2024-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى
8-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى بەنفاڭگۇ يېزىسى خېشېڭ كەنتىنىڭ سۇ تېجەيدىغان، شورغا چىداملىق چۈجگۈن قوناق ئېتىزىغا بوشلۇقتىن نەزەر (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). ھازىر، بۇ كەنت تېرىغان 4000 مو سۇ تېجەيدىغان، شورغا چىداملىق چۈجگۈن قوناقتىن مول ھوسۇل ئېلىندى. بۇ چۈجگۈن قوناق شىنجاڭ چۈجگۈن قوناق كەسپى تېخنىكا تەتقىقات يۇرتى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى بىلەن بىرلىكتە كۆپ يىل تاللاپ يېتىشتۈرۈش، شالغۇتلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېتىشتۈرگەن يېڭى سورت بولۇپ، پۈتۈن ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە پەقەت ئۈچ قېتىم سۇغىرىشقا توغرا كېلىدۇ، باشقا زىرائەتلەرگە قارىغاندا %40تىن ئارتۇق سۇ تېجەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە مەھسۇلات مىقدارى يۇقىرى، تەمى يۇمشاق، يېپىشقاق، سۈپىتى ياخشى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، شورلۇق يەرلەرنى ياخشىلاش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ سۇ تېجەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى