆزگىچە نومۇرلار يۇغۇرۇلغان ئۇنىۋېرسال ئويۇننى كۆرسىتىدۇ. سەنئەت پەسلى مەزگىلىدە يەنە 11 ئۆلكىنىڭ ئويۇن قويۇش چاسا ئەترەتلىرى شىنجاڭدىكى جايلار ۋە بىڭتۇەننىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىغا بېرىپ سەييارە ئويۇن قويۇشقا تەشكىللىنىدۇ.

مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەندى، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈلدى، مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ئاممىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتى. تۇنجى نۆۋەتلىك خەلق ئىچى سەنئىتى پەسلىنىڭ قاپلاش دائىرىسى كەڭ، پائالىيەت ۋاقتى ئۇزاق، تور سىرتىدىكى پائالىيەت 2024 - يىلى 8 - ئايدىن 2025 - يىلىغىچە داۋاملىشىدۇ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى مەدەنىيەت ھويلىسى، بازار، مەيدان، سودا كوچىسى، ساياھەت مەنزىرە رايونى قاتارلىقلاردا بىرقانچە ئاممىۋى چوڭ سەھنە ياسىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا قاتنىشىشىغا قولايلىق يارىتىلىدۇ.

ئانار گۈلى ئېچىلىپ، ئورتاق ئارزۇ مۇجەسسەملەندى، يەر - جاھاندا شادلىق ناخشىسى ياڭراپ جۇڭخۇا جۇلالاندى. تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلق ئىچى سەنئىتى پەسلى كىشىلەرگە چەكسىز ئۈمىد ئېلىپ كەلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.