تىيانشان تورى
8-ئاينىڭ 15-كۈنى
ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى
ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلدى
ياز، كۈز پەسىللىرىدە ئۈچەي يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى كۆپ كۆرۈلىدۇ
كۆپچىلىك يېمەك-ئىچمەك تازىلىقىغا دىققەت قىلىشى كېرەك
«ياز ۋە كۈز پەسلىدە تېمپېراتۇرا يۇقىرى، نەملىك دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ، كېسەللىك قوزغاتقۇچى مىكروبلار ئاسان پەيدا بولۇپ كۆپىيىدۇ، بۇ پەسىل ئۈچەي يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان پەسىل ھىسابلىنىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش ئورنىنىڭ مۇدىرى فىرقەت ھۇشۇر مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۈچەي يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى تەرەتتىن يۇقۇملىنىش ئارقىلىق تارقىلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، باكتېرىيەلىك تولغاق، يۇقۇملۇق ئىچى سۈرۈش، كېزىك ياكى پاراتىف، A تىپلىق جىگەر ياللۇغى قاتارلىقلار دائىم كۆرۈلىدۇ، ئاساسلىق كىلىنىكىلىق ئالامەتلىرى ئاشقازان-ئۈچەي يولى كېسەللىك ئالامەتلىرى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. ئاغرىق ھەر كۈنى ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق تەرەت قىلىدۇ، كۆپىنچە سۇدەك تەرەت، شىلىمشىق تەرەت، قان ئارىلاش تەرەت قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ قورساق ئاغرىش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
ئادەتتىكى ئۈچەي ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش خاراكتېرلىك ئىچ سۈرۈش ئالامەتلىرى بىر قەدەر يېنىك بولۇپ، ئۆزلۈكىدىن ساقىيىدۇ. كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر ئاغرىقلاردا ئىككىلەمچى سۇسىزلىنىش، ئېلېكترولىت قالايمىقانلىشىش، شوك بولۇپ قېلىش، قان ئېرىش خاراكتېرلىك سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش يىغىندى ئالامىتى قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ، قىزىش، باش ئاغرىش قاتارلىق پۈتۈن بەدەن كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا داۋالانمىسا ياكى مۇۋاپىق داۋالانمىسا ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ئۈچەي يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى تۇيۇقسىز قوزغىلىدۇ، يۇقۇشچانلىقى كۈچلۈك
ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تۆت نۇقتىنى ياخشى قىلىش كېرەك
ئىچىدىغان سۇ تازىلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك
قاينىتىلمىغان سۇ ئىچمەسلىك، ئىچىدىغان سۇنى قايناتقاندىن كېيىن ئىچىش كېرەك.
يېمەكلىك تازىلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك
خام ۋە پىششىق يېمەكلىكلەرنى ئايرىم ساقلاش، گىرەلەشمە بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك؛ ھەددىدىن زىيادە كۆپ يەۋالماسلىق، چىرىگەن، سۈپىتى ئۆزگەرگەن يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك؛ توڭلاتقۇدا ساقلانغان بىۋاسىتە يېگىلى بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى تولۇق پىشۇرۇش، بولۇپمۇ گۆش تۈرىدىكىلەرنى تولۇق پىشۇرۇش كېرەك. ئېشىپ قالغان تاماق، قورۇمىلارنى ئىمكانقەدەر يېمەسلىك كېرەك؛ قۇلۇلە قېپى، قۇلۇلە، قىسقۇچپاقا قاتارلىق سۇ مەھسۇلاتلىرىنى ئىمكانقەدەر خام، يېرىم خام يېمەسلىك كېرەك؛ كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى ئاۋۋال سۈزۈك سۇغا چىلاپ قويۇش، ئاندىن پاكىز سۇ بىلەن ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق يۇيۇش، بولۇپمۇ يوپۇرمىقى، يىلتىزى بار كۆكتاتلارنىڭ كۆكتات يىلتىزىنى يۇيۇشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك؛ چىۋىندىن ساقلىنىش، سۈۋەرەك يوقىتىش، قالايمىقان ئەخلەت تاشلىماسلىق كېرەك.
ياخشى بولغان تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك
قول تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، ئادەتتە قولنى دائىم يۇيۇش، تاماقتىن ئىلگىرى ۋە تەرەتتىن كېيىن قولنى يۇيۇش كېرەك؛ بارلىق تاماق ئېتىش سايمانلىرى ۋە قاچا-قۇچىلارنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن پاكىز يۇيۇش ھەم قۇرغاق ساقلاش كېرەك.
ئىچى سۈرۈپ قالغان ئاغرىقلار بىلەن ئۇچرىشىشنى مۇمكىنقەدەر ئازايتىش كېرەك
ئاغرىقلار ئىشلەتكەن قاچا-قۇچا، تەرەت قاچىسى، يوتقان-كۆرپىلەرنى دېزىنفېكسىيە قىلىپ، كېسەللىكنىڭ تارقىلىشى ۋە يامرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
شۇنىڭ بىلەن بىللە
يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە دىققەت قىلىپ
تەڭپۇڭ غىزالىنىش، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش
بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش
كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك
«ئەگەر ئىچى سۈرۈش كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولمىسا، ئادەتتە يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش، ئارام ئېلىش، كېسەلگە قاراپ داۋالاش ئارقىلىق، ئىككى كۈندىن ئۈچ كۈنگىچە بولغان ۋاقىتتا كېسەللىك ئەھۋالىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. فىرقەت ھوشۇر مۇنداق ئەسكەرتتى: ئىچى سۈرۈش ئېغىر بولغانلار، بولۇپمۇ سۇسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەنلەر، ۋاقتىدا دوختۇرخانىنىڭ ئۈچەي يولى ئامبۇلاتورىيەسىگە بېرىپ داۋالىنىشى كېرەك. ئىچى سۈرگەن مەزگىلدە، سۇيۇق-سەلەڭ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان سۇيۇق ياكى سەل سۇيۇق يېمەكلىكلەرنى يېيىش، كېسەللىك ئالامىتى ياخشىلانغاندىن كېيىن تەدرىجىي نورمال ئوزۇقلىنىشقا ئۆتۈش كېرەك. سۇسىزلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، شېكەرلىك تۇز سۈيىنى كۆپرەك ئىچىش، ئەڭ ياخشىسى دورىخانىدىن «ئىچىدىغان سۇيۇقلۇق تولۇقلايدىغان تۇز»(كوۋ فۇ بۇيېيەن) سېتىۋېلىش كېرەك. سۇسىزلانغان ياكى ئېغىر دەرىجىدە قۇسۇپ سۇ ئىچەلمىگەن ئاغرىقلار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ۋېنادىن سۇيۇقلۇق تولۇقلاش قاتارلىق داۋالاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك.